< ئايۇپ 23 >
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
約伯回答說:
«بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛ ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ-زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر! | 2 |
如今我的哀告還算為悖逆; 我的責罰比我的唉哼還重。
ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم! | 3 |
惟願我能知道在哪裏可以尋見上帝, 能到他的臺前,
شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم، ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم، | 4 |
我就在他面前將我的案件陳明, 滿口辯白。
مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم، ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم. | 5 |
我必知道他回答我的言語, 明白他向我所說的話。
ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟ ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى. | 6 |
他豈用大能與我爭辯嗎? 必不這樣!他必理會我。
ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛ شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم. | 7 |
在他那裏正直人可以與他辯論; 這樣,我必永遠脫離那審判我的。
ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن. | 8 |
只是,我往前行,他不在那裏, 往後退,也不能見他。
ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛ | 9 |
他在左邊行事,我卻不能看見, 在右邊隱藏,我也不能見他。
بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن. | 10 |
然而他知道我所行的路; 他試煉我之後,我必如精金。
مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم. | 11 |
我腳追隨他的步履; 我謹守他的道,並不偏離。
مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم. | 12 |
他嘴唇的命令,我未曾背棄; 我看重他口中的言語,過於我需用的飲食。
بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟ ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ. | 13 |
只是他心志已定,誰能使他轉意呢? 他心裏所願的,就行出來。
چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛ مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر. | 14 |
他向我所定的,就必做成; 這類的事他還有許多。
شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛ بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن. | 15 |
所以我在他面前驚惶; 我思念這事便懼怕他。
چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان، ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ. | 16 |
上帝使我喪膽; 全能者使我驚惶。
ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم. | 17 |
我的恐懼不是因為黑暗, 也不是因為幽暗蒙蔽我的臉。