< ئايۇپ 28 >
ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛ | 1 |
은은 나는 광이 있고 연단하는 금은 나는 곳이 있으며
تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ. | 2 |
철은 흙에서 취하고 동은 돌에서 녹여 얻느니라
ئىنسانلار [يەر ئاستىدىكى] قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ. | 3 |
사람이 흑암을 파하고 끝까지 궁구하여 음예와 유암 중의 광석을 구하되
ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. | 4 |
사람 사는 곳에서 멀리 떠나 구멍을 깊이 뚫고 발이 땅에 닿지 않게 달려 내리니 멀리 사람과 격절되고 흔들흔들 하느니라
ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛ | 5 |
지면은 식물을 내나 지하는 불로 뒤집는 것 같고
يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر. | 6 |
그 돌 가운데에는 남보석이 있고 사금도 있으며
ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن. | 7 |
그 길은 솔개도 알지 못하고 매의 눈도 보지 못하며
ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان. | 8 |
위엄스러운 짐승도 밟지 못하였고 사나운 사자도 그리로 지나가지 못하였느니라
ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. | 9 |
사람이 굳은 바위에 손을 대고 산을 뿌리까지 무너뜨리며
تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛ | 10 |
돌 가운데로 도랑을 파서 각종 보물을 눈으로 발견하고
يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ. | 11 |
시냇물을 막아 스미지 않게 하고 감취었던 것을 밝은 데로 내느니라
بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ | 12 |
그러나 지혜는 어디서 얻으며 명철의 곳은 어디인고
ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس. | 13 |
그 값을 사람이 알지 못하나니 사람 사는 땅에서 찾을 수 없구나
[يەر] تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ. | 14 |
깊은 물이 이르기를 내 속에 있지 아니하다 하며 바다가 이르기를 나와 함께 있지 아니하다 하느니라
دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس. | 15 |
정금으로도 바꿀 수 없고 은을 달아도 그 값을 당치 못하리니
ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ. | 16 |
오빌의 금이나 귀한 수마노나 남보석으로도 그 값을 당치 못하겠고
ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس. | 17 |
황금이나 유리라도 비교할 수 없고 정금 장식으로도 바꿀 수 없으며
ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر. | 18 |
산호나 수정으로도 말할 수 없나니 지혜의 값은 홍보석보다 귀하구나
ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. | 19 |
구스의 황옥으로도 비교할 수 없고 순금으로도 그 값을 측량하지 못하리니
ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ | 20 |
그런즉 지혜는 어디서 오며 명철의 곳은 어디인고
چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ. | 21 |
모든 생물의 눈에 숨겨졌고 공중의 새에게 가리워졌으며
ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ. | 22 |
멸망과 사망도 이르기를 우리가 귀로 그 소문은 들었다 하느니라
ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر. | 23 |
하나님이 그 길을 깨달으시며 있는 곳을 아시나니
چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. | 24 |
이는 그가 땅 끝까지 감찰하시며 온 천하를 두루 보시며
ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، [دۇنيانىڭ] سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە، | 25 |
바람의 경중을 정하시며 물을 되어 그 분량을 정하시며
يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە، | 26 |
비를 위하여 명령하시고 우뢰의 번개를 위하여 길을 정하셨음이라
ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ، | 27 |
그 때에 지혜를 보시고 선포하시며 굳게 세우시며 궁구하셨고
ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». | 28 |
또 사람에게 이르시기를 주를 경외함이 곧 지혜요 악을 떠남이 명철이라 하셨느니라