< يەرەمىيا 9 >
ئاھ، مېنىڭ بېشىم سۇنىڭ بېشى، كۆزۈم ياشنىڭ بۇلىقى بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنىڭ قىزى ئارىسىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يىغلايتتىم! | 1 |
Aⱨ, mening bexim suning bexi, Kɵzüm yaxning buliⱪi bolsiidi! Undaⱪta hǝlⱪimning ⱪizi arisidiki ɵltürülgǝnlǝr üqün keqǝ-kündüz yiƣlayttim!
ئاھ، مەن ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا يولۇچىلار چۈشكىدەك بىر تۇرالغۇ بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنى تاشلاپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان بولاتتىم! چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار، مۇناپىقلارنىڭ بىر جامائىتىدۇر!» | 2 |
Aⱨ, mǝn üqün qɵl-bayawanda yoluqilar qüxkidǝk bir turalƣu bolsiidi! Undaⱪta hǝlⱪimni taxlap, ulardin ayrilƣan bolattim! Qünki ularning ⱨǝmmisi zinahorlar, Munapiⱪlarning bir jamaitidur!»
ــ ئۇلار ئوقياچى لەشكەرلەر ئوقيايىنى ئېگىلدۈرگەندەك تىلىنى يالغانچىلىققا ئېگىلدۈرۈشكە تەييارلىغان؛ ئۇلار زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازانغان، بىراق بۇ سەمىمىيلىك بىلەن بولغان ئەمەس؛ ئۇلار رەزىللىك ئۈستىگە رەزىللىك قىلغان، مېنى ھېچ تونۇپ بىلمىگەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 3 |
— Ular oⱪyaqi lǝxkǝrlǝr oⱪyayini egildürgǝndǝk tilini yalƣanqiliⱪⱪa egildürüxkǝ tǝyyarliƣan; ular zeminda üstünlük ⱪazanƣan, biraⱪ bu sǝmimiylik bilǝn bolƣan ǝmǝs; ular rǝzillik üstigǝ rǝzillik ⱪilƣan, Meni ⱨeq tonup bilmigǝn» — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلاردىن ھېزى بولۇڭلار، قېرىنداشلىرىڭلارغا ھېچ تايانماڭلار؛ چۈنكى ھەربىر قېرىنداش پەقەتلا ئالدىغۇچى، خالاس، ھەربىر يېقىنلىرىڭ بولسا تۆھمەتخورلۇقتا يۈرمەكتە. | 4 |
— Ⱨǝrbiringlar ɵz yeⱪininglardin ⱨezi bolunglar, ⱪerindaxliringlarƣa ⱨeq tayanmanglar; qünki ⱨǝrbir ⱪerindax pǝⱪǝtla aldiƣuqi, halas, ⱨǝrbir yeⱪinliring bolsa tɵⱨmǝthorluⱪta yürmǝktǝ.
ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنلىرىغا ئالدامچىلىق قىلماقتا، ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆز تىلىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ، ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ. | 5 |
Ular ⱨǝrbiri ɵz yeⱪinliriƣa aldamqiliⱪ ⱪilmaⱪta, ⱨeqkim ⱨǝⱪiⱪǝtni sɵzlimǝydu; ular ɵz tilini yalƣan sɵzlǝxkǝ ɵgitidu, ular ⱪǝbiⱨliktǝ ɵzlirini upritidu.
ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 6 |
Ular jǝbir-zulum üstigǝ jǝbir-zulum ⱪilmaⱪta, aldamqiliⱪtin yǝnǝ bir aldamqiliⱪⱪa ɵtmǝktǝ; ular Meni tonuxni rǝt ⱪilidu, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاپ سىنايمەن؛ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ رەزىللىكىگە ماڭا باشقا يول قالمىدىمۇ؟ | 7 |
Xunga samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn ularni eritip tawlap sinaymǝn; hǝlⱪimning ⱪizining rǝzillikigǝ Manga baxⱪa yol ⱪalmidimu?
ئۇلارنىڭ تىلى ئەجەل ئوقىدۇر؛ ئۇ ئالدامچىلىقنى سۆزلەيدۇ؛ ھەربىر ئېغىز سۆزىدە يېقىنى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن كۆڭلىدە قىلتاق تەييارلايدۇ. | 8 |
Ularning tili ǝjǝl oⱪidur; u aldamqiliⱪni sɵzlǝydu; ⱨǝrbir eƣiz sɵzidǝ yeⱪini bilǝn tinq-amanliⱪni sɵzlǝydu, lekin kɵnglidǝ ⱪiltaⱪ tǝyyarlaydu.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ | 9 |
Bu ixlar tüpǝylidin ularni jazalimay ⱪoyamdim? — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — Mening jenim muxundaⱪ bir ǝldin ⱪisas almay ⱪoyamdu?
