< ئايۇپ 26 >
ئايۇپ [بىلدادقا] جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Ayup [Bildadⱪa] jawabǝn mundaⱪ dedi: —
«ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ! بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ! | 2 |
«Maƣdursiz kixigǝ ⱪaltis yardǝmlǝrni beriwǝtting! Bilǝkliri küqsiz adǝmni karamǝt ⱪutⱪuzuwǝtting!
ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ! ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ! | 3 |
Əⱪli yoⱪ kixigǝ ⱪaltis nǝsiⱨǝtlǝrni ⱪiliwǝtting! Wǝ uningƣa alamǝt bilimlǝrni namayan ⱪiliwǝtting!
سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟ سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟ | 4 |
Sǝn zadi kimning mǝditi bilǝn bu sɵzlǝrni ⱪilding? Sǝndin qiⱪiwatⱪini kimning roⱨi?
ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر، شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛ | 5 |
— «Ərwaⱨlar, yǝni su astidikilǝr, Xundaⱪla u yǝrdǝ barliⱪ turuwatⱪanlar tolƣinip ketidu;
بەرھەق، [خۇدانىڭ] ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر. (Sheol ) | 6 |
Bǝrⱨǝⱪ, [Hudaning] aldida tǝⱨtisaramu yepinqisiz kɵrünidu, Ⱨalakǝtningmu yapⱪuqi yoⱪtur. (Sheol )
ئۇ [يەرنىڭ] شىمالىي [قۇتۇپىنى] ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، ئۇ يەر [شارىنى] بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛ | 7 |
U [yǝrning] ximaliy [ⱪutupini] alǝm boxluⱪiƣa sozƣan, U yǝr [xarini] boxluⱪ iqidǝ muǝllǝⱪ ⱪilƣan;
ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ، بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. | 8 |
U sularni ⱪoyuⱪ bulutliri iqigǝ yiƣidu, Bulut ularning eƣirliⱪi bilǝnmu yirtilip kǝtmǝydu.
ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ. | 9 |
U ayning yüzini yapidu, U bulutliri bilǝn uni tosidu.
ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن. | 10 |
U sularning üstigǝ qǝmbǝr sizip ⱪoyƣan, Buning bilǝn U yoruⱪluⱪ ⱨǝm ⱪarangƣuluⱪning qegrasini bekitkǝn.
ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. | 11 |
Asmanlarning tüwrükliri tǝwrǝp ketidu, Uning ǝyibini anglapla alaⱪzadǝ bolup ketidu.
ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛ ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە-پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ. | 12 |
U dengizni ⱪudriti bilǝn tinqlanduridu; Ɵz ⱨekmiti bilǝn Raⱨabni parǝ-parǝ ⱪilip yanjiwetidu.
ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن، ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ. | 13 |
Uning Roⱨi bilǝn asmanlar bezǝlgǝn, Uning ⱪoli tez ⱪaqⱪan ǝjdiⱨani sanjiydu.
مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس! ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!». | 14 |
Mana, bu ixlar pǝⱪǝt uning ⱪilƣanlirining kiqikkinǝ bir ⱪismidur, halas; Uning sɵz-kalamidin anglawatⱪinimiz naⱨayiti pǝs bir xiwirlax, halas! Uning pütkül zor ⱪudritining güldürmamisini bolsa kimmu qüxinǝlisun?!».