< يەرەمىيا 8 >
شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، كاھىنلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆرلىرىدىن ئېلىپ چىقىرىدۇ؛ | 1 |
主は言われる、その時ユダの王たちの骨と、そのつかさたちの骨と、祭司たちの骨と、預言者たちの骨と、エルサレムに住む人々の骨は墓より掘り出されて、
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق جىسىملار ئاستىدا يايىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنى سۆيگەن، بۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، بۇلارغا ئەگەشكەن، بۇلارنى ئىزدىگەن، بۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر يەرگە ھېچ يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار زېمىن يۈزىدە ئوغۇت بولۇپ ياتىدۇ. | 2 |
彼らの愛し、仕え、従い、求め、また拝んだ、日と月と天の衆群の前にさらされる。その骨は集める者も葬る者もなく、地のおもてに糞土のようになる。
مەن بۇلاردىن قالغانلىرىنى ھەيدىگەن جايلاردا، بۇ رەزىل جەمەتتىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھاياتنىڭ ئورنىغا ماماتنى تاللايدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 3 |
この悪しき民のうちの残っている残りの者はみな、わたしが追いやった場所で、生きることよりも死ぬことを願うようになると、万軍の主は言われる。
ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر يىقىلسا قايتىدىن تۇرمامدۇ؟ بىرسى يولدىن چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەمدۇ؟ | 4 |
あなたは彼らに言わなければならない。主はこう仰せられる、人は倒れたならば、また起きあがらないであろうか。離れていったならば、帰ってこないであろうか。
نېمىشقا يېرۇسالېمدىكى بۇ خەلق ھەمىشە يولدىن چىقىش بىلەنلا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ئالدامچىلىقنى چىڭ تۇتىدۇ، يېنىمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلىدۇ. | 5 |
それにどうしてこの民は、常にそむいて離れていくのか。彼らは偽りを固くとらえて、帰ってくることを拒んでいる。
مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ. | 6 |
わたしは気をつけて聞いたが、彼らは正しくは語らなかった。その悪を悔いて、『わたしのした事は何か』という者はひとりもない。彼らはみな戦場に、はせ入る馬のように、自分のすきな道に向かう。
ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ. | 7 |
空のこうのとりでもその時を知り、山ばとと、つばめと、つるはその来る時を守る。しかしわが民は主のおきてを知らない。
سىلەر قانداقمۇ: «بىز دانادۇرمىز، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى بىزدە باردۇر!» دەيسىلەر؟ مانا، بەرھەق، ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان. | 8 |
どうしてあなたがたは、『われわれには知恵がある、主のおきてがある』と言うことができようか。見よ、まことに書記の偽りの筆がこれを偽りにしたのだ。
دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟ | 9 |
知恵ある者は、はずかしめられ、あわてふためき、捕えられる。見よ、彼らは主の言葉を捨てた、彼らになんの知恵があろうか。
شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقىلارغا، ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ساختا ئىش كۆرىدۇ. | 10 |
それゆえ、わたしは彼らの妻を他人に与え、その畑を征服者に与える。それは彼らが小さい者から大きい者にいたるまで、みな不正な利をむさぼり、預言者から祭司にいたるまで、みな偽りを行っているからである。
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! | 11 |
彼らは手軽に、わたしの民の傷をいやし、平安がないのに、『平安、平安』と言っている。
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 12 |
彼らは憎むべきことをして、恥じたであろうか。すこしも恥ずかしいとは思わず、また恥じることを知らなかった。それゆえ彼らは倒れる者と共に倒れる。わたしが彼らを罰するとき、彼らは倒れると、主は言われる。
مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۈزۈم تېلىدا ئۈزۈملەر، ئەنجۈر دەرىخىدە ئەنجۈرلەر ھېچ قالمىدى؛ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. | 13 |
主は言われる、わたしが集めようと思うとき、ぶどうの木にぶどうはなく、いちじくの木に、いちじくはなく、葉さえ、しぼんでいる。わたしが彼らに与えたものも、彼らを離れて、うせ去った」。
«بىز نېمىشقا مۇشۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇۋېرىمىز؟ يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە [كۈرەش قىلىپ] تۈگىشەيلى! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ، بىزگە ئۆت سۈيىنى بەردى؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. | 14 |
どうしてわれわれはなす事もなく座しているのか。集まって、堅固な町にはいり、そこでわれわれは滅びよう。われわれが主に罪を犯したので、われわれの神、主がわれわれを滅ぼそうとして、毒の水を飲ませられるのだ。
ئامان-تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ كەلدۇق، لېكىن ھېچ ياخشىلىق بولمىدى؛ شىپا ۋاقتىنى كۈتتۇق، لېكىن مانا، ۋەھىمە باستى! | 15 |
われわれは平安を望んだが、良い事はこなかった。いやされる時を望んだが、かえって恐怖が来た。
دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!». | 16 |
「彼らの馬のいななきはダンから聞えてくる。彼らの強い馬の声によって全地は震う。彼らは来て、この地と、ここにあるすべてのもの、町と、そのうちに住む者とを食い滅ぼす。
ــ مانا، مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
見よ、魔法をもってならすことのできない、へびや、まむしをあなたがたのうちにつかわす。それはあなたがたをかむ」と主は言われる。
[مەن]: «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!» ــ [دېدىم]. | 18 |
わが嘆きはいやしがたく、わが心はうちに悩む。
«مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! [ئۇلار] ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ [دەيدۇ]. نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!» | 19 |
聞け、地の全面から、わが民の娘の声があがるのを。「主はシオンにおられないのか、シオンの王はそのうちにおられないのか」。「なぜ彼らはその彫像と、異邦の偶像とをもって、わたしを怒らせたのか」。
ــ «ئورما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياز تۈگىدى، لېكىن بىز بولساق يەنىلا قۇتقۇزۇلمىدۇق!» | 20 |
「刈入れの時は過ぎ、夏もはや終った、しかしわれわれはまだ救われない」。
«خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى، ــ | 21 |
わが民の娘の傷によって、わが心は痛む。わたしは嘆き、うろたえる。
گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمىكەن؟ نېمىشقا ئەمدى مېنىڭ خەلقىمنىڭ قىزىغا داۋا تېپىلمايدۇ؟!». | 22 |
ギレアデに乳香があるではないか。その所に医者がいるではないか。それにどうしてわが民の娘はいやされることがないのか。