< يەرەمىيا 1 >
بىنيامىن قەبىلىسى زېمىنىدىكى ئاناتوت يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلاردىن بولغان ھىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى [تۆۋەندە خاتىرىلىنىدۇ]: ــ | 1 |
Palavras de Jeremias, filho de Hilkias, dos sacerdotes que estavam em Anathoth, na terra de Benjamin:
يەھۇدا پادىشاھى، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە، يەنى ئۇ تەختكە ئولتۇرغان ئون ئۈچىنچى يىلىدا [يەرەمىياغا] پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى؛ | 2 |
Ao qual veiu a palavra do Senhor, nos dias de Josias, filho d'Ammon, rei de Judah, no decimo terceiro anno do seu reinado.
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە ھەمدە يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى شۇ يىلنىڭ بەشىنچى ئېيىدا يېرۇسالېمدىكىلەر سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە كېلىپ تۇردى. | 3 |
Assim lhe veiu tambem nos dias de Jeheiakim, filho de Josias, rei de Judah, até ao fim do anno undecimo de Zedekias, filho de Josias, rei de Judah, até que Jerusalem foi levada em captiveiro no quinto mez.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: | 4 |
Assim que veiu a mim a palavra do Senhor, dizendo:
ــ ئاناڭنىڭ قورسىقىدا سېنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن سېنى بىلەتتىم؛ سەن بالىياتقۇدىن چىقىشتىن بۇرۇن سېنى ئۆزۈمگە ئاتاپ، ئەللەرگە پەيغەمبەر بولۇشقا تىكلىدىم، ــ دېيىلدى. | 5 |
Antes que te formasse no ventre, te conheci, e antes que saisses da madre, te sanctifiquei; ás nações te dei por propheta.
مەن بولسام: ــ ئاپلا، پەرۋەردىگار! مەن گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن؛ چۈنكى مەن گۆدەك بالىدۇرمەن، دېدىم. | 6 |
Então disse eu: Ah Senhor Jehovah! Eis que não sei fallar; porque ainda sou um menino.
لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ ئۆزۈڭنى گۆدەك بالا، دېمە؛ چۈنكى مەن سېنى كىمگە ئەۋەتسەم، سەن شۇلارغا بارىسەن؛ ۋە مەن سېنى نېمە دە دەپ بۇيرۇسام، سەن شۇنى دەيسەن. | 7 |
Porém disse-me o Senhor: Não digas que és um menino; porque aonde quer que eu te enviar, irás; e tudo quanto te mandar fallarás.
ئۇلاردىن قورقما؛ چۈنكى سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دېدى. | 8 |
Não temas diante d'elles; porque estou comtigo para te livrar, diz o Senhor.
ۋە پەرۋەردىگار قولىنى سوزۇپ ئاغزىمغا تەگكۈزدى؛ پەرۋەردىگار ماڭا: مانا، ئۆز سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا قويدۇم؛ | 9 |
E estendeu o Senhor a sua mão, e tocou-me na bocca: e disse-me o Senhor: Eis que ponho as minhas palavras na tua bocca:
قارا، مۇشۇ كۈنى مەن سېنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش، قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەللەر ۋە پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تىكلىدىم، ــ دېدى. | 10 |
Olha, ponho-te n'este dia sobre as nações, e sobre os reinos, para arrancares, e para derribares, e para destruires, e para arruinares; e tambem para edificares e para plantares.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: «يەرەمىيا، نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆرۈۋاتىمەن» ــ دېدىم. | 11 |
Veiu a mim mais a palavra do Senhor, dizendo: Que é o que vês, Jeremias? E eu disse: Vejo uma vara de amendoeira.
پەرۋەردىگار ماڭا: «كۆرگىنىڭ ياخشى بولدى؛ چۈنكى مەن سۆزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن سۆزۈمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن» ــ دېدى. | 12 |
E disse-me o Senhor: Bem viste; porque apressurar-me-hei sobre a minha palavra para cumpril-a.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ: «نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «پورۇق-پورۇق قايناۋاتقان، ئاغزى شىمال تەرىپىدىن قىيسايغان بىر قازاننى كۆردۈم» ــ دېدىم. | 13 |
E veiu a mim a palavra do Senhor segunda vez, dizendo: Que é o que vês? E eu disse: Vejo uma panella fervente, cuja face está para a banda do norte.
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ كۈلپەت شىمال تەرەپتىن كېلىپ بۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە بۆسۈپ كېلىدۇ ــ دېدى. | 14 |
E disse-me o Senhor: Do norte se descobrirá o mal sobre todos os habitantes da terra.
ــ چۈنكى مانا، مەن شىمالىي پادىشاھلىقلارنىڭ بارلىق جەمەتلىرىنى چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار كېلىدۇ، پادىشاھلار ھەربىرى ئۆز تەختىنى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرى ئالدىغا سېلىپ، ھەممە سېپىللارغا ۋە يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇمغا تەييارلىنىدۇ؛ | 15 |
Porque eis que eu convoco todas as familias dos reinos do norte, diz o Senhor; e virão, e cada um porá o seu throno á entrada das portas de Jerusalem, e contra todos os seus muros em redor, e contra todas as cidades de Judah.
شۇنىڭ بىلەن مەن [يەھۇدادىكىلەرنىڭ] بارلىق رەزىللىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى جاكارلايمەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، ئۆز قوللىرى ياسىغانلىرىغا چوقۇندى. | 16 |
E eu pronunciarei contra elles os meus juizos, por causa de toda a sua malicia; pois me deixaram a mim, e queimaram incenso a deuses estranhos, e se encurvaram diante das obras das suas mãos.
سەن ئەمدى بېلىڭنى باغلاپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ساڭا بۇيرۇغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيت؛ ئۇلار ئالدىدا ھودۇقۇپ كەتمىگىن؛ بولمىسا مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ھودۇقتۇرىمەن. | 17 |
Tu, pois, cinge os teus lombos, e levanta-te, e dize-lhes tudo quanto eu te mandar: não sejas espantado diante d'elles, para que eu te não espante diante d'elles.
قارا، مەن بۈگۈن سېنى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىغا، ئەمىرلىرىگە، كاھىنلىرىغا ھەم پۈتكۈل زېمىن خەلقىگە قارشى تۇرغۇچى مۇستەھكەم شەھەر، تۆمۈر تۈۋرۈك ۋە مىس سېپىللاردەك تىكلىدىم. | 18 |
Porque, eis que te ponho hoje por cidade forte, e por columna de ferro, e por muros de bronze, contra toda a terra; contra os reis de Judah, contra os seus principes, contra os seus sacerdotes, e contra o povo da terra.
ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ ــ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 19 |
E pelejarão contra ti, mas não prevalecerão contra ti; porque eu estou comtigo, diz o Senhor, para te livrar.