< ئايۇپ 25 >
شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Then Bildad the Shuhite replied:
«ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ. | 2 |
“Dominion and awe belong to God; He establishes harmony in the heights of heaven.
ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟ | 3 |
Can His troops be numbered? On whom does His light not rise?
ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟ | 4 |
How then can a man be just before God? How can one born of woman be pure?
مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە، | 5 |
If even the moon does not shine, and the stars are not pure in His sight,
قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى [ئۇنىڭ ئالدىدا] قانداق بولار؟». | 6 |
how much less man, who is but a maggot, and the son of man, who is but a worm!”