< ئايۇپ 22 >
ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
respondens autem Eliphaz Themanites dixit
ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ | 2 |
numquid Deo conparari potest homo etiam cum perfectae fuerit scientiae
سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟ يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟ | 3 |
quid prodest Deo si iustus fueris aut quid ei confers si inmaculata fuerit via tua
ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟ | 4 |
numquid timens arguet te et veniet tecum in iudicium
سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟ | 5 |
et non propter malitiam tuam plurimam et infinitas iniquitates tuas
سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛ سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن. | 6 |
abstulisti enim pignus fratrum tuorum sine causa et nudos spoliasti vestibus
ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ، ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ، | 7 |
aquam lasso non dedisti et esurienti subtraxisti panem
گەرچە سەن يەر-زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ، يەر-زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ، | 8 |
in fortitudine brachii tui possidebas terram et potentissimus obtinebas eam
سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن. | 9 |
viduas dimisisti vacuas et lacertos pupillorum comminuisti
مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ. | 10 |
propterea circumdatus es laqueis et conturbat te formido subita
شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى، بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى. | 11 |
et putabas te tenebras non visurum et impetu aquarum inundantium non oppressurum
تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق! | 12 |
an cogitas quod Deus excelsior caelo et super stellarum vertices sublimetur
بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن. | 13 |
et dicis quid enim novit Deus et quasi per caliginem iudicat
يەنە: «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن. | 14 |
nubes latibulum eius nec nostra considerat et circa cardines caeli perambulat
يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟ | 15 |
numquid semitam saeculorum custodire cupis quam calcaverunt viri iniqui
ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن. | 16 |
qui sublati sunt ante tempus suum et fluvius subvertit fundamentum eorum
ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول!» ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى. | 17 |
qui dicebant Deo recede a nobis et quasi nihil possit facere Omnipotens aestimabant eum
بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن! | 18 |
cum ille implesset domos eorum bonis quorum sententia procul sit a me
ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ــ | 19 |
videbunt iusti et laetabuntur et innocens subsannabit eos
«بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. | 20 |
nonne succisa est erectio eorum et reliquias eorum devoravit ignis
[شۇڭا] خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ، شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ. | 21 |
adquiesce igitur ei et habeto pacem et per haec habebis fructus optimos
ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي. | 22 |
suscipe ex ore illius legem et pone sermones eius in corde tuo
سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى، قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛ ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ، | 23 |
si reversus fueris ad Omnipotentem aedificaberis et longe facies iniquitatem a tabernaculo tuo
ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا-چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ، ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ، | 24 |
dabit pro terra silicem et pro silice torrentes aureos
ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ. | 25 |
eritque Omnipotens contra hostes tuos et argentum coacervabitur tibi
ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن، يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن. | 26 |
tunc super Omnipotentem deliciis afflues et elevabis ad Deum faciem tuam
سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن. | 27 |
rogabis eum et exaudiet te et vota tua reddes
سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. | 28 |
decernes rem et veniet tibi et in viis tuis splendebit lumen
ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن، شۇنىڭ بىلەن [خۇدا] چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ. | 29 |
qui enim humiliatus fuerit erit in gloria et qui inclinaverit oculos suos ipse salvabitur
ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ. | 30 |
salvabitur innocens salvabitur autem munditia manuum suarum