< يەرەمىيا 52 >
زەدەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر يېشىدا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. | 1 |
Cedeķija bija divdesmit un vienu gadu vecs, kad tapa par ķēniņu, un valdīja vienpadsmit gadus Jeruzālemē; viņa mātes vārds bija Amutale, Jeremijas meita no Libnas.
ئۇ [پادىشاھ] يەھوئاكىمنىڭ قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىشلارنى قىلدى. | 2 |
Un viņš darīja, kas bija ļauns Tā Kunga acīs, tā kā Jojaķims bija darījis.
پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى. بىرىنچىدىن، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. | 3 |
Jo tā notika Tā Kunga bardzības dēļ pret Jeruzālemi un pret Jūdu, līdz kamēr Viņš tos atmeta no Sava vaiga. Un Cedeķija atkāpās no Bābeles ķēniņa.
شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. | 4 |
Un viņa valdīšanas devītā gadā, desmitā mēnesī, desmitā mēneša dienā, Nebukadnecars, Bābeles ķēniņš, nāca pats ar visu savu karaspēku pret Jeruzālemi, un tie apmetās ap viņu un uztaisīja pret viņu visapkārt vaļņus.
شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. | 5 |
Tā tā pilsēta tapa apsēsta līdz ķēniņa Cedeķijas vienpadsmitam gadam.
شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. | 6 |
Ceturtā mēnesī, devītā mēneša dienā, bads augtin auga pilsētā, un zemiem ļaudīm nebija vairs maizes.
شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. | 7 |
Tad ielauzās pilsētā un visi karavīri bēga un izgāja naktī no pilsētas ārā pa vārtu ceļu starp abiem mūriem pie ķēniņa dārza. Bet Kaldeji bija visapkārt ap pilsētu.
لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. | 8 |
Un viņi gāja pa klajuma ceļu; bet Kaldeju spēks dzinās ķēniņam pakaļ un panāca Cedeķiju Jērikus klajumos, un viss viņa spēks izklīda no viņa nost.
ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ [شۇ يەردە] ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. | 9 |
Tad tie sagrāba ķēniņu un viņu noveda pie Bābeles ķēniņa uz Riblu Hamatas zemē, un tas sprieda tiesu par viņu.
بابىل پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئۇ يەھۇدانىڭ بارلىق ئەمىرلىرىنىمۇ رىبلاھ شەھىرىدە قەتل قىلدى؛ | 10 |
Un Bābeles ķēniņš nokāva Cedeķijas bērnus priekš viņa acīm, ir visus Jūda lielkungus viņš nokāva Riblā,
ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆلگۈچە زىندانغا قاماپ قويدى. | 11 |
Un viņš izdūra Cedeķijam acis un viņu saistīja ar divām vara ķēdēm; un Bābeles ķēniņš viņu noveda uz Bābeli un viņu lika cietuma namā līdz viņa miršanas dienai.
بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىدە بولغان، پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. | 12 |
Pēc tam, piektā mēnesī, desmitā mēneša dienā, tas bija ķēniņa Nebukadnecara, Bābeles ķēniņa, deviņpadsmitais gads, NebuzarAdans, pils karavīru virsnieks, kas stāvēja Bābeles ķēniņa priekšā, nāca uz Jeruzālemi,
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. | 13 |
Un sadedzināja Tā Kunga namu un ķēniņa namu līdz ar visiem Jeruzālemes namiem, un visus lielos namus viņš sadedzināja ar uguni.
ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. | 14 |
Un viss Kaldeju spēks, kas bija pie pils karavīru virsnieka, nolauza visus Jeruzālemes mūrus visapkārt.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامرات كىشىلەردىن بىر قىسمىنى، شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. | 15 |
Bet zemas kārtas ļaudis un tos atlikušos, kas pilsētā bija atlicināti, un tos bēgļus, kas bija pārgājuši pie Bābeles ķēniņa, un tos citus darba ļaudis, pils karavīru virsnieks Nebuzar Adans, aizveda projām.
لېكىن پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. | 16 |
Bet no tiem zemas kārtas ļaudīm tai zemē pils karavīru virsnieks NebuzarAdans kādus atlicināja par vīna dārzniekiem un arājiem.
كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. | 17 |
Un Kaldeji nolauza tos vara pīlārus pie Tā Kunga nama un tos krēslus un to vara jūru, kas bija Tā Kunga namā, un veda visu viņas varu uz Bābeli.
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، قاچىلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ | 18 |
Tie paņēma arī tos podus un tās lāpstas un dakšas un tos slakāmos traukus un biķerus un visus vara traukus, ko lietoja pie kalpošanas.
داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. | 19 |
Un pils karavīru virsnieks paņēma līdz tos kausus un vīraka traukus un slakāmos kausus un podus un lukturus un karotes un krūzes, kas bija tīra zelta un tīra sudraba,
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەگىلىكى بولغان ئون ئىككى بۇقىنى ئۇ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. | 20 |
Tos abus pīlārus, to vienu jūru, tos divpadsmit vara vēršus apakš tās un tos krēslus, ko ķēniņš Salamans bija taisījis priekš Tā Kunga nama. Tas varš no tā, no visiem tiem rīkiem, nebija sverams.
ئىككى تۈۋرۈك بولسا، ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز كېلەتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، مىسنىڭ قېلىنلىقى تۆت بارماق ئىدى. | 21 |
Un katra pīlāra augstums bija astoņpadsmit olektis un divpadsmit olekšu aukla gāja ap pīlāri apkārt, un tas varš bija četru pirkstu biezumā un vidū tukšs.
تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى بېشى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى بەش گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى. | 22 |
Un tas kronis uz pīlāra bija no vara, un ikkatra kroņa augstums bija piecas olektis, un tīkla darbs un granātāboli bija ap to kroni visapkārt, viss no vara; un tāpat arī bija pie tā otra pīlāra, un arī tie granātāboli.
ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ يانلىرىدا توقسان ئالتە ئانار نۇسخىسى بار ئىدى؛ توردا جەمئىي بولۇپ يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. | 23 |
Un to granātābolu bija deviņdesmit seši pret visiem vējiem, visu granātābolu bija simts tam tīkla darbam visapkārt.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. | 24 |
Pils karavīru virsnieks ņēma augsto priesteri Seraju un to otru priesteri Cefaniju un trīs sliekšņa sargus,
ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. | 25 |
Un no pilsētas viņš ņēma vienu ķēniņa sulaini, kas bija celts pār tiem karavīriem, un septiņus vīrus no tiem, kas bija ap ķēniņu, kas pilsētā tapa atrasti, ir kara vadoņa rakstītāju, kas tās zemes ļaudis priekš kara uzrakstīja, un sešdesmit vīrus no tās zemes ļaudīm, kas pilsētā tapa atrasti.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. | 26 |
Tos pils karavīru virsnieks NebuzarAdans ņēma un veda pie Bābeles ķēniņa uz Riblu.
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. | 27 |
Un Bābeles ķēniņš tos sita un nokāva Riblā Hamatas zemē. Tā Jūda no savas zemes tapa aizvests.
نېبوقادنەسار سۈرگۈن قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى مۇنداق ئىدى: ــ يەتتىنچى يىلى ئۈچ مىڭ يىگىرمە ئۈچ يەھۇدىي؛ | 28 |
Šie ir tie ļaudis, ko Nebukadnecars aizveda septītā gadā: trīs tūkstoš divdesmit trīs Jūdus;
نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۇ يېرۇسالېمدىن سەككىز يۈز ئوتتۇز ئىككى كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ | 29 |
Nebukadnecara astoņpadsmitā gadā: astoņsimt trīsdesmit divas dvēseles no Jeruzālemes.
نېبوقادنەسارنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدىيلاردىن يەتتە يۈز قىرىق بەش كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ جەمئىي بولۇپ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ سانى تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. | 30 |
Nebukadnecara divdesmit trešā gadā, pils karavīru virsnieks NebuzarAdans aizveda septiņsimt četrdesmit piecas Jūdu dvēseles; pavisam četrtūkstoš un sešsimt dvēseles.
شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى شۇ ئىش يۈز بەردى: ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، ئۇ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ | 31 |
Bet trīsdesmit septītā gadā pēc Jojaķima, Jūda ķēniņa, aizvešanas, divpadsmitā mēnesī, divdesmit piektā mēneša dienā, Evil-Merodaks Bābeles ķēniņš savā pirmā valdīšanas gadā, paaugstināja Jojaķima, Jūda ķēniņa, galvu un to izveda no cietuma nama,
ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بابىلدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ | 32 |
Un runāja laipnīgi ar viņu un cēla viņa krēslu pār to ķēniņu krēsliem, kas pie viņa bija Bābelē.
شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. | 33 |
Un pārmija viņa cietuma drēbes, un šis ēda maizi vienmēr viņa priekšā visu savu mūžu.
ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، بابىل پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇ ئۇنىڭغا تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان. | 34 |
Un barība viņam vienmēr no Bābeles ķēniņa tapa dota, ikdienas nospriesta tiesa, līdz viņa miršanas dienai visu viņa mūžu.