< ئايۇپ 18 >
شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
And Bildad the Shuhite answers and says:
سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز. | 2 |
“When do you set an end to words? Consider, and afterward we speak.
بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟ | 3 |
Why have we been reckoned as livestock? We have been defiled in your eyes!
ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟! | 4 |
He is tearing himself in his anger. Is earth forsaken for your sake? And is a rock removed from its place?
قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ. | 5 |
Also, the light of the wicked is extinguished. And there does not shine a spark of his fire.
چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ. | 6 |
The light has been dark in his tent, And his lamp over him is extinguished.
ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ. | 7 |
The steps of his strength are restricted, And his own counsel casts him down.
چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ. | 8 |
For he is sent into a net by his own feet, And he habitually walks on a snare.
قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. | 9 |
A trap seizes on the heel, The designing prevails over him.
يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار. | 10 |
His cord is hidden in the earth, And his trap on the path.
ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ، ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ. | 11 |
Terrors have terrified him all around, And they have scattered him—at his feet.
ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ. | 12 |
His sorrow is hungry, And calamity is ready at his side.
ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ. | 13 |
It consumes the parts of his skin, Death’s firstborn consumes his parts.
ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، [ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى] ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ. | 14 |
His confidence is drawn from his tent, And it causes him to step to the king of terrors.
ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ. | 15 |
It dwells in his tent—out of his provender, Sulfur is scattered over his habitation.
ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ. | 16 |
From beneath his roots are dried up, And from above his crop is cut off.
ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ. | 17 |
His memorial has perished from the land, And he has no name on the street.
ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ. | 18 |
They thrust him from light to darkness, And cast him out from the habitable earth.
ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ. | 19 |
He has no continuator, Nor successor among his people, And none is remaining in his dwellings.
ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك. | 20 |
At this day, those [in the] west have been astonished, And those [in the] east have taken fright.
مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر. | 21 |
Only these [are] dwelling places of the perverse, And this [is] the place God has not known.”