< ئايۇپ 18 >

شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
书亚人比勒达回答说:
سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز. 2
你寻索言语要到几时呢? 你可以揣摩思想,然后我们就说话。
بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟ 3
我们为何算为畜生, 在你眼中看作污秽呢?
ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟! 4
你这恼怒将自己撕裂的, 难道大地为你见弃、 磐石挪开原处吗?
قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ. 5
恶人的亮光必要熄灭; 他的火焰必不照耀。
چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ. 6
他帐棚中的亮光要变为黑暗; 他以上的灯也必熄灭。
ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ. 7
他坚强的脚步必见狭窄; 自己的计谋必将他绊倒。
چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ. 8
因为他被自己的脚陷入网中, 走在缠人的网罗上。
قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. 9
圈套必抓住他的脚跟; 机关必擒获他。
يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار. 10
活扣为他藏在土内; 羁绊为他藏在路上。
ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ، ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ. 11
四面的惊吓要使他害怕, 并且追赶他的脚跟。
ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ. 12
他的力量必因饥饿衰败; 祸患要在他旁边等候。
ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ. 13
他本身的肢体要被吞吃; 死亡的长子要吞吃他的肢体。
ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، [ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى] ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ. 14
他要从所倚靠的帐棚被拔出来, 带到惊吓的王那里。
ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ. 15
不属他的必住在他的帐棚里; 硫磺必撒在他所住之处。
ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ. 16
下边,他的根本要枯干; 上边,他的枝子要剪除。
ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ. 17
他的记念在地上必然灭亡; 他的名字在街上也不存留。
ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ. 18
他必从光明中被撵到黑暗里, 必被赶出世界。
ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ. 19
在本民中必无子无孙; 在寄居之地也无一人存留。
ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك. 20
以后来的要惊奇他的日子, 好像以前去的受了惊骇。
مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر. 21
不义之人的住处总是这样; 此乃不认识 神之人的地步。

< ئايۇپ 18 >