< ئايۇپ 10 >
مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛ ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛ قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلىۋالاي. | 1 |
“I loathe my own life; I will express my complaint and speak in the bitterness of my soul.
مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى، سەن زادى نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسەن؟ | 2 |
I will say to God: Do not condemn me! Let me know why You prosecute me.
ئادەمنى ئەزگىنىڭ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟ يامانلارنىڭ سۇيىقەستىگە نۇر چاچقىنىڭ ياخشىمۇ؟ | 3 |
Does it please You to oppress me, to reject the work of Your hands and favor the schemes of the wicked?
سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟ سەن ئادەملەر كۆرگەندەك خىرە كۆرەمسەن؟ | 4 |
Do You have eyes of flesh? Do You see as man sees?
سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟ سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟ | 5 |
Are Your days like those of a mortal, or Your years like those of a man,
سەن مېنىڭ رەزىل ئادەم ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتۇلدۇرغۇدەك ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا مېنىڭ خاتالىقىمنى سوراپ يۈرىسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ گۇناھىمنى سۈرۈشتۈرىسەن؟» ــ دەيمەن. | 6 |
that You should seek my iniquity and search out my sin—
though You know that I am not guilty, and there is no deliverance from Your hand?
ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛ بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن! | 8 |
Your hands shaped me and altogether formed me. Would You now turn and destroy me?
سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛ سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟ | 9 |
Please remember that You molded me like clay. Would You now return me to dust?
سەن [ئۇستىلىق بىلەن] مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟ | 10 |
Did You not pour me out like milk, and curdle me like cheese?
سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن، ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن. | 11 |
You clothed me with skin and flesh, and knit me together with bones and sinews.
سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن، سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ. | 12 |
You have granted me life and loving devotion, and Your care has preserved my spirit.
بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛ بۇلارنىڭ ئەسلىدە قەلبىڭدە پۈكۈكلىكىنى بىلىمەن. | 13 |
Yet You concealed these things in Your heart, and I know that this was in Your mind:
گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛ سەن مېنىڭ قەبىھلىكىمنى جازالىماي قويمايتتىڭ. | 14 |
If I sinned, You would take note, and would not acquit me of my iniquity.
رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى! ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە، بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛ | 15 |
If I am guilty, woe to me! And even if I am righteous, I cannot lift my head. I am full of shame and aware of my affliction.
ھەتتا [بېشىمنى] كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ، سەن ئەشەددىي شىردەك مېنىڭ پېيىمگە چۈشەتتىڭ؛ سەن ماڭا كارامەت كۈچۈڭنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتەتتىڭ. | 16 |
Should I hold my head high, You would hunt me like a lion, and again display Your power against me.
سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛ ماڭا قارىتىلغان غەزىپىڭنى زور قىلىسەن؛ كۈچلىرىڭ ماڭا قارشى دولقۇنلاپ كەلمەكتە. | 17 |
You produce new witnesses against me and multiply Your anger toward me. Hardships assault me in wave after wave.
سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟ كاشكى، مەن چاچراپ كەتكەن بولسام، ھېچ ئادەم مېنى كۆرمەس ئىدى! | 18 |
Why then did You bring me from the womb? Oh, that I had died, and no eye had seen me!
مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم! بالىياتقۇدىن بىۋاسىتە گۆرگە ئاپىرىلغان بولاتتىم! | 19 |
If only I had never come to be, but had been carried from the womb to the grave.
مېنىڭ ئازغىنە كۈنلىرىم تۈگەي دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن بارسا كەلمەس يەرگە بارغۇچە، ــ قاراڭغۇلۇق، ئۆلۈم سايە بولغان زېمىنغا، ــ زۇلمەت بىر زېمىنغا، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا، ئۆلۈم سايىسىنىڭ زېمىنىغا، تەرتىپسىز، ھەتتا ئۆز نۇرى قاپقاراڭغۇ قىلىنغان شۇ زېمىنغا بارغۇچە، ماڭا ئازراق جان كىرىش ئۈچۈن، ئىشىڭنى بىر دەقىقە توختات، مەندىن نېرى بول!». | 20 |
Are my days not few? Withdraw from me, that I may have a little comfort,
before I go—never to return— to a land of darkness and gloom,
to a land of utter darkness, of deep shadow and disorder, where even the light is like darkness.”