< يەرەمىيا 6 >
جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرۇسالېم شەھىرىدىن قېچىڭلار، ئى بىنيامىن جەمەتىدىكىلەر! تەكوئا يېزىسىدا كاناي چېلىڭلار! بەيت-ھاككەرەمدە ئىس سىگنالىنى كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى بالايىئاپەت، يەنى دەھشەتلىك ھالاكەت شىمال تەرەپتىن پەيدا بولىدۇ. | 1 |
Скупите се из Јерусалима, синови Венијаминови, и у Текуји затрубите у трубу, и подигните знак огњен над Вет-Акеремом, јер се види зло од севера и велика погибао.
زىئون قىزى، يەنى نازىنىن ساھىبجامالنى، مەن نابۇت قىلىمەن. | 2 |
Учиних кћер сионску да је као лепа и нежна девојка.
يېرۇسالېمغا قارشى چىقىۋاتقان پادا باققۇچىلارمۇ ئۆز پادىلىرىنى ئېپكېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئېلىپ چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئىگىلىگەن جايدا پادا باقىدۇ. | 3 |
К њој ће доћи пастири са стадима својим, разапеће око ње шаторе, сваки ће опасти своје место.
[ئۇلار]: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ [دەيدۇ]، [ئاندىن]: | 4 |
Спремите рат на њу, устаните да ударимо у подне. Тешко нама, јер дан наже, и сенке вечерње одуљаше.
«شۇڭا، كېچىچە ھۇجۇم قىلىپ چىقايلى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئوردىلىرىنى يوقىتايلى!» ــ دەيدۇ. | 5 |
Устаните да ударимо обноћ и развалимо дворове њене.
ــ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۇلار بىلەن يېرۇسالېم ئەتراپىدا دۆڭ-پوتەيلەرنى ياساڭلار؛ چۈنكى ئۇ جازالانمىسا بولمايدىغان شەھەردۇر؛ ئۇنىڭدا بارلىق ئىشلار زۇلۇم-زومىگەرلىكتۇر. | 6 |
Јер овако говори Господ над војскама: Сеците дрва, и начините опкопе према Јерусалиму; то је град који треба походити; колики је год, насиље је у њему.
قۇدۇق ئۆز سۇلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارغاندەك، ئۇمۇ رەزىللىكلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقتا؛ ئۇنىڭدىن زۇلمەت-زوراۋانلىق ۋە ھالاكەت سادالىرى ئاڭلانماقتا؛ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ھەمىشە ئاغرىق-كېسەللەر ھەم يارىلانغانلار پەيدا بولماقتا. | 7 |
Као што извор точи воду своју, тако он точи злоћу своју; насиље и отимање чује се у њему, преда мном су једнако болови и ране.
ئى يېرۇسالېم، تەلىم-تەربىيە قوبۇل قىل؛ بولمىسا جېنىم سەندىن ۋاز كېچىدۇ، ــ بولمىسا، مەن سېنى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بىر زېمىن قىلىۋېتىمەن. | 8 |
Поправи се, Јерусалиме, да се не отргне душа моја од тебе, да те не обратим у пустињу, у земљу где се не живи.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار ئۈزۈم تېلىنى پاساڭدىغۇچىلاردەك ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پاساڭدايدۇ؛ شۇڭا سەن ئۈزۈم ئۈزگۈچىدەك ئۈزۈم تېلىدىكى شاخلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قولۇڭنى ئۆتكۈزگىن! | 9 |
Овако говори Господ над војскама: Остатак ће се Израиљев пабирчити као винова лоза. Турај руку своју као берач у котарице.
[مەن]: ــ مەن ھازىر كىمگە سۆز قىلىپ ئاگاھلاندۇراي؟ ئۇلاردىن ئاڭلىغۇدەك زادى كىم بار؟ مانا، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى سۈننەت قىلىنمىغان، ئۇلار ھېچ ئاڭلىيالمايدۇ. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ھېچ خۇشياقمايدۇ، ــ [دېدىم]. | 10 |
Коме ћу говорити и сведочити да чују? Гле, ухо им је необрезано, те не могу чути; гле, реч је Господња њима подсмех, није им мила.
ــ قەلبىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى؛ ئۇنى ئىچىمگە سىغدۇرۇشتىن ھالسىراپ كەتتىم؛ ئۇنى كوچىدىكى بالىلار، يىگىتلەرنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا تۆككەيسەن. ئەر-ئاياللار، قېرىلار ھەم ياشانغانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمىسۇن! | 11 |
За то сам пун гнева Господњег; изнемогох устежући га; просућу га на децу по улицама и на сабране младиће, и човек и жена ухватиће се, и стари и временити.
ــ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ئاياللىرى بىلەن بىللە ئۆزگىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى مەن قولۇمنى زېمىندىكىلەرگە سوزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 12 |
И куће ће њихове припасти другима, и њиве и жене, кад махнем руком својом на становнике ове земље, вели Господ.
ــ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ | 13 |
Јер од малог до великог сви се дадоше на лакомство, и пророк и свештеник, сви су варалице.
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! | 14 |
И лече ране кћери народа мог овлаш, говорећи: Мир, мир; а мира нема.
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 15 |
Еда ли се постидеше што чинише гад? Нити се постидеше нити знају за стид; за то ће попадати међу онима који падају; кад их походим, попадаће, вели Господ.
