< ئايۇپ 20 >
ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Andin Naamatliq Zofar jawaben mundaq dédi: —
«مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە. | 2 |
«Méni biaram qilghan xiyallar jawab bérishke ündewatidu, Chünki qelbim biaramliqta örtenmekte.
مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مېنىڭ روھ-زېھنىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى. | 3 |
Men manga haqaret keltürüp, méni eyibleydighan sözlerni anglidim, Shunga méning roh-zéhnim méni jawab bérishke qistidi.
سەن شۇنى بىلمەمسەنكى، يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، | 4 |
Sen shuni bilmemsenki, Yer yüzide Adem’atimiz apiride bolghandin béri,
رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر. | 5 |
Rezillerning ghalibe tentenisi qisqidur, Iplaslarning xushalliqi birdemliktur.
ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ، بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ، | 6 |
Undaq kishining shan-sheripi asman’gha yetken bolsimu, Béshi bulutlargha taqashsimu,
يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەنلەر: «ئۇ نەدىدۇر؟» دەيدۇ. | 7 |
Yenila özining poqidek yoqap kétidu; Uni körgenler: «U nedidur?» deydu.
ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، قايتا تاپقىلى بولمايدۇ؛ كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتەك ئۇ ھەيدىۋېتىلىدۇ. | 8 |
U chüshtek uchup kétidu, Qayta tapqili bolmaydu; Kéchidiki ghayibane alamettek u heydiwétilidu.
ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ، ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا ئۇچراتمايدۇ. | 9 |
Uni körgen köz ikkinchi uni körmeydu, Uning turghan jayi uni qayta uchratmaydu.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. | 10 |
Uning oghulliri miskinlerge shepqet qilishqa mejburlinidu; Shuningdek u hetta öz qoli bilen bayliqlirini qayturup béridu.
ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ، بىراق [ئۇنىڭ ماغدۇرى] ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپا-چاڭدا يېتىپ قالىدۇ. | 11 |
Uning ustixanliri yashliq maghdurigha tolghan bolsimu, Biraq [uning maghduri] uning bilen bille topa-changda yétip qalidu.
گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان بولسىمۇ، | 12 |
Gerche rezillik uning aghzida tatliq tétighan bolsimu, U uni til astigha yoshurghan bolsimu,
ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، ئۇ ئۇنى ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ، | 13 |
U uni yutqusi kelmey méhrini üzelmisimu, U uni aghzida qaldursimu,
بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ، كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىگە ئايلىنىدۇ. | 14 |
Biraq uning qarnidiki tamiqi özgirip, Kobra yilanning zeherige aylinidu.
ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. | 15 |
U bayliqlarni yutuwétidu, biraq ularni yanduridu; Xuda ularni ashqazinidin chiqiriwétidu.
ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. | 16 |
U kobra yilanning zeherini shoraydu, Char yilanning neshtiri uni öltüridu.
ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ، بال ۋە سېرىق ماي بىلەن ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. | 17 |
U qaytidin ériq-östenglerge hewes bilen qariyalmaydu, Bal we sériq may bilen aqidighan deryalardin huzurlinalmaydu.
ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ، تىجارەت قىلغان پايدىسىدىن ئۇ ھېچ ھۇزۇرلىنالمايدۇ. | 18 |
U érishkenni yutalmay qayturidu, Tijaret qilghan paydisidin u héch huzurlinalmaydu.
چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛ ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆينى ئىگىلىۋالغان. | 19 |
Chünki u miskinlerni ézip, ularni tashliwetken; U özi salmighan öyni igiliwalghan.
ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ، ئۇ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. | 20 |
U achközlüktin esla zérikmeydu, U arzulighan nersiliridin héchqaysisini saqlap qalalmaydu.
ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. | 21 |
Uninggha yutuwalghudek héchnerse qalmaydu, Shunga uning bayashatliqi menggülük bolmaydu.
ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ ھەربىر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. | 22 |
Uning toqquzi tel bolghanda, tuyuqsiz qisilchiliqqa uchraydu; Herbir ézilgüchining qoli uninggha qarshi chiqidu.
ئۇ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقىنىدا، خۇدا دەھشەتلىك غەزىپىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇ غىزالىنىۋاتقاندا [غەزىپىنى] ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ. | 23 |
U qorsiqini toyghuziwatqinida, Xuda dehshetlik ghezipini uninggha chüshüridu; U ghizaliniwatqanda [ghezipini] uning üstige yaghduridu.
ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ، بىراق مىس ئوقيا ئۇنى سانجىيدۇ. | 24 |
U tömür qoraldin qéchip qutulsimu, Biraq mis oqya uni sanjiydu.
تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە، يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ. | 25 |
Tegken oq keynidin tartip chiqiriwélginide, Yaltiraq oq uchi öttin chiqiriwélginide, Wehimiler uni basidu.
زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ چېدىرىدا قېلىپ قالغانلىرىنىمۇ يۇتۇۋېتىدۇ. | 26 |
Zulmet qarangghuluq uning bayliqlirini yutuwétishke teyyar turidu, Insan püwlimigen ot uni yutuwalidu, Uning chédirida qélip qalghanlirinimu yutuwétidu.
ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛ يەر-زېمىنمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ. | 27 |
Asmanlar uning qebihlikini ashkarilaydu; Yer-zéminmu uninggha qarshi qozghilidu.
ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ، [خۇدانىڭ] غەزەپلىك كۈنىدە كەلكۈن ئۇلغىيىپ ئۆي-بىساتىنى غۇلىتىدۇ. | 28 |
Uning mal-dunyasi élip kétilidu, [Xudaning] ghezeplik künide kelkün ulghiyip öy-bisatini ghulitidu.
خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر». | 29 |
Xudaning rezil ademge belgiligen nésiwisi mana shundaqtur, Bu Xuda uninggha békitken mirastur».