< ئايۇپ 24 >

ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر [سوراق] كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟ 1
なにゆゑに全能者時期を定めおきたまはざるや 何故に彼を知る者その日を見ざるや
مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى [ئوچۇق-ئاشكارا] باقىدۇ؛ 2
人ありて地界を侵し群畜を奪ひて牧ひ
ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ. 3
孤子の驢馬を驅去り 寡婦の牛を取て質となし
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ. 4
貧しき者を路より推退け 世の受難者をして盡く身を匿さしむ
مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ. 5
視よ彼らは荒野にをる野驢馬のごとく出て業を爲て食を求め 野原よりその子等のために食物を得
ئۇلار ياماننىڭ [كالىلىرى] ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛ 6
圃にて惡き者の麥を刈り またその葡萄の遺餘を摘む
ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر. 7
かれらは衣服なく裸にして夜を明し 覆ふて寒氣を禦ぐべき物なし
ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ. 8
山の暴風に濡れ 庇はるるところ無して岩を抱く
ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن [بوۋاقلارنى] كېپىللىككە ئالىدۇ. 9
孤子を母の懷より奪ふ者あり 貧しき者の身につける物を取て質となす者あり
[مىسكىنلەر بولسا] كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛ 10
貧き者衣服なく裸にて歩き 饑つつ麥束を擔ふ
ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ. 11
人の垣の内にて油を搾め また渇きつつ酒醡を踐む
شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ. 12
邑の中より人々の呻吟たちのぼり 傷けられたる者の叫喚おこる 然れども神はその怪事を省みたまはず
ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ. 13
また光明に背く者あり 光の道を知ず 光の路に止らず
قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ. 14
人を殺す者昧爽に興いで 受難者や貧しき者を殺し 夜は盜賊のごとくす
زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ. 15
姦淫する者は我を見る目はなからんと言てその目に昏暮をうかがひ待ち而してその面に覆ふ物を當つ
قاراڭغۇلۇقتا [ئوغرىلار] ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ. 16
また夜分家を穿つ者あり 彼等は晝は閉こもり居て光明を知らず
ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ. 17
彼らには晨は死の蔭のごとし 是死の蔭の怖ろしきを知ばなり
ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن! 18
彼は水の面に疾ながるる物の如し その產業は世の中に詛はる その身重ねて葡萄圃の路に向はず
قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! (Sheol h7585) 19
亢旱および炎熱は雪水を直に乾涸す 陰府が罪を犯せし者におけるも亦かくのごとし (Sheol h7585)
ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن! 20
これを宿せし腹これを忘れ 蛆これを好みて食ふ 彼は最早世におぼえらるること無く その惡は樹を折るが如くに折る
ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. 21
是すなはち孕まず產ざりし婦人をなやまし 寡婦を憐れまざる者なり
بىراق [خۇدا] ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ [كۈنىنى] ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. 22
神はその權能をもて強き人々を保存へさせたまふ 彼らは生命あらじと思ふ時にも復興る
[خۇدا] يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟ 23
神かれらに安泰を賜へば彼らは安らかなり 而してその目をもて彼らの道を見そなはしたまふ
ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ. 24
かれらは旺盛になり暫時が間に無なり卑くなりて一切の人のごとくに沒し麥の穗のごとくに斷る
بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟». 25
すでに是のごとくなれば誰か我の謬まれるを示してわが言語を空しくすることを得ん

< ئايۇپ 24 >