< ئايۇپ 16 >

ئاندىن ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
約伯回答說:
مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە! 2
像這樣的話,我聽了許多;你們的安慰反使人煩惱。
مۇنداق ۋاتىلداپ قىلغان گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى بارمۇ؟ سىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىشكە زادى نېمە قۇتراتقۇلۇق قىلدى؟ 3
這些風涼話何時了﹖或者有什麼事迫你非說不可﹖
خالىساملا ئۆزۈم سىلەرگە ئوخشاش سۆز قىلالايتتىم؛ سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولىدىغان بولساڭلار، مەنمۇ سۆزلەرنى باغلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، سىلەرگە زەربە قىلالايتىم، بېشىمنىمۇ سىلەرگە قارىتىپ چايقىيالايتتىم! 4
若是你們處在我的境遇中,我也會說像你們所說的話,也會花言巧語譏笑你們,向你們搖頭。
ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى. 5
我也會以口舌寬慰你們,搖唇鼓舌來減輕你們的痛苦。
لېكىن مېنىڭ سۆزلىشىم بىلەن ئازابىم ئازايمايدۇ؛ ياكى گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋالىساممۇ، ماڭا نېمە ئارامچىلىق بولسۇن؟ 6
我若講話,痛苦並不停止;我若閉口不言,難道痛苦就離開我﹖
بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ! 7
現今天主的確叫我厭倦,使我每個親人都遠離了我;
سەن مېنى قاماللىدىڭ! شۇنىڭ بىلەن [ئەھۋالىم ماڭا] گۇۋاھلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ ئورۇق-قاقشال [بەدىنىم] ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق قىلىدۇ! 8
使我憔悴,以指證我;使我消瘦,當面非難我。
ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ، مېنى ئوۋ ئولجىسى قىلىدۇ؛ ئۇ ماڭا قاراپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ؛ مېنىڭ دۈشمىنىمدەك كۆزىنى ئالايىتىپ ماڭا تىكىدۇ. 9
他在憤怒中撕裂我,窘迫我,向我咬牙切齒;我仇人鋒利的眼睛常盯著我。
[ئادەملەر] ماڭا قاراپ [مازاق قىلىشىپ] ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ ئۇلار نەپرەت بىلەن مەڭزىمگە كاچاتلايدۇ؛ ماڭا ھۇجۇم قىلاي دەپ سەپ تۈزىدۇ. 10
他們張開大口想吞噬我,責罵著打我的面頰,一起擁上前來攻擊我。
خۇدا مېنى ئەسكىلەرگە تاپشۇرغان؛ مېنى رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلىۋەتكەنىكەن. 11
天主將我交於不義之人,將我丟在惡人手中。
ئەسلىدە مەن تىنچ-ئامانلىقتا تۇراتتىم، بىراق ئۇ مېنى پاچاقلىدى؛ ئۇ بوينۇمدىن سىلكىپ بىتچىت قىلىۋەتتى، مېنى ئۆز نىشانى قىلغانىكەن. 12
我原來安寧,他卻折磨我,抓住我的脖子,粉碎我,又拿我當作他的箭靶。
ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قاپسىۋالدى؛ ھېچ ئايىماي ئۇ ئۈچەي-باغرىمنى يىرتىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى. 13
他的箭矢四面射擊我,射穿我的腰,毫不留情,使我的膽傾流於地。
ئۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىمگە ئۈستى-ئۈستىلەپ زەخىم قىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ؛ ئۇ پالۋاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ. 14
他將我撕裂粉碎,有如武士向我跑來。
تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم. 15
我縫麻衣包裹我的皮膚,使我額角插入塵土。
گەرچە قولۇمدا ھېچقانداق زوراۋانلىق بولمىسىمۇ، دۇئايىم چىن دىلىمدىن بولغان بولسىمۇ، يۈزۈم يىغا-زارىدىن قىزىرىپ كەتتى؛ قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى. 16
我的臉因哭泣發紅,我睫眉間滿是暗影;
17
我的手雖沒有行過殘暴的事,而我的祈禱,又往往純正。
ئاھ، يەر-زېمىن، قېنىمنى ياپمىغىن! نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي! 18
地啊! 不要掩蓋我的血。願我的呼聲無休息的餘地!
بىراق مانا، ئاسمانلاردا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار! ئەرشلەردە ماڭا كاپالەت بولغۇچى بار! 19
看啊! 連現今在天上有我的見證,在高處有我的中保。
ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن، بىراق كۆزۈم تېخىچە تەڭرىگە ياش تۆكمەكتە. 20
我的哀號上徹於天,在天主前我的雙目流淚不止。
ئاھ، ئىنسان بالىسى دوستى ئۈچۈن كېلىشتۈرگۈچى بولغاندەك، تەڭرى بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! 21
惟願人與天主之間有一中人,猶如人與人之間一樣!
چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن. 22
因為我的年數將盡,快要走上那條一去不返的路途。

< ئايۇپ 16 >