< ئايۇپ 19 >
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Then Job answered and said,
«سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر، قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟ | 2 |
How long will ye vex my soul and break me in pieces with words?
سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛ ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر. | 3 |
These ten times have ye reproached me: ye are not ashamed that ye deal hardly with me.
ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا، مەن ئەمدى ئۇنىڭ [دەردىنى] تارتىمەن. | 4 |
And be it indeed that I have erred, mine error remaineth with myself.
ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار، يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار، | 5 |
If indeed ye will magnify yourselves against me, and plead against me my reproach:
ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن، ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛ | 6 |
Know now that God hath subverted me [in my cause], and hath compassed me with his net.
قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن، بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛ مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ. | 7 |
Behold, I cry out of wrong, but I am not heard: I cry for help, but there is no judgment.
ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى، قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى. | 8 |
He hath fenced up my way that I cannot pass, and hath set darkness in my paths.
ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى، بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى. | 9 |
He hath stripped me of my glory, and taken the crown from my head.
ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛ ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى. | 10 |
He hath broken me down on every side, and I am gone: and mine hope hath he plucked up like a tree.
غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى، مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى. | 11 |
He hath also kindled his wrath against me, and he counteth me unto him as [one of] his adversaries.
ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى، پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى. | 12 |
His troops come on together, and cast up their way against me, and encamp round about my tent.
ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى، تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى. | 13 |
He hath put my brethren far from me, and mine acquaintance are wholly estranged from me.
تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى، دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى. | 14 |
My kinsfolk have failed, and my familiar friends have forgotten me.
ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم. | 15 |
They that dwell in mine house, and my maids, count me for a stranger: I am an alien in their sight.
مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك. | 16 |
I call unto my servant, and he giveth me no answer, [though] I entreat him with my mouth.
تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ، ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار. | 17 |
My breath is strange to my wife, and my supplication to the children of my [mother’s] womb.
ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ. | 18 |
Even young children despise me; if I arise, they speak against me.
مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى. | 19 |
All my inward friends abhor me: and they whom I loved are turned against me.
ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى. | 20 |
My bone cleaveth to my skin and to my flesh, and I am escaped with the skin of my teeth.
ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى. | 21 |
Have pity upon me, have pity upon me, O ye my friends; for the hand of God hath touched me.
سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر! | 22 |
Why do ye persecute me as God, and are not satisfied with my flesh?
ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى! | 23 |
Oh that my words were now written! oh that they were inscribed in a book!
ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى! ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى! | 24 |
That with an iron pen and lead they were graven in the rock for ever!
بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ! | 25 |
But I know that my redeemer liveth, and that he shall stand up at the last upon the earth:
ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن! | 26 |
And after my skin hath been thus destroyed, yet from my flesh shall I see God:
ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر! | 27 |
Whom I shall see for myself, and mine eyes shall behold, and not another. My reins are consumed within me.
ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار، | 28 |
If ye say, How we will persecute him! seeing that the root of the matter is found in me;
ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك! چۈنكى [خۇدانىڭ] غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر [خۇدانىڭ] سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر». | 29 |
Be ye afraid of the sword: for wrath [bringeth] the punishments of the sword, that ye may know there is a judgment.