پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛ | 1 |
כֹּה אָמַר יְהֹוָה הִנְנִי מֵעִיר עַל־בָּבֶל וְאֶל־יֹשְׁבֵי לֵב קָמָי רוּחַ מַשְׁחִֽית׃ |
مەن بابىلغا يات ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنى سورۇۋېتىدۇ، زېمىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە ئۇلار ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشىلىشىشقا كېلىدۇ. | 2 |
וְשִׁלַּחְתִּי לְבָבֶל ׀ זָרִים וְזֵרוּהָ וִיבֹקְקוּ אֶת־אַרְצָהּ כִּי־הָיוּ עָלֶיהָ מִסָּבִיב בְּיוֹם רָעָֽה׃ |
ئۇنىڭ ئوقياچىلىرىغا كىرىچنى تارتقۇدەك، ئورنىدىن تۇرغۇچىلارغا دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيگۈدەك پۇرسەت بەرمەڭلار؛ ئۇنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى بىتچىت قىلىڭلار. | 3 |
אֶֽל־יִדְרֹךְ (ידרך) הַדֹּרֵךְ קַשְׁתּוֹ וְאֶֽל־יִתְעַל בְּסִרְיֹנוֹ וְאַֽל־תַּחְמְלוּ אֶל־בַּחֻרֶיהָ הַחֲרִימוּ כׇּל־צְבָאָֽהּ׃ |
كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا سانجىلغانلار، كوچىلىرىدا قىلىچلانغانلار يىقىلسۇن! | 4 |
וְנָפְלוּ חֲלָלִים בְּאֶרֶץ כַּשְׂדִּים וּמְדֻקָּרִים בְּחוּצוֹתֶֽיהָ׃ |
چۈنكى ئىسرائىل ياكى يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئەمەس؛ چۈنكى [بابىلنىڭ] زېمىنى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئالدىدا سادىر قىلغان گۇناھ بىلەن تولغاندۇر. | 5 |
כִּי לֹֽא־אַלְמָן יִשְׂרָאֵל וִֽיהוּדָה מֵאֱלֹהָיו מֵיְהֹוָה צְבָאוֹת כִּי אַרְצָם מָלְאָה אָשָׁם מִקְּדוֹשׁ יִשְׂרָאֵֽל׃ |
[بارلىق ئەللەر]، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ئۇنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ ھالاك بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. | 6 |
נֻסוּ ׀ מִתּוֹךְ בָּבֶל וּמַלְּטוּ אִישׁ נַפְשׁוֹ אַל־תִּדַּמּוּ בַּעֲוֺנָהּ כִּי עֵת נְקָמָה הִיא לַיהֹוָה גְּמוּל הוּא מְשַׁלֵּם לָֽהּ׃ |
بابىل پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى پۈتكۈل جاھاننى مەست قىلغۇچى ئالتۇن قەدەھ بولغان؛ ئەللەر ئۇنىڭ شارىبىدىن ئىچكەن؛ ئەللەر شۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ كەتكەن. | 7 |
כּוֹס־זָהָב בָּבֶל בְּיַד־יְהֹוָה מְשַׁכֶּרֶת כׇּל־הָאָרֶץ מִיֵּינָהּ שָׁתוּ גוֹיִם עַל־כֵּן יִתְהֹלְלוּ גוֹיִֽם׃ |
بابىل تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىتچىت بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن تۇتىيا ئېلىڭلار؛ ئۇ بەلكىم ساقايتىلارمىكىن؟ | 8 |
פִּתְאֹם נָפְלָה בָבֶל וַתִּשָּׁבֵר הֵילִילוּ עָלֶיהָ קְחוּ צֳרִי לְמַכְאוֹבָהּ אוּלַי תֵּרָפֵֽא׃ |
ــ «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ». | 9 |
