< ئايۇپ 14 >
ئانىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ كۈنلىرى ئازدۇر، پالاكەت ئۇنىڭغا ياردۇر. | 1 |
“La vida es corta y está llena de problemas,
ئۇ گۈلدەك دۇنياغا كېلىپ ئاندىن توزۇيدۇ، ئۇ [قۇياش ئالدىدىن] سايىگە ئوخشاش قېچىپ كېتىدۇ. | 2 |
como una flor que florece y se marchita, como una sombra pasajera que pronto desaparece.
بىراق سەن تېخى شۇنداق بىر ئاجىز بولغۇچىغا كۆزۈڭنى تىكىپ، مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟ | 3 |
¿Acaso te fijas en mí, Dios? ¿Por qué tienes que arrastrarme a los tribunales?
كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم! | 4 |
¿Quién puede sacar algo limpio de lo impuro? Nadie.
[ئىنساننىڭ] كۈنلىرى بېكىتىلگەندىكىن، ئۇنىڭ ئايلىرىنىڭ سانى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭ ئۆتسە بولمايدىغان چەكلىرىنى بېكىتكەندىكىن، | 5 |
Tú has determinado cuánto tiempo viviremos: el número de meses, un límite de tiempo para nuestras vidas.
ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كۆزۈڭنى ئېلىپ قاچقىن، شۇنىڭ بىلەن مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن! | 6 |
Así que déjanos tranquilos y danos un poco de paz, para que, como el obrero, podamos disfrutar de unas horas de descanso al final del día.
چۈنكى دەرەخ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈشتىن ئۈمىد بار؛ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۇمران بىخلىرى تۈگەپ كەتمەيدۇ؛ | 7 |
“Incluso un árbol cortado tiene la esperanza de volver a brotar, de echar brotes y seguir viviendo.
ئۇنىڭ يىلتىزى يەردە قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى توپىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، | 8 |
Aunque sus raíces envejezcan en la tierra y su tronco muera en el suelo,
بىراق سۇنىڭ پۇرىقى بىلەنلا ئۇ يەنە كۆكىرىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپتەك يېڭى بىخلارنى چىقىرىدۇ. | 9 |
sólo un hilo de agua hará que brote y se ramifique como una planta joven.
بىراق ئادەم بولسا ئۆلىدۇ، ئىلاجسىز ئوڭدا ياتىدۇ، بەرھەق، ئىنسان نەپەستىن قالىدۇ، ئاندىن نەدە بولىدۇ؟ | 10 |
“Pero los seres humanos mueren, su fuerza disminuye; perecen, y ¿dónde están entonces?
دېڭىزدىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ تۈگەپ كەتكەندەك، دەريالار قاغجىراپ قۇرۇپ كەتكەندەك، | 11 |
Como el agua que se evapora de un lago y un río que se seca y desaparece,
ئوخشاشلا ئادەم يېتىپ قالسىلا قايتىدىن تۇرمايدۇ؛ ئاسمانلار يوقىمىغۇچە، ئۇلار ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇدىن تۇرمايدۇ. | 12 |
así los seres humanos se acuestan y no vuelven a levantarse. NO despertarán de su sueño hasta que los cielos dejen de existir.
ئاھ، تەھتىساراغا مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ ئىدى، غەزىپىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە مېنى مەخپىي ساقلاپ قويساڭ ئىدى، مېنى ئېسىڭگە ئالىدىغان بىر ۋاقىت-سائەتنى ماڭا بېكىتىپ بەرسەڭ ئىدى! (Sheol ) | 13 |
“Quisiera que me escondieran en el Seol; escóndeme allí hasta que tu ira desaparezca. Fija allí un tiempo definido para mí, y acuérdate de mi. (Sheol )
ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا شۇنداق ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگۈچە، مۇشۇ جاپاغا تولغان كۈنلىرىم ئۆتكۈچە، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم! | 14 |
¿Volverán a vivir los muertos? Entonces tendría esperanza durante todo mi tiempo de angustia hasta que llegue mi liberación.
شۇنداق بولسا سەن مېنى چاقىرساڭ، جاۋاب بېرەتتىم؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى. | 15 |
Me llamarías y yo te respondería; me añorarías, al ser que has creado.
بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ، گۇناھىمنى كۆزىتىۋاتىسەنغۇ! | 16 |
Entonces me cuidarías y no me vigilarías para ver si peco.
ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى، گۇناھلىرىمنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ ساقلاپ قويدۇڭ. | 17 |
Mis pecados estarían sellados en una bolsa y tú cubrirías mi culpa.
دەرۋەقە تاغمۇ يىمىرىلىپ يوقالغاندەك، تاش ئۆز ئورنىدىن تەۋرىنىپ كەتكەندەك، | 18 |
“Pero así como las montañas se desmoronan y caen, y las rocas se derrumban;
سۇلار تاش-شېغىللارنى ئۇپرىتىپ يوقاتقاندەك، توپانلار زېمىندىكى توپىنى سۈپۈرۈپ كەتكەندەك، سەن ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلىسەن. | 19 |
así como el agua desgasta las piedras, como las inundaciones arrastran el suelo, así destruyes la esperanza que tienen los pueblos.
سەن مەڭگۈگە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، شۇڭا ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ چىرايىنى تۇتۇلدۇرىسەن، ئۇنى ئۆز يېنىڭدىن يىراق قىلىسەن. | 20 |
Los dominas continuamente y desaparecen; distorsionas sus rostros al morir y entonces los despides.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلار پەس قىلىنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇلاردىنمۇ خەۋىرى بولمايدۇ. | 21 |
Sus hijos pueden llegar a ser importantes o caer de sus puestos, pero ellos no saben ni se enteran de nada de esto.
ئۇ [پەقەت] ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ. | 22 |
Cuando la gente muere sólo conoce su propio dolor y está triste por sí misma”.