< ئايۇپ 16 >
ئاندىن ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Då svara Job og sagde:
مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە! | 2 |
«Eg hev høyrt nok av dette slag; d’er brysam trøyst de alle gjev.
مۇنداق ۋاتىلداپ قىلغان گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى بارمۇ؟ سىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىشكە زادى نېمە قۇتراتقۇلۇق قىلدى؟ | 3 |
Vert det’kje slutt på tome ord? Kva er det som til svar deg driv?
خالىساملا ئۆزۈم سىلەرگە ئوخشاش سۆز قىلالايتتىم؛ سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولىدىغان بولساڭلار، مەنمۇ سۆزلەرنى باغلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، سىلەرگە زەربە قىلالايتىم، بېشىمنىمۇ سىلەرگە قارىتىپ چايقىيالايتتىم! | 4 |
Eg skulde tala liksom de, i fall de var i staden min; eg sette ord i hop mot dykk, eg riste hovudet mot dykk;
ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى. | 5 |
eg skulde trøysta dykk med munnen og lindra dykk med lippemedynk.
لېكىن مېنىڭ سۆزلىشىم بىلەن ئازابىم ئازايمايدۇ؛ ياكى گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋالىساممۇ، ماڭا نېمە ئارامچىلىق بولسۇن؟ | 6 |
Men tale lindrar ei min verk, og ikkje kverv han um eg tegjer.
بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ! | 7 |
Men no hev han meg trøytta ut, du hev øydt ut min heile huslyd.
سەن مېنى قاماللىدىڭ! شۇنىڭ بىلەن [ئەھۋالىم ماڭا] گۇۋاھلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ ئورۇق-قاقشال [بەدىنىم] ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق قىلىدۇ! | 8 |
Du klemde meg, til vitne vart det, mi liding reiste seg imot meg og vitna mot meg beint i syni.
ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ، مېنى ئوۋ ئولجىسى قىلىدۇ؛ ئۇ ماڭا قاراپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ؛ مېنىڭ دۈشمىنىمدەك كۆزىنى ئالايىتىپ ماڭا تىكىدۇ. | 9 |
Hans vreide reiv og elte meg; han gnistra tennerne imot meg; fiendar kveste augo på meg
[ئادەملەر] ماڭا قاراپ [مازاق قىلىشىپ] ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ ئۇلار نەپرەت بىلەن مەڭزىمگە كاچاتلايدۇ؛ ماڭا ھۇجۇم قىلاي دەپ سەپ تۈزىدۇ. | 10 |
og opna munnen sin imot meg og slo mi kinn med skjemdarslag og stima saman imot meg.
خۇدا مېنى ئەسكىلەرگە تاپشۇرغان؛ مېنى رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلىۋەتكەنىكەن. | 11 |
Til farkar Gud meg yverlet og kastar meg i brotsmenns vald.
ئەسلىدە مەن تىنچ-ئامانلىقتا تۇراتتىم، بىراق ئۇ مېنى پاچاقلىدى؛ ئۇ بوينۇمدىن سىلكىپ بىتچىت قىلىۋەتتى، مېنى ئۆز نىشانى قىلغانىكەن. | 12 |
Midt i min fred han skræmde meg, treiv meg i nakken, krasa meg, til skiva sette han meg upp.
ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قاپسىۋالدى؛ ھېچ ئايىماي ئۇ ئۈچەي-باغرىمنى يىرتىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى. | 13 |
Hans pilar svirrar kringum meg; bønlaust han kløyver mine nyro, mitt gall han tømer ut på jordi.
ئۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىمگە ئۈستى-ئۈستىلەپ زەخىم قىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ؛ ئۇ پالۋاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ. | 14 |
Han bryt meg sund med brot på brot og stormar mot meg som ei kjempa.
تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم. | 15 |
Sekk hev eg sytt um hudi mi og stukke hornet mitt i moldi.
گەرچە قولۇمدا ھېچقانداق زوراۋانلىق بولمىسىمۇ، دۇئايىم چىن دىلىمدىن بولغان بولسىمۇ، يۈزۈم يىغا-زارىدىن قىزىرىپ كەتتى؛ قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى. | 16 |
Raudt er mitt andlit utav gråt, og myrkret tyngjer augneloki,
endå mi hand er rein for vald, og bøni mi er fri for svik.
ئاھ، يەر-زېمىن، قېنىمنى ياپمىغىن! نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي! | 18 |
Løyn ikkje blodet mitt, du jord! Legg ikkje klaga mi til kvile!
بىراق مانا، ئاسمانلاردا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار! ئەرشلەردە ماڭا كاپالەت بولغۇچى بار! | 19 |
Alt no mitt vitne er i himmeln, min målsmann i det høge bur.
ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن، بىراق كۆزۈم تېخىچە تەڭرىگە ياش تۆكمەكتە. | 20 |
Når mine vener spottar meg; til Gud eg tårut auga vender.
ئاھ، ئىنسان بالىسى دوستى ئۈچۈن كېلىشتۈرگۈچى بولغاندەك، تەڭرى بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! | 21 |
Han døme millom Gud og mann og millom mannen og hans ven.
چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن. | 22 |
Og ikkje mange år det vert fyrr eg gjeng burt og kjem’kje att.