مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن. | 1 |
من آنچه را که شما میگویید به چشم خود دیده و به گوش خود شنیدهام. من حرفهای شما را میفهمم. آنچه را که شما میدانید من نیز میدانم و کمتر از شما نیستم. |
سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق. | 2 |
بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ. | 3 |
ای کاش میتوانستم مستقیم با خدای قادر مطلق سخن گویم و با خود او بحث کنم. |
سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر. | 4 |
و اما شما، درد مرا با دروغهایتان میپوشانید. شما طبیبان کاذب هستید. |
سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى! بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى! | 5 |
اگر حکمت داشتید حرف نمیزدید. |
مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. | 6 |
حال به من گوش بدهید و به دلایلم توجه نمایید. |
سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟ | 7 |
آیا مجبورید به جای خدا حرف بزنید و چیزهایی را که او هرگز نگفته است از قول او بیان کنید؟ |
ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ [خۇشامەت] قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟ | 8 |
میخواهید به طرفداری از او حقیقت را وارونه جلوه دهید؟ آیا فکر میکنید او نمیداند شما چه میکنید؟ خیال میکنید میتوانید خدا را هم مثل انسان گول بزنید؟ |
ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟ | 9 |
سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ. | 10 |
بدانید شما را توبیخ خواهد کرد، اگر پنهانی طرفداری کنید. |
بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟ | 11 |
آیا عظمت و هیبت خدا، ترسی به دل شما نمیاندازد؟ |
پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ سىلەر [ئىشەنچ باغلىغان] ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس. | 12 |
بیانات شما پشیزی ارزش ندارد. استدلالهایتان چون دیوار گلی، سست و بیپایه است. |
مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن! | 13 |
حال ساکت باشید و بگذارید من سخن بگویم. هر چه میخواهد بشود! |
قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن! | 14 |
بله، جانم را در کف مینهم و هر چه در دل دارم میگویم. |
ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛ | 15 |
اگر خدا برای این کار مرا بکشد، باز به او امیدوار خواهم بود و حرفهای خود را به او خواهم زد. |
بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ. | 16 |
من آدم شروری نیستم، پس با جرأت به حضور خدا میروم شاید این باعث نجاتم گردد. |
سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار. | 17 |
حال به دقت به آنچه که میگویم گوش دهید و حرفهایم را بشنوید. |
مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. | 18 |
دعوی من این است: «من میدانم که بیتقصیرم.» |
مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم! | 19 |
کیست که در این مورد بتواند با من بحث کند؟ اگر بتوانید ثابت نمایید که من اشتباه میکنم، آنگاه از دفاع خود دست میکشم و میمیرم. |
[ئاھ خۇدا]! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن: | 20 |
ای خدا، اگر این دو درخواست مرا اجابت فرمایی در آن صورت خواهم توانست با تو روبرو شوم: |
ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن. | 21 |
مرا تنبیه نکن و مرا با حضور مهیب خود به وحشت نیانداز. |
ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا [دەۋايىمدىن] سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن. | 22 |
آنگاه وقتی مرا بخوانی جواب خواهم داد و با هم گفتگو خواهیم نمود. |
مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر! | 23 |
حال، به من بگو که چه خطایی کردهام؟ گناهم را به من نشان بده. |
نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟ | 24 |
چرا روی خود را از من برمیگردانی و مرا دشمن خود میشماری؟ |
ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟ | 25 |
آیا برگی را که از باد رانده شده است میترسانی؟ آیا پر کاه را مورد هجوم قرار میدهی؟ |
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن. | 26 |
تو اتهامات تلخی بر من وارد میآوری و حماقتهای جوانیام را به رخ من میکشی. |
مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن. | 27 |
مرا محبوس میکنی و تمام درها را به رویم میبندی. در نتیجه مانند درختی افتاده و لباسی بید خورده، میپوسم و از بین میروم. |