רִפִּאנוּ אֶת־בָּבֶל וְלֹא נִרְפָּתָה עִזְבוּהָ וְנֵלֵךְ אִישׁ לְאַרְצוֹ כִּֽי־נָגַע אֶל־הַשָּׁמַיִם מִשְׁפָּטָהּ וְנִשָּׂא עַד־שְׁחָקִֽים׃ |
ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر؛ كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!» | 10 |
הוֹצִיא יְהֹוָה אֶת־צִדְקֹתֵינוּ בֹּאוּ וּנְסַפְּרָה בְצִיּוֹן אֶֽת־מַעֲשֵׂה יְהֹוָה אֱלֹהֵֽינוּ׃ |
ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر. | 11 |
הָבֵרוּ הַחִצִּים מִלְאוּ הַשְּׁלָטִים הֵעִיר יְהֹוָה אֶת־רוּחַ מַלְכֵי מָדַי כִּֽי־עַל־בָּבֶל מְזִמָּתוֹ לְהַשְׁחִיתָהּ כִּֽי־נִקְמַת יְהֹוָה הִיא נִקְמַת הֵיכָלֽוֹ׃ |
بابىلنىڭ سېپىللىرىغا قارىتىپ جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار؛ كۆزەتنى تېخىمۇ چىڭراق قىلىڭلار، كۆزەتچىلەرنى [بابىلنى چۆرىدىتىپ] سەپتە تۇرغۇزۇڭلار؛ بۆكتۈرمە قويۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلدىكىلەرنىڭ جازاسى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى كۆڭلىدە پەملەپ، ئۇنى ئادا قىلىدۇ. | 12 |
אֶל־חוֹמֹת בָּבֶל שְׂאוּ־נֵס הַחֲזִיקוּ הַמִּשְׁמָר הָקִימוּ שֹֽׁמְרִים הָכִינוּ הָאֹֽרְבִים כִּי גַּם־זָמַם יְהֹוָה גַּם־עָשָׂה אֵת אֲשֶׁר־דִּבֶּר אֶל־יֹשְׁבֵי בָבֶֽל׃ |
ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى. | 13 |
(שכנתי) [שֹׁכַנְתְּ] עַל־מַיִם רַבִּים רַבַּת אוֹצָרֹת בָּא קִצֵּךְ אַמַּת בִּצְעֵֽךְ׃ |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى. | 14 |
נִשְׁבַּע יְהֹוָה צְבָאוֹת בְּנַפְשׁוֹ כִּי אִם־מִלֵּאתִיךְ אָדָם כַּיֶּלֶק וְעָנוּ עָלַיִךְ הֵידָֽד׃ |
ــ ئۇ بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياساپ، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر؛ | 15 |
עֹשֵׂה אֶרֶץ בְּכֹחוֹ מֵכִין תֵּבֵל בְּחׇכְמָתוֹ וּבִתְבוּנָתוֹ נָטָה שָׁמָֽיִם׃ |
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. | 16 |
לְקוֹל תִּתּוֹ הֲמוֹן מַיִם בַּשָּׁמַיִם וַיַּעַל נְשִׂאִים מִקְצֵה־אָרֶץ בְּרָקִים לַמָּטָר עָשָׂה וַיּוֹצֵא רוּחַ מֵאֹצְרֹתָֽיו׃ |
بۇ [بۇتپەرەسلەرنىڭ] ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ ھەربىر زەرگەر ئۆزى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. | 17 |
נִבְעַר כׇּל־אָדָם מִדַּעַת הֹבִישׁ כׇּל־צֹרֵף מִפָּסֶל כִּי שֶׁקֶר נִסְכּוֹ וְלֹא־רוּחַ בָּֽם׃ |
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازالىنىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. | 18 |
הֶבֶל הֵמָּה מַעֲשֵׂה תַּעְתֻּעִים בְּעֵת פְּקֻדָּתָם יֹאבֵֽדוּ׃ |
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر؛ چۈنكى ھەممىنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىسىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. | 19 |
