< ئايۇپ 21 >
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
約伯回答說:
«گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن «تەسەللىلىرىڭلار»نىڭ ئورنىدا بولسۇن! | 2 |
你們且聽一聽我的話! 這也算是你們給我的安慰。
سۆز قىلىشىمغا يول قويساڭلار؛ سۆز قىلغىنىمدىن كېيىن، يەنە مازاق قىلىۋېرىڭلار! | 3 |
請讓我發言,我說完後,任你們笑罵。
مېنىڭ شىكايىتىم بولسا، ئىنسانغا قارىتىلىۋاتامدۇ؟ روھىم قانداقمۇ بىتاقەت بولمىسۇن؟ | 4 |
我豈是抱怨人﹖我失了忍耐,難道沒有理由﹖
ماڭا ئوبدان قاراڭلارچۇ؟ سىلەر چوقۇم ھەيران قالىسىلەر، قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىۋالىسىلەر. | 5 |
你們注意聽我,必要吃驚,且要用手堵住口。
مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ. | 6 |
甚至我一回想,我就恐怖,全身戰慄。
نېمىشقا يامانلار ياشىۋېرىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ھەتتا زور كۈچ-ھوقۇقلۇق بولىدۇ؟ | 7 |
惡人為何享受高壽而勢力強大﹖
ئۇلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا، پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ، | 8 |
他們在世時,子孫昌盛,親眼看見子子孫孫。
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋەھىمىدىن ئامان تۇرىدۇ، تەڭرىنىڭ تايىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگمەيدۇ. | 9 |
他們的住宅平安,無所畏懼,天主的棍杖也不加在他們身上。
ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەنسە ئۇرۇقلىماي قالمايدۇ، ئىنىكى موزايلايدۇ، موزىيىنىمۇ تاشلىمايدۇ. | 10 |
他們的公牛交尾,無不成功;母牛產子,決無流產。
[رەزىللەر] كىچىك بالىلىرىنى قوي پادىسىدەك تالاغا چىقىرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تاقلاپ-سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرىدۇ. | 11 |
他們使孩子跑出像羊群,子女跳躍如麋鹿。
ئۇلار داپ ھەم چىلتارغا تەڭكەش قىلىدۇ، ئۇلار نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ. | 12 |
他們伴著手鼓與豎琴歌唱,隨著笛聲歡呼。
ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ. (Sheol ) | 13 |
他們幸福地度過天年,平安地降入陰府。 (Sheol )
ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ، | 14 |
但他們曾向天主說:「離開我們! 我們不願知道你的道路。
ــ «ھەممىگە قادىرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەرزىگۈدەك نەرى باردۇ؟ ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق بىزگە نېمە پايدا بولسۇن؟!». | 15 |
全能者是誰,竟叫我們事奉他﹖我們祈求他有什麼好處﹖」
قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟ بىراق يامانلارنىڭ نەسىھىتى مەندىن نېرى بولسۇن! | 16 |
看啊! 他們的幸福,豈不在他們掌握中﹖惡人的思想豈不離他很遠﹖
يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟ [خۇدا] غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟ | 17 |
惡人的燈有多少次熄滅過﹖災禍有多少次降在他們身上﹖天主何嘗因忿怒而消滅他們﹖
ئۇلار شامال ئالدىدىكى ئېڭىزغا ئوخشاش، قارا قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالغا ئوخشاشلا يوقامدۇ؟ | 18 |
使他們好像被風吹的碎湝﹖好像被暴風捲去的糠秕﹖
تەڭرى ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى بالىلىرىغا چۈشۈرۈشكە قالدۇرامدۇ؟ [خۇدا] بۇ جازانى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن! | 19 |
難道天主要向他的兒子討罪債﹖其實應向他本人報復,叫他覺悟!
ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن؛ ئۆزى ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن! | 20 |
叫他親眼看見自己的毀滅,親自飲下全能者的義怒之杯。
چۈنكى ئۇنىڭ بېكىتىلگەن يىل-ئايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ قانداقمۇ يەنە ئۆز ئۆيدىكىلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالالىسۇن؟ | 21 |
他既逝去,他本人的歲月已絕,他的家庭對他還有什麼相干﹖
تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟! | 22 |
天主既審判天上者,人豈能教給他什麼智識﹖
بىرسى ساق-سالامەت، پۈتۈنلەي غەم-ئەندىشسىز، ئازادىلىكتە يىللىرى توشقاندا ئۆلىدۇ؛ | 23 |
有人到死一無所缺,享盡了平安幸福。
بېقىنلىرى سۈت بىلەن سېمىز بولىدۇ، ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكى خېلى نەم تۇرىدۇ. | 24 |
他的腰部充滿脂肪,他的骨髓潤澤豐盈;
يەنە بىرسى بولسا ئاچچىق ئارماندا تۈگەپ كېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقانداق راھەت-پاراغەت كۆرمىگەن. | 25 |
但有人卻至死心靈酸苦,一生毫無福樂;
ئۇلار بىلەن بىللە توپا-چاڭدا تەڭ ياتىدۇ، قۇرۇتلار ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. | 26 |
他們卻一同埋於塵土,為蛆蟲所掩蓋。
ــ مانا، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن. | 27 |
我確知你們的思想,以及對我所籌劃的陰謀。
چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟ رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر. | 28 |
你們要問:「霸王的家在那裏﹖惡人住的帳幕在何處﹖」
سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ بايانلىرىغا كۆڭۈل قويمىدىڭلارمۇ؟ | 29 |
你們怎麼不問過路的人﹖難道你們不承認他們的證據﹖
[دېمەك]، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ [دەيدۇ]. | 30 |
「惡人在毀滅之日不受害,在憤怒之日會得救。」
كىم [رەزىلنىڭ] تۇتقان يولىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى يېگۈزىدۇ؟ | 31 |
他的動作,誰敢當面指摘﹖他的行為,誰能報復﹖
ئەكسىچە، ئۇ ھەيۋەت بىلەن يەرلىكىگە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزەت ئاستىدا تۇرىدۇ. | 32 |
他最後被抬入墳墓,且親自守護自己的墓地。
جىلغىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق بىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ سانسىز ئادەملەر كەتكەندەك، ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بارلىق ئادەملەر ئەگىشىپ بارىدۇ. | 33 |
谷中的土壤,他感覺甘美;眾人都跟他而去,但在他前面的人,更不可勝數。
سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ سىلەرنىڭ جاۋابلىرىڭلاردا پەقەت ساختىلىقلا تېپىلىدۇ! | 34 |
你們為何說空話來安慰我﹖你們的答話顯然只是欺詐!