مېنىڭ روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە. | 1 |
ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر. | 2 |
ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟ | 3 |
چۈنكى سەن [دوستلىرىمنىڭ] كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن! | 4 |
غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ. | 5 |
ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛ مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم. | 6 |
دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى. | 7 |
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ. | 8 |
بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ. | 9 |
ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن. | 10 |
كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى. | 11 |
بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ. | 12 |
ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن. (Sheol h7585) | 13 |
«چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن! | 14 |
ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟ | 15 |
ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز! (Sheol h7585) | 16 |