< ئايۇپ 15 >
تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Témanliq Élifaz buninggha jawaben mundaq dédi: —
دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟ [دانىشمەن] قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟ | 2 |
Danishmen kishining quruq shamaldek sepsete bilen jawab bérishi toghrimu? [Danishmen] qorsiqini issiq meshriq shamili bilen toyghuzsa bolamdu?
پايدىسىز سۆزلەر بىلەن، تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟ | 3 |
Paydisiz sözler bilen, Tayini yoq gepler bilen munazirilishishi muwapiqmu?
بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن. | 4 |
Berheq, sen iman-ixlasni yoq qiliwetmekchisen, Xudaning aldida dua-istiqametke tosalghu bolisen.
چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ، سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن. | 5 |
Chünki qebihliking aghzinggha söz salidu, Sen mekkarlarning tilini tallap qollinisen.
مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ، ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. | 6 |
Men emes, belki öz aghzing özüngning gunahingni békitidu, Öz lewliring sanga qarshi guwahliq béridu.
سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟ سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟ | 7 |
Sen insanlar ichide tunji bolup tughulghanmu? Sen tagh-dawanlardin awwal apiride bolghanmu?
تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟ دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ | 8 |
Tengrining mexpiy kéngishini anglap kelgenmusen? Danaliq sen bilenla cheklinemdu?
سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟ سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟ | 9 |
Sen bilgenlerni bizning bilmeydighanlirimiz barmu? Sen chüshen’genni bizning chüshenmeydighinimiz barmu?
ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر. | 10 |
Aqsaqallar hem qérilar bizning teripimizde turidu, Ular séning atangdinmu yashta chongdur.
تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟ | 11 |
Tengrining teselliliri, Yeni sanga mulayimliq bilen éytqan mushu söz sen üchün azliq qilamdu?
نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟ كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟ | 12 |
Némishqa köngülning keynige kirip kétisen? Közüngni némige parqiritisen?
شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن! | 13 |
Shundaq qilip sen rohingni Tengrige qarshi turghuzdung, Éghizingdin shundaq sözlerning chiqishigha yol qoyuwatisen!
ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟ | 14 |
Insan néme idi? Öz-özini pakliyalighudek? Anidin tughulghan adem balisi néme idi? Heqqaniy bolalighudek?
قارا، [خۇدا] ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە، | 15 |
Qara, [Xuda] Öz muqeddeslirigimu ishenmigen yerde, Asmanlarmu uning neziride pak bolmighan yerde,
يىرگىنچلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن، قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟ | 16 |
Yirginchlik bolghan, sésip ketken, Qebihlikni su ichkendek ichidighan insan balisi zadi qandaq bolar?
مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛ كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن. | 17 |
Men sanga körsitey, manga qulaq sal; Közüm körgenni bayan qilmaqchimen.
دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان، يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ | 18 |
Danishmenler ata-bowiliridin bularni anglighan, Yoshurmay bularni bayan qilghan: —
(پەقەت شۇلارغىلا، [يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا] يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى) | 19 |
(Peqet shularghila, [yeni ata-bowilirighila] yer-zémin tapshurulghanidi, Ularning arisidin yat adem ötüshke pétinalmaytti)
ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر. | 20 |
— Rezil adem barliq künliride azablinidu, Zalim kishige yillar sanaqliqla békitilgendur.
ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ، باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ. | 21 |
Uning quliqigha wehimilerning awazi kiridu, Bayashatliqida bulangchi uning ustige bésip chüshidu.
قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ، ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر. | 22 |
Qarangghuluqtin qutulushqa uning közi yetmeydu, U qilich bilen chépilishqa saqlan’ghandur.
ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ، ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ. | 23 |
U ash izdep: «Zadi nedin tépilar?» dep yolda ténep yüridu, U zulmet künining uninggha yéqinlashqanliqini bilidu.
دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ، ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. | 24 |
Derd-elem hem azab uninggha wehime qilidu, Hujumgha teyyar bolghan padishahtek uning üstidin ghelibe qilidu.
چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن، ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان، | 25 |
Chünki u Tengrige qarshi qolini kötürgen, Hemmige qadirgha küch körsetmekchi bolghan,
شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ. | 26 |
Shunga u boynini qattiq qilip, Köp qewetlik qalqanni kötürüp uninggha qarap étilidu.
يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ، بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ، | 27 |
Yüzini yagh basqan bolsimu, Béqinliri semrep ketken bolsimu,
ئۇ خارابە شەھەرلەردە، ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان، كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛ | 28 |
U xarabe sheherlerde, Adem qon’ghusi kelmeydighan, Kések düwiliri bolushqa békitilgen öylerde yashaydu;
ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ. | 29 |
U héch béyimaydu, Uning mal-mülki bolsa üzülüp qalidu, Uning teelluqatliri zémin üstide kéngeymeydu.
ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ، [خۇدانىڭ] بىر نەپىسى بىلەن ئۇ [دۇنيادىن] كېتىدۇ. | 30 |
U qarangghuluqtin qéchip qutulalmaydu, Yalqun uning shaxlirini köydürüp qurutidu, [Xudaning] bir nepisi bilen u [dunyadin] kétidu.
ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن! ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛ | 31 |
U saxtiliqqa tayanmisun! U aldinip ketken, shunga saxtiliqning özi uning in’ami bolidu;
ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. | 32 |
Uning küni téxi toshmay turupla, Uning shéxi téxi kökirip bolmayla, bu ishlar emelge ashurulidu.
ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك، زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ. | 33 |
Üzüm téli silkinip, tong üzümler chüshürüwétilgendek, Zeytun derixining chéchiki échilipla tökülüp ketkendek bolidu.
چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ، ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ. | 34 |
Chünki iplaslarning jemeti tughmas bolidu, Ot para yégenlerning chédirlirini köydüriwétidu.
[بىراق] ئۇلار [ھەردائىم] يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ، كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ. | 35 |
[Biraq] ular [herdaim] yamanliqni oylap, qebihlik tughduridu, Könglide haman hiyle-mikir teyyarlaydu.