< ئايۇپ 12 >
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Then Job answered and said,
سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ! | 2 |
No doubt but ye are the people, And wisdom shall die with you.
مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟! | 3 |
But I have understanding as well as you; I am not inferior to you: Yea, who knoweth not such things as these?
مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛ مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى، ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى! | 4 |
I am as one that is a laughing-stock to his neighbor, I who called upon God, and he answered: The just, the perfect man is a laughing-stock.
راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. | 5 |
In the thought of him that is at ease there is contempt for misfortune; It is ready for them whose foot slippeth.
قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ. | 6 |
The tents of robbers prosper, And they that provoke God are secure; Into whose hand God bringeth [abundantly].
ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛ | 7 |
But ask now the beasts, and they shall teach thee; And the birds of the heavens, and they shall tell thee:
ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ، ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ. | 8 |
Or speak to the earth, and it shall teach thee; And the fishes of the sea shall declare unto thee.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ | 9 |
Who knoweth not in all these, That the hand of Jehovah hath wrought this,
بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى، جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. | 10 |
In whose hand is the soul of every living thing, And the breath of all mankind?
ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك، قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟ | 11 |
Doth not the ear try words, Even as the palate tasteth its food?
ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟ كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟ | 12 |
With aged men is wisdom, And in length of days understanding.
ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛ ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر. | 13 |
With [God] is wisdom and might; He hath counsel and understanding.
مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛ ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ. | 14 |
Behold, he breaketh down, and it cannot be built again; He shutteth up a man, and there can be no opening.
مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ. | 15 |
Behold, he withholdeth the waters, and they dry up; Again, he sendeth them out, and they overturn the earth.
ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. | 16 |
With him is strength and wisdom; The deceived and the deceiver are his.
ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ. | 17 |
He leadeth counsellors away stripped, And judges maketh he fools.
ئۇ پادىشاھلار [ئەل-ئەھلىگە] سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ [شەرمەندە قىلىدۇ]. | 18 |
He looseth the bond of kings, And he bindeth their loins with a girdle.
ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ. | 19 |
He leadeth priests away stripped, And overthroweth the mighty.
ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛ ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ. | 20 |
He removeth the speech of the trusty, And taketh away the understanding of the elders.
ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ [ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ]. | 21 |
He poureth contempt upon princes, And looseth the belt of the strong.
ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ. | 22 |
He uncovereth deep things out of darkness, And bringeth out to light the shadow of death.
ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛ ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ. | 23 |
He increaseth the nations, and he destroyeth them: He enlargeth the nations, and he leadeth them captive.
ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ. | 24 |
He taketh away understanding from the chiefs of the people of the earth, And causeth them to wander in a wilderness where there is no way.
ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ. | 25 |
They grope in the dark without light; And he maketh them to stagger like a drunken man.