«تاغلاردىكى يايلاقلار ئۈچۈن يىغا ۋە نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، دالادىكى ئوتلاقلار ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيمەن؛ چۈنكى ئۇلار كۆيۈپ كەتتىكى، ھېچكىم ئۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ؛ كالىلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ؛ ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم ھايۋاناتلارمۇ قېچىپ، شۇ يەردىن كەتتى!». | 10 |
«Taƣlardiki yaylaⱪlar üqün yiƣa wǝ nalǝ-pǝryad kɵtürimǝn, Daladiki otlaⱪlar üqün mǝrsiyǝ oⱪuymǝn; Qünki ular kɵyüp kǝttiki, ⱨeqkim u yǝrdin ɵtmǝydu; Kalilarning ⱨɵrkirǝxliri anglanmaydu; Ⱨǝm asmandiki uqar-ⱪanatlar ⱨǝm ⱨaywanatlarmu ⱪeqip, Xu yǝrdin kǝtti!».
ــ مەن يېرۇسالېمنى خارابلاشقان توپ-توپ دۆۋە، چىلبۆرىلەرنىڭ بىر تۇرالغۇسى قىلىمەن؛ يەھۇدا شەھەرلىرىنى ئادەم تۇرمايدىغان دەرىجىدە ۋايرانە قىلىمەن. | 11 |
— Mǝn Yerusalemni harablaxⱪan top-top dɵwǝ, qilbɵrilǝrning bir turalƣusi ⱪilimǝn; Yǝⱨuda xǝⱨǝrlirini adǝm turmaydiƣan dǝrijidǝ wayranǝ ⱪilimǝn.
ــ كىم بۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە دانىشمەن بولىدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئېلىپ بۇلارنى چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ نېمىشقا زېمىن ۋەيرانە، ھېچكىم ئۆتمىگۈدەك، كۆيۈپ چۆل-باياۋاندەك بولۇپ كەتتى؟ | 12 |
— Kim bu ixlarni qüxinixkǝ danixmǝn bolidu? Kim Pǝrwǝrdigarning aƣzidin sɵz elip bularni qüxǝndürǝlǝydu? Nemixⱪa zemin wǝyranǝ, ⱨeqkim ɵtmigüdǝk, kɵyüp qɵl-bayawandǝk bolup kǝtti?
پەرۋەردىگار دەيدۇ، ــ چۈنكى ئۇلار مەن ئۇلار ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇننى تاشلىۋەتكەن، مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭدا ماڭمىغان، | 13 |
Pǝrwǝrdigar dǝydu, — Qünki ular Mǝn ular aldiƣa ⱪoyƣan Tǝwrat-ⱪanunni taxliwǝtkǝn, Mening awazimƣa ⱪulaⱪ salmiƣan wǝ uningda mangmiƣan,
بەلكى ئۆز قەلبىدىكى جاھىللىققا ئەگەشكەن، ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن، | 14 |
Bǝlki ɵz ⱪǝlbidiki jaⱨilliⱪⱪa ǝgǝxkǝn, ata-bowiliri ularƣa ɵgǝtkǝndǝk Baallarning kǝynigǝ ǝgixip kǝtkǝn,
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلققە كەكرىنى يېگۈزىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن، | 15 |
Xunga samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar, Israilning Hudasi mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn bu hǝlⱪⱪǝ kǝkrini yegüzimǝn, ularƣa ɵt süyini iqküzimǝn,
ئۇلارنى ئۇلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرى ئىلگىرى ھېچ تونۇمايدىغان ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا قىلىچنى ئەۋەتىمەن. | 16 |
ularni ular yaki ata-bowiliri ilgiri ⱨeq tonumaydiƣan ǝllǝr arisiƣa tarⱪitimǝn; Mǝn ularni yoⱪatⱪuqǝ ularning kǝynidin ⱪoƣlaxⱪa ⱪiliqni ǝwǝtimǝn.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭۈل قويۇڭلار، ماتەمچى ئاياللارنى كېلىشكە چاقىرىڭلار، يىغلاشقا ئەڭ ئۇستا بولغان قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭلار! | 17 |
Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Kɵngül ⱪoyunglar, matǝmqi ayallarni kelixkǝ qaⱪiringlar, yiƣlaxⱪa ǝng usta bolƣan ⱪiz-ayallarni qaⱪirip kelixkǝ adǝm ǝwǝtinglar!
