ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
וַ֭יַּעַן צֹפַ֥ר הַֽנַּעֲמָתִ֗י וַיֹּאמַֽר׃ |
«گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟ | 2 |
הֲרֹ֣ב דְּ֭בָרִים לֹ֣א יֵעָנֶ֑ה וְאִם־אִ֖ישׁ שְׂפָתַ֣יִם יִצְדָּֽק׃ |
سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟ سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟ | 3 |
בַּ֭דֶּיךָ מְתִ֣ים יַחֲרִ֑ישׁו וַ֝תִּלְעַ֗ג וְאֵ֣ין מַכְלִֽם׃ |
چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر، مەن سەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ. | 4 |
וַ֭תֹּאמֶר זַ֣ךְ לִקְחִ֑י וּ֝בַ֗ר הָיִ֥יתִי בְעֵינֶֽיךָ׃ |
ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى! ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى! | 5 |
וְֽאוּלָ֗ם מִֽי־יִתֵּ֣ן אֱל֣וֹהַּ דַּבֵּ֑ר וְיִפְתַּ֖ח שְׂפָתָ֣יו עִמָּֽךְ׃ |
شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى! چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر! تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي! | 6 |
וְיַגֶּד־לְךָ֨ ׀ תַּֽעֲלֻמ֣וֹת חָכְמָה֮ כִּֽי־כִפְלַ֪יִם לְֽת֫וּשִׁיָּ֥ה וְדַ֡ע כִּֽי־יַשֶּׁ֥ה לְךָ֥ אֱ֝ל֗וֹהַ מֵעֲוֹנֶֽךָ׃ |
سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟ | 7 |
הַחֵ֣קֶר אֱל֣וֹהַ תִּמְצָ֑א אִ֤ם עַד־תַּכְלִ֖ית שַׁדַּ֣י תִּמְצָֽא׃ |
[بۇنداق دانالىق] ئاسماندىن ئېگىزدۇر، [ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە] نېمە ئامالىڭ بار؟ ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ (Sheol h7585) | 8 |
גָּבְהֵ֣י שָׁ֭מַיִם מַה־תִּפְעָ֑ל עֲמֻקָּ֥ה מִ֝שְּׁא֗וֹל מַה־תֵּדָֽע׃ (Sheol h7585) |
ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر، كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر. | 9 |
אֲרֻכָּ֣ה מֵאֶ֣רֶץ מִדָּ֑הּ וּ֝רְחָבָ֗ה מִנִּי־יָֽם׃ |
ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟ | 10 |
אִם־יַחֲלֹ֥ף וְיַסְגִּ֑יר וְ֝יַקְהִ֗יל וּמִ֣י יְשִׁיבֶֽנּוּ׃ |
چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان. | 11 |
כִּי־ה֭וּא יָדַ֣ע מְתֵי־שָׁ֑וְא וַיַּרְא־אָ֝֗וֶן וְלֹ֣א יִתְבּוֹנָֽן׃ |
«ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!». | 12 |
וְאִ֣ישׁ נָ֭בוּב יִלָּבֵ֑ב וְעַ֥יִר פֶּ֝֗רֶא אָדָ֥ם יִוָּלֵֽד׃ |
بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ، | 13 |
אִם־אַ֭תָּ֗ה הֲכִינ֣וֹתָ לִבֶּ֑ךָ וּפָרַשְׂתָּ֖ אֵלָ֣יו כַּפֶּֽךָ׃ |
قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا، | 14 |
אִם־אָ֣וֶן בְּ֭יָדְךָ הַרְחִיקֵ֑הוּ וְאַל־תַּשְׁכֵּ֖ן בְּאֹהָלֶ֣יךָ עַוְלָֽה׃ |
سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن، تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛ | 15 |
כִּי־אָ֤ז ׀ תִּשָּׂ֣א פָנֶ֣יךָ מִמּ֑וּם וְהָיִ֥יתָ מֻ֝צָ֗ק וְלֹ֣א תִירָֽא׃ |
جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛ | 16 |
כִּי־אַ֭תָּה עָמָ֣ל תִּשְׁכָּ֑ח כְּמַ֖יִם עָבְר֣וּ תִזְכֹּֽר׃ |
كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن. | 17 |
וּֽ֭מִצָּהֳרַיִם יָק֣וּם חָ֑לֶד תָּ֝עֻ֗פָה כַּבֹּ֥קֶר תִּהְיֶֽה׃ |
ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن. | 18 |
וּֽ֭בָטַחְתָּ כִּי־יֵ֣שׁ תִּקְוָ֑ה וְ֝חָפַרְתָּ֗ לָבֶ֥טַח תִּשְׁכָּֽב׃ |
راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ. | 19 |
וְֽ֭רָבַצְתָּ וְאֵ֣ין מַחֲרִ֑יד וְחִלּ֖וּ פָנֶ֣יךָ רַבִּֽים׃ |
بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس». | 20 |
וְעֵינֵ֥י רְשָׁעִ֗ים תִּ֫כְלֶ֥ינָה וּ֭מָנוֹס אָבַ֣ד מִנְהֶ֑ם וְ֝תִקְוָתָ֗ם מַֽפַּח־נָֽפֶשׁ׃ פ |