< ئايۇپ 17 >
مېنىڭ روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە. | 1 |
Lelkem meghanyatlott, napjaim elfogynak, vár rám a sír.
ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر. | 2 |
Még mindig csúfot űznek belőlem! Szemem az ő patvarkodásuk között virraszt.
ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟ | 3 |
Kezest magadnál rendelj, kérlek, nékem; különben ki csap velem kezet?
چۈنكى سەن [دوستلىرىمنىڭ] كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن! | 4 |
Minthogy az ő szívöket elzártad az értelem elől, azért nem is magasztalhatod fel őket.
غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ. | 5 |
A ki prédává juttatja barátait, annak fiainak szemei elfogyatkoznak.
ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛ مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم. | 6 |
Példabeszéddé tőn engem a népek előtt, és ijesztővé lettem előttök.
دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى. | 7 |
A bosszúság miatt szemem elhomályosodik, és minden tagom olyan, mint az árnyék.
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ. | 8 |
Elálmélkodnak ezen a becsületesek, és az ártatlan a képmutató ellen támad.
بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ. | 9 |
Ám az igaz kitart az ő útján, és a tiszta kezű ember még erősebbé lesz.
ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن. | 10 |
Nosza hát, térjetek ide mindnyájan; jőjjetek, kérlek, úgy sem találok bölcset köztetek.
كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى. | 11 |
Napjaim elmulának, szívemnek kincsei: terveim meghiusulának.
بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ. | 12 |
Az éjszakát nappallá változtatják, és a világosság csakhamar sötétséggé lesz.
ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن. (Sheol ) | 13 |
Ha reménykedem is, a sír már az én házam, a sötétségben vetettem az én ágyamat. (Sheol )
«چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن! | 14 |
A sírnak mondom: Te vagy az én atyám; a férgeknek pedig: Ti vagytok az én anyám és néném.
ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟ | 15 |
Hol tehát az én reménységem, ki törődik az én reménységemmel?
ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز! (Sheol ) | 16 |
Leszáll az majd a sír üregébe, velem együtt nyugoszik a porban. (Sheol )