< يەرەمىيا 7 >
پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ | 1 |
A palavra que foi dita a Jeremias pelo Senhor, dizendo:
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن. | 2 |
Põe-te á porta da casa do Senhor, e proclama ali esta palavra, e dize: Ouvi a palavra do Senhor, ó todo Judah, os que entraes por estas portas, para adorardes ao Senhor.
ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن. | 3 |
Assim diz o Senhor dos Exercitos, o Deus d'Israel: Melhorae os vossos caminhos e as vossas obras, e vos farei habitar n'este logar.
«پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار. | 4 |
Não vos fieis em palavras falsas, dizendo: Templo do Senhor, templo do Senhor, templo do Senhor são estes.
ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار، | 5 |
Mas, se devéras melhorardes os vossos caminhos e as vossas obras, se devéras fizerdes juizo entre um homem e entre o seu companheiro,
ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ | 6 |
Não opprimirdes o estrangeiro, e orphão, e viuva, nem derramardes sangue innocente n'este logar nem andardes após os deuses alheios para vosso mal,
شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن. | 7 |
Eu vos farei habitar n'este logar, na terra que dei a vossos paes, de seculo em seculo.
لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر. | 8 |
Eis que vós confiaes nas palavras falsas, que não aproveitam para nada.
ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، | 9 |
Porventura furtareis, e matareis, e adulterareis, e jurareis falsamente, e queimareis incenso a Baal, e andareis após os deuses alheios, a quem não conheceis?
ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟! | 10 |
E então vireis, e vos poreis diante de mim n'esta casa, que se chama pelo meu nome, e direis: Somos entregues para fazermos todas estas abominações.
مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 11 |
É pois esta casa, que se chama pelo meu nome, uma caverna de salteadores aos vossos olhos? eis que tambem eu o vi, diz o Senhor.
شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار! | 12 |
Porque ide agora ao meu logar, que estava em Silo, onde fiz habitar o meu nome ao principio, e vêde o que lhe fiz, por causa da maldade do meu povo Israel.
ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ | 13 |
Agora, pois, porquanto fazeis todas estas obras, diz o Senhor, e eu vos fallei, madrugando, e fallando, e não ouvistes, e chamei-vos, e não respondestes,
ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛ | 14 |
Farei tambem a esta casa, que se chama pelo meu nome, em que confiaes, e a este logar, que vos dei a vós e a vossos paes, como fiz a Silo.
مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن. | 15 |
E vos lançarei de diante da minha face, como lancei a todos os vossos irmãos, a toda a geração d'Ephraim.
ئەمدى سەن، [يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ [گۇناھلىرىنى] ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن. | 16 |
Tu pois não ores por este povo, nem levantes por elle clamor nem oração, nem me importunes, porque eu não te ouvirei.
ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟ | 17 |
Porventura tu não vês o que andam fazendo nas cidades de Judah, e nas ruas de Jerusalem?
بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ. | 18 |
Os filhos apanham a lenha, e os paes accendem o fogo, e as mulheres amassam a massa, para fazerem bolos á rainha dos céus, e offerecem libações a deuses alheios, para me provocarem á ira.
ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟ | 19 |
Acaso elles a mim me provocam á ira? diz o Senhor, e não antes a si mesmos, para confusão dos seus rostos?
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. | 20 |
Portanto assim diz o Senhor Jehovah: Eis que a minha ira e o meu furor se derramarão sobre este logar, sobre os homens e sobre as bestas, e sobre as arvores do campo, e sobre os fructos da terra; e accender-se-ha, e não se apagará.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار! | 21 |
Assim diz o Senhor dos Exercitos, o Deus d'Israel: Ajuntae os vossos holocaustos aos vossos sacrificios, e comei carne.
چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛ | 22 |
Porque nunca fallei a vossos paes, no dia em que vos tirei da terra do Egypto, nem lhes ordenei coisa alguma ácerca de holocaustos ou sacrificios.
بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم. | 23 |
Porém esta coisa lhes ordenei, dizendo: Dae ouvidos á minha voz, e eu serei o vosso Deus, e vós sereis o meu povo; e andae em todo o caminho que eu vos mandar, para que vos vá bem
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان. | 24 |
Porém não ouviram, nem inclinaram os seus ouvidos, mas andaram nos seus proprios conselhos, no proposito do seu coração malvado; e tornaram-se para traz, e não para diante.
ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم. | 25 |
Desde o dia em que vossos paes sairam da terra do Egypto, até ao dia de hoje, enviei-vos todos os meus servos, os prophetas, cada dia madrugando e enviando-os;
لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. | 26 |
Porém não me deram ouvidos, nem inclinaram os seus ouvidos, mas endureceram a sua cerviz, e fizeram peior do que seus paes.
سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى [توۋا قىلىشقا] چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ. | 27 |
Fallar-lhes-has pois todas estas palavras, mas não te darão ouvidos; chamal-os-has, mas não te responderão.
ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى. | 28 |
E lhes dirás: Esta é gente que não dá ouvidos á voz do Senhor seu Deus e não acceita castigo: já pereceu a verdade, e se arrancou da sua bocca.
چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. | 29 |
Tosquia o cabello da tua cabeça, e lança-o fóra, e levanta o teu pranto sobre as alturas; porque já o Senhor rejeitou e desamparou a geração do seu furor
چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ | 30 |
Porque os filhos de Judah fizeram o que parece mal aos meus olhos, diz o Senhor; pozeram as suas abominações na casa que se chama pelo meu nome, para contaminal-a.
ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر. | 31 |
E edificaram os altos de Topheth, que está no valle do filho de Hinnom, para queimarem no fogo a seus filhos e a suas filhas; o que nunca ordenei, nem me subiu sobre o coração.
شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ. | 32 |
Portanto, eis que veem dias, diz o Senhor, em que nunca se chamará mais Topheth, nem valle do filho de Hinnom, mas o valle da matança; e enterrarão em Topheth, por não haver logar.
بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. | 33 |
E os cadaveres d'este povo servirão de pasto ás aves dos céus e aos animaes da terra; e ninguem os espantará.
مەن يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم شەھەرلىرىدىن ئويۇن-تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ چۈنكى زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ. | 34 |
E farei cessar das cidades de Judah, e das ruas de Jerusalem, a voz de folguedo, e a voz de alegria, a voz de esposo e a voz de esposa; porque a terra se tornará em desolação.