شۇڭا پەرۋەردىگار [ئۆز خەلقىگە] مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر تۆت ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىسىلەر؛ شۇڭا يولۇڭلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭلار، قەدىمكى، ياخشىلىققا ئېلىپ بارغان يوللارنى سوراپ، ئۇلاردا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا جېنىڭلار ئوبدان ئارام تاپىدۇ. لېكىن ئۇلار: «بىز شۇلاردا ماڭمايمىز!» ــ دەيدۇ. | 16 |
Господ рече овако: Станите на путевима и погледајте, и питајте за старе стазе, који је пут добар, па идите по њему, и наћи ћете мир души својој. А они рекоше: Нећемо да идемо.
مەن: سىلەرگە «كاناينىڭ ئاگاھ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەيدىغان ئاگاھ بەرگۈچى كۆزەتچىلەرنى تىكلىدىم؛ لېكىن سىلەر: «قۇلاق سالمايمىز» دېدىڭلار. | 17 |
И поставих вам стражаре говорећи: Пазите на глас трубни. А они рекоше: Нећемо да пазимо.
شۇڭا ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار؛ گۇۋاھچىلار بولۇپ ئۇلار ئارىسىدا بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ قويۇڭلار! | 18 |
Зато чујте, народи, и познај, зборе, шта је међу њима.
ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان. | 19 |
Чуј, земљо! Ево ја ћу пустити зло на овај народ, плод мисли њихових, јер не пазе на моје речи, и одбацише закон мој.
ــ ئەمدى زادى نېمە مەقسەتتە شېبادىن چىققان خۇشبۇي، يىراق يۇرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېگىر ماڭا سۇنۇلىدۇ؟ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار قوبۇل قىلارلىق ئەمەس، سىلەرنىڭ «تەشەككۈر قۇرنانلىق»لىرىڭلار مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ. | 20 |
Шта ће ми тамјан, што долази из Саве, и добри цимет из далеке земље? Жртве ваше паљенице нису ми угодне, нити су ми приноси ваши мили.
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلق ئالدىغا پۇتلىكاشاڭلارنى سالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەم ئاتىلار ھەم ئوغۇللار بىللە پۇتلىشىدۇ؛ قوشنىلار ۋە دوستلار ئوخشاشلا نابۇت بولىدۇ. | 21 |
Зато овако говори Господ: Ево ја ћу метнути овом народу сметње, о које ће се спотаћи и очеви и синови, сусед и пријатељ му, и погинуће.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قارا، شىمالىي زېمىندىن بىر خەلق كېلىدۇ، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەرىلىرىدىن ئۇلۇغ بىر ئەل قوزغىلىدۇ؛ | 22 |
Овако говори Господ: Ево народ ће доћи из земље северне, и велик ће народ устати од крајева земаљских.
ئۇلار ئوقيا ۋە قىلىچ بىلەن قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار زالىم، ھېچ رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاۋازى دېڭىز دولقۇنىدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار ئاتلارغا مىنىدۇ، جەڭگىۋار ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، ئى زىئون قىزى! | 23 |
Лук и копље носиће, жестоки ће бити и немилостиви, глас ће им бучати као море, и јахаће на коњима, спремни као јунаци да се бију с тобом, кћери сионска.
«بىز ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىدۇق؛ قولىمىز بوشىشىپ كەتتى؛ غەشلىك، تولغاقتا قالغان ئايالدەك ئازاب بىزنى تۇتتى» ــ [دېدىم]. | 24 |
Кад чујемо глас о њему, клонуће нам руке, туга ће нас спопасти и болови као породиљу.
«دالاغا چىقماڭلار، يوللار بىلەن ماڭماڭلار، چۈنكى دۈشمەننىڭ قىلىچى بار، تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ. | 25 |
Не излазите у поље, и путем не идите, јер је мач непријатељев и страх унаоколо.
ئى خەلقىمنىڭ قىزى، سەن ئۆزۈڭگە بۆز كىيىم كىيىۋال، كۈللەر ئىچىدە ئېغىناپ يات؛ ئۆزۈڭنىڭ بىر تال ئوغلۇڭدىن جۇدا بولغاندەك قاتتىق يىغلاپ ماتەم تۇت؛ چۈنكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى بىزگە قاراپ تۇيۇقسىز كېلىدۇ». | 26 |
Кћери народа мог, припаши кострет и ваљај се у пепелу, жали као за сином јединцем и ридај горко, јер ће брзо доћи на нас затирач.
[پەرۋەردىگار ماڭا]: ــ مەن سېنى رودا سىنىغۇچى قىلىپ تىكلىدىم، خەلقىم بولسا خۇددى تەكشۈرۈلىدىغان رودىدەك بولىدۇ؛ سېنى ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ سىناشقا تىكلىدىم، ــ [دېدى]. | 27 |
Поставих те да си стражара и град народу мом да дознајеш и извиђаш пут њихов.
ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاسىينىڭ ئاسىيسى، ئۇلار تۆھمەت چاپلاپ ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئۆزىدۇر، ھەممىسى چىرىپ كەتكەندۇر؛ | 28 |
Сви су одметници над одметницима, иду те опадају, бронза су и гвожђе, сви су покварени.
تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىمۇ كۆيۈپ كەتتى، قوغۇشۇن بولسا ئوتتا يەم بولدى؛ رودىنى ئېرىتىپ تاۋلاش بىكار بولدى؛ خەلقىم يامانلاردىن خالىي بولمىدى. | 29 |
Изгореше мехови, огањ сажеже олово, узалуд се претапа, јер се зла не могу одлучити.
ئۇلار «داشقال كۈمۈش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدى. | 30 |
Они ће се звати сребро лажно, јер их Господ одбаци.