< ئايۇپ 24 >
ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر [سوراق] كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟ | 1 |
— Nemixⱪa Ⱨǝmmigǝ Ⱪadir [soraⱪ] künlirini bekitmǝydu? Nemixⱪa Uni tonuƣanlar Uning xu künlirini bikardin-bikar kütidu?
مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى [ئوچۇق-ئاشكارا] باقىدۇ؛ | 2 |
Mana, adǝmlǝr pasil ⱪilinƣan taxlarni yɵtkiwetidu; Ular zorawanliⱪ bilǝn baxⱪilarning padilirini bulap-talap ɵzliri [oquⱪ-axkara] baⱪidu;
ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ. | 3 |
Ular yetim-yesirlarning exikini bulap ⱨǝydǝp ketidu; Ular tul hotunning kalisini kepillik üqün eliwalidu.
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ. | 4 |
Ular miskinlǝrni yoldin neri ittiriwetidu; Xuning bilǝn zemindiki ezilgǝnlǝrning ⱨǝmmisi mɵküxüwalidu.
مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ. | 5 |
Mana, ular dǝxt-bayawanlardiki yawayi exǝklǝrdǝk, Tang sǝⱨǝrdǝ olja izdǝx «hizmiti»gǝ qiⱪidu; Janggal ular wǝ ularning baliliri üqün yemǝklik tǝminlǝydu.
ئۇلار ياماننىڭ [كالىلىرى] ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛ | 6 |
Ular yamanning [kaliliri] üqün dalada ot-qɵp oridu, Uning üqün axⱪan-taxⱪan üzümlirini teriydu;
ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر. | 7 |
Ular keqini kiyimsiz yalang ɵtküzidu, Soƣuⱪta bolsa yepinƣudǝk kiyimi yoⱪtur.
ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ. | 8 |
Ular taƣⱪa yaƣⱪan yamƣurlar bilǝn süzmǝ bolup ketidu, Panaⱨsizliⱪidin taxni ⱪuqaⱪlixidu.
ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن [بوۋاقلارنى] كېپىللىككە ئالىدۇ. | 9 |
Adǝmlǝr atisiz balilarni ǝmqǝktin bulap ketidu, Ular miskinlǝrdin [bowaⱪlarni] kepillikkǝ alidu.
[مىسكىنلەر بولسا] كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛ | 10 |
[Miskinlǝr bolsa] kiyimsiz, yeling ɵtidu, Baxⱪilar üqün buƣday baƣlirini kɵtürsimu, yǝnila aq ⱪalidu;
ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ. | 11 |
Ular baxⱪilarning ɵyidǝ zǝytunlarni qǝylǝp yaƣ qiⱪarƣan bolsimu, Ⱨoylilirida xarab kɵlqikini qǝyligǝn bolsimu, Yǝnila ussuzluⱪta ⱪalidu.
شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ. | 12 |
Xǝⱨǝrdin adǝmlǝrning aⱨ-zarliri qiⱪip turidu, Ⱪiliq yegǝnlǝrning janliri nalǝ-pǝryad kɵtüridu; Biraⱪ Tǝngri ⱨeqkimning iplasliⱪini ǝyiblimǝydu.
ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ. | 13 |
— Nurƣa ⱪarxi isyan kɵtüridiƣanlarmu bar; Ular nurning yollirini bilmǝydu, Uning tǝriⱪiliridǝ turmaydu.
قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ. | 14 |
Ⱪatil tang nuri kelixi bilǝn ornidin turup, Kǝmbǝƣǝllǝr wǝ miskinlǝrni ɵltüridu; Keqidǝ u oƣridǝk yüridu.
زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ. | 15 |
Zinahormu «Meni ⱨeq kɵz kɵrmǝydu» dǝp zawal waⱪtini kütidu, Baxⱪilar meni tonumisun dǝp ayalning qümbilini yüzigǝ tartiwalidu.
قاراڭغۇلۇقتا [ئوغرىلار] ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ. | 16 |
Ⱪarangƣuluⱪta [oƣrilar] ɵyning tamlirini kolap texidu; Kündüzdǝ ular ɵzlirini ɵz ɵyigǝ ⱪamap ⱪoyidu; Ular nurni tonumaydu.
ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ. | 17 |
Ular üqün tang sǝⱨǝr ɵlüm sayisidǝk tuyulidu; Ular ⱪap-ⱪarangƣuluⱪning wǝⱨimilirini dost tutidu.
ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن! | 18 |
Ular sularning yüzidiki kɵpüklǝrdǝk yoⱪap kǝtsun! Ularning yǝr-zemindiki nesiwisi lǝnǝt ⱪilinƣanki, Xunga ulardin ⱨeqkim üzümzarliⱪⱪa yǝnǝ mangmisun!
قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! (Sheol ) | 19 |
Ⱪurƣaⱪqiliⱪ ⱨǝm tomuz issiⱪ ⱪar sulirinimu yǝp tügitidu; Tǝⱨtisaramu ohxaxla gunaⱨ ⱪilƣanlarni yǝp tügǝtsun! (Sheol )
ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن! | 20 |
Uni, tuƣⱪan anisimu untusun! Ⱪurt xɵlgǝylirini eⱪitip uni yesun! Əskǝ ⱨeq elinmisun! Xuning bilǝn ⱨǝⱪⱪaniysizliⱪ dǝrǝhtǝk kesilsun!
ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. | 21 |
U balisi yoⱪ tuƣmaslardin olja alidu, U tul hotunlarƣimu ⱨeq xǝpⱪǝt kɵrsǝtmǝydu.
بىراق [خۇدا] ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ [كۈنىنى] ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. | 22 |
Biraⱪ [Huda] Ɵz ⱪudriti bilǝn mundaⱪ küq-ⱨoⱪuⱪi barlarning [künini] uzartidu; Ular ⱨǝtta ⱨayatidin ümidsizlǝnsimu ⱪaytidin ornidin turidu.
[خۇدا] يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟ | 23 |
[Huda] yǝnila ularni amanliⱪta muⱪimlaxturidu, Xunga ular hatirjǝm bolidu; U ularning yollirini kɵzdǝ tutⱪan ǝmǝsmu?
ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ. | 24 |
Ularning mǝrtiwisi birdǝmlik ɵstürülidu, Andin ular yoⱪ bolidu; Ular ongda ⱪaldurulidu, andin baxⱪa adǝmlǝrgǝ ohxaxla yiƣip elip ketilidu; Ular pǝⱪǝtla pixⱪan sǝrhil buƣday baxaⱪliridǝk kesilip ketidu.
بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟». | 25 |
Bu ixlar mundaⱪ bolmisa, ⱪeni kim meni yalƣanqi dǝp ispatliyalaydu. Mening gǝplirimni kim ⱪuruⱪ gǝp deyǝlǝydu?».