< ئايۇپ 27 >
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Ayup bayanini dawamlashturup mundaq dédi: —
«مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، | 2 |
«Méning heqqimni tartiwalghan Tengrining hayati bilen, Jénimni aghritqan Hemmige Qadirning heqqi bilen qesem qilimenki,
تېنىمدە نەپەس بولسىلا، تەڭرىنىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا، | 3 |
Ténimde nepes bolsila, Tengrining bergen Rohi dimighimda tursila,
لەۋلىرىمدىن ھەققانىيسىز سۆزلەر چىقمايدۇ، تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ! | 4 |
Lewlirimdin heqqaniysiz sözler chiqmaydu, Tilim aldamchiliq bilen héch shiwirlimaydu!
سىلەرنىڭكىنى توغرا دېيىش مەندىن يىراق تۇرسۇن! جېنىم چىققانغا قەدەر دۇرۇسلۇقۇمنى ئۆزۈمدىن ئايرىمايمەن! | 5 |
Silerningkini toghra déyish mendin yiraq tursun! Jénim chiqqan’gha qeder durusluqumni özümdin ayrimaymen!
ئادىللىقىمنى چىڭ تۇتۇۋېرىمەن، ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن، ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن! | 6 |
Adilliqimni ching tutuwérimen, uni qoyup bermeymen, Wijdanim yashighan héchbir künümde méni eyiblimisun!
مېنىڭ دۈشمىنىم رەزىللەرگە ئوخشاش بولسۇن، ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن. | 7 |
Méning düshminim rezillerge oxshash bolsun, Manga qarshi chiqqanlar heqqaniysiz dep qaralsun.
چۈنكى تەڭرى ئىپلاس ئادەمنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟ | 8 |
Chünki Tengri iplas ademni üzüp tashlighanda, Uning jénini alghanda, Uning yene néme ümidi qalar?
بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە، تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟ | 9 |
Balayi’apet uni bésip chüshkende, Tengri uning nale-peryadini anglamdu?
ئۇ ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟ | 10 |
U Hemmige Qadirdin söyünemdu? U herdaim Tengrige iltija qilalamdu?
مەن تەڭرىنىڭ قولىنىڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرەي؛ ھەممىگە قادىردا نېمە بارلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيمەن. | 11 |
Men Tengrining qolining qilghanliri toghrisida silerge melumat bérey; Hemmige Qadirda néme barliqini yoshurup yürmeymen.
مانا سىلەر ئاللىبۇرۇن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭلار؛ سىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق پۈتۈنلەي قۇرۇق خىياللىق بولۇپ قالدىڭلار؟ | 12 |
Mana siler alliburun bularni körüp chiqtinglar; Siler némishqa ashundaq pütünley quruq xiyalliq bolup qaldinglar?
رەزىل ئادەملەرنىڭ تەڭرى بېكىتكەن ئاقىۋىتى شۇنداقكى، زوراۋانلارنىڭ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان نېسىۋىسى شۇنداقكى: ــ | 13 |
Rezil ademlerning Tengri békitken aqiwiti shundaqki, Zorawanlarning Hemmige Qadirdin alidighan nésiwisi shundaqki: —
ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ. | 14 |
Uning baliliri köpeyse, qilichlinish üchünla köpiyidu; Uning perzentlirining néni yétishmeydu.
ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ. | 15 |
Uning özidin kéyin qalghan ademliri ölüm bilen biwasite depne qilinidu, Buning bilen qalghan tul xotunliri matem tutmaydu.
ئۇ كۈمۈشلەرنى توپا-چاڭدەك يىغىپ دۆۋىلىسىمۇ، كىيىم-كېچەكلەرنى لايدەك كۆپ يىغسىمۇ، | 16 |
U kümüshlerni topa-changdek yighip döwilisimu, Kiyim-kécheklerni laydek köp yighsimu,
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىسىمۇ، بىراق كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ؛ بىگۇناھلارمۇ كۈمۈشلەرنى بۆلۈشىدۇ. | 17 |
Bularning hemmisini teyyarlisimu, Biraq kiyimlerni heqqaniylar kiyidu; Bigunahlarmu kümüshlerni bölüshidu.
ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك، ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ. | 18 |
Uning yasighan öyi perwanining ghozisidek, Üzümzarning közetchisi özige salghan kepidek bosh bolidu.
ئۇ باي بولۇپ يېتىپ دەم ئالغىنى بىلەن، بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىدۇكى، كۆزىنى ئاچقاندا، ئەمدى تۈگەشتىم دەيدۇ. | 19 |
U bay bolup yétip dem alghini bilen, Biraq eng axirqi qétim kéliduki, Közini achqanda, emdi tügeshtim deydu.
ۋەھىمىلەر كەلكۈندەك بېشىغا كېلىدۇ؛ كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ. | 20 |
Wehimiler kelkündek béshigha kélidu; Kechte qara quyun uni changgiligha alidu.
شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛ شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ. | 21 |
Sherq shamili uni uchurup kétidu; Shiddet bilen uni ornidin élip yiraqqa étip tashlaydu.
بوران ئۇنى ھېچ ئايىماي، بېشىغا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئۇرۇنىدۇ؛ | 22 |
Boran uni héch ayimay, béshigha urulidu; U uning changgilidin qutulush üchün he dep urunidu;
بىراق [شامال] ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ، ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ». | 23 |
Biraq [shamal] uninggha qarap chawak chalidu, Uni ornidin «ush-ush» qilip qoghliwétidu».