ــ بەرھەق، ئۇلار تېز كەلسۇن، بىز ئۈچۈن زور يىغا كۆتۈرسۇنكى، بىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىنمۇ ياشلار تاراملاپ تۆكۈلسۇن، چاناقلىرىمىزدىنمۇ ياش تامچىلىرى ئاقسۇن ــ | 18 |
— Bǝrⱨǝⱪ, ular tez kǝlsun, biz üqün zor yiƣa kɵtürsunki, bizning kɵzlirimizdinmu yaxlar taramlap tɵkülsun, qanaⱪlirimizdinmu yax tamqiliri aⱪsun —
چۈنكى زىئوندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ: ــ «بىز قانچىلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق! قانچىلىك شەرمەندە بولدۇق! ئۇلار تۇرالغۇلىرىمىزنى ئۆرۈۋەتتى، بىز زېمىنىمىزنى تاشلىدۇق!» ــ دېيىلىدۇ. | 19 |
qünki Ziondin yiƣa awazi anglinip: — «Biz ⱪanqilik bulang-talang ⱪilinduⱪ! Ⱪanqilik xǝrmǝndǝ bolduⱪ! Ular turalƣulirimizni ɵrüwǝtti, biz zeminimizni taxliduⱪ!» — deyilidu.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئاياللار، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭلار؛ قىزىڭلارغا يىغلاشنى ئۆگىتىڭلار، ھەربىرىڭلار يېقىنىڭلارغا مەرسىيە ئوقۇتۇڭلار؛ | 20 |
Pǝrwǝrdigarning sɵzini anglanglar, i ayallar, Uning aƣzidiki sɵzgǝ ⱪulaⱪ selinglar; Ⱪizinglarƣa yiƣlaxni ɵgitinglar, Ⱨǝrbiringlar yeⱪininglarƣa mǝrsiyǝ oⱪutunglar;
چۈنكى ئۆلۈم بولسا دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ كىرگەن، ئوردا-ئىستىھكاملىرىمىزغىمۇ كىرگەن؛ ئۇ بالىلارنى كوچىلاردىن، يىگىتلەرنى رەستە-مەيدانلاردىن يۇلۇپ تاشلىغان. | 21 |
Qünki ɵlüm bolsa derizilirimizdin yamixip kirgǝn, Orda-istiⱨkamlirimizƣimu kirgǝn; U balilarni koqilardin, Yigitlǝrni rǝstǝ-mǝydanlardin yulup taxliƣan.
[يېقىنلىرىڭلارغا] ئۇقتۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، جەسەتلەر دالادا تېزەكتەك يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ئورمىچىنىڭ ئورغىقىنىڭ ئاستىغا يىقىلغان، لېكىن ھېچكىم يىغمايدىغان باشاقتەك يەرگە چېچىلىدۇ!» ــ دەڭلار! | 22 |
[Yeⱪinliringlarƣa] uⱪturup: «Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Bǝrⱨǝⱪ, jǝsǝtlǝr dalada tezǝktǝk yiⱪilidu; Ular ormiqining orƣiⱪining astiƣa yiⱪilƣan, Lekin ⱨeqkim yiƣmaydiƣan baxaⱪtǝk yǝrgǝ qeqilidu!» — dǝnglar!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دانا كىشى دانالىقى بىلەن، كۈچلۈك كىشى كۈچلۈكلىكى بىلەن، باي بايلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ماختانمىسۇن؛ | 23 |
Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Dana kixi danaliⱪi bilǝn, küqlük kixi küqlükliki bilǝn, bay bayliⱪliri bilǝn pǝhirlinip mahtanmisun;
پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا شۇنىڭدىن، يەنى مېنى، يەر يۈزىدە مېھىر-مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگۈچى مەن پەرۋەردىگارنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ماختانسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ خۇرسەنلىكىم دەل مۇشۇ ئىشلاردىندۇر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 24 |
pǝhirlinip mahtiƣuqi bolsa xuningdin, yǝni Meni, yǝr yüzidǝ meⱨir-muⱨǝbbǝt, adalǝt wǝ ⱨǝⱪⱪaniyliⱪni yürgüzgüqi Mǝn Pǝrwǝrdigarni tonup yǝtkǝnlikidin pǝhirlinip mahtansun; qünki Mening hursǝnlikim dǝl muxu ixlardindur, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەتنە قىلمىغانلارنى خەتنە قىلىنغانلار بىلەن بىللە جازالايمەن؛ | 25 |
Mana, xundaⱪ künlǝr keliduki, — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — Mǝn hǝtnǝ ⱪilmiƣanlarni hǝtnǝ ⱪilinƣanlar bilǝn billǝ jazalaymǝn;
يەنى مىسىر، يەھۇدا، ئېدوم، ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار، جۈملىدىن چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان، چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەتنىسىزدۇر؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جەمەتىمۇ كۆڭلىدە خەتنىسىزدۇر. | 26 |
yǝni Misir, Yǝⱨuda, Edom, Ammoniylar wǝ Moabiylar, jümlidin qɵl-bayawanda turuwatⱪan, qekǝ qaqlirini qüxürüwǝtkǝn ǝllǝrni jazalaymǝn; qünki bu ǝllǝrning ⱨǝmmisi hǝtnisizdur; Israilning barliⱪ jǝmǝtimu kɵnglidǝ hǝtnisizdur.