לֹֽא־כְאֵלֶּה חֵלֶק יַעֲקוֹב כִּֽי־יוֹצֵר הַכֹּל הוּא וְשֵׁבֶט נַחֲלָתוֹ יְהֹוָה צְבָאוֹת שְׁמֽוֹ׃ |
سەن [ئىسرائىل] مېنىڭ گۆرزەم، مېنىڭ جەڭ قورالىمدۇرسەن؛ سېنىڭ بىلەن مەن ئەللەرنى بىتچىت قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلىمەن؛ | 20 |
מַפֵּץ־אַתָּה לִי כְּלֵי מִלְחָמָה וְנִפַּצְתִּי בְךָ גּוֹיִם וְהִשְׁחַתִּי בְךָ מַמְלָכֽוֹת׃ |
سېنىڭ بىلەن ھەم ئات ھەم ئات مىنگۈچىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم جەڭ ھارۋىسى ھەم ھەيدىگۈچىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ | 21 |
וְנִפַּצְתִּי בְךָ סוּס וְרֹכְבוֹ וְנִפַּצְתִּי בְךָ רֶכֶב וְרֹכְבֽוֹ׃ |
سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم قېرى ھەم ياشلارنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم يىگىت ھەم قىزنى بىتچىت قىلىمەن؛ | 22 |
וְנִפַּצְתִּי בְךָ אִישׁ וְאִשָּׁה וְנִפַּצְתִּי בְךָ זָקֵן וָנָעַר וְנִפַּצְתִּי בְךָ בָּחוּר וּבְתוּלָֽה׃ |
سېنىڭ بىلەن ھەم پادىچى ھەم قوي پادىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم دېھقان ھەم بويۇنتۇرۇققا قېتىلغان كالىلىرىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم ۋالىيلار ھەم ھۆكۈمرانلارنى بىتچىت قىلىمەن. | 23 |
וְנִפַּצְתִּי בְךָ רֹעֶה וְעֶדְרוֹ וְנִפַּצְתִּי בְךָ אִכָּר וְצִמְדּוֹ וְנִפַּצְתִּי בְךָ פַּחוֹת וּסְגָנִֽים׃ |
ــ مەن كۆز ئالدىڭلاردا بابىلنىڭ ھەم بارلىق كالدىيلەرنىڭ زىئوندا قىلغان بارلىق رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ ياندۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 24 |
וְשִׁלַּמְתִּי לְבָבֶל וּלְכֹל ׀ יוֹשְׁבֵי כַשְׂדִּים אֵת כׇּל־רָעָתָם אֲשֶׁר־עָשׂוּ בְצִיּוֹן לְעֵינֵיכֶם נְאֻם יְהֹוָֽה׃ |
ــ مانا، مەن سەن [بابىلغا] قارشىمەن، ئى پۈتكۈل يەر يۈزىنى ھالاك قىلغۇچى تاغ؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە سوزۇپ، سېنى تىك يارلاردىن غۇلىتىپ، دومىلىتىپ چۈشۈرۈپ، سېنى كۆيۈپ تۈگىگەن بىر يانار تاغ قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 25 |
הִנְנִי אֵלֶיךָ הַר הַמַּשְׁחִית נְאֻם־יְהֹוָה הַמַּשְׁחִית אֶת־כׇּל־הָאָרֶץ וְנָטִיתִי אֶת־יָדִי עָלֶיךָ וְגִלְגַּלְתִּיךָ מִן־הַסְּלָעִים וּנְתַתִּיךָ לְהַר שְׂרֵפָֽה׃ |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەندىن بۈرجەك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تاش تاپالمايدۇ، ياكى ئۇل ئۈچۈنمۇ ھېچيەردىن تاش تاپالمايدۇ؛ چۈنكى سەن مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 26 |
וְלֹֽא־יִקְחוּ מִמְּךָ אֶבֶן לְפִנָּה וְאֶבֶן לְמוֹסָדוֹת כִּֽי־שִׁמְמוֹת עוֹלָם תִּהְיֶה נְאֻם־יְהֹוָֽה׃ |
ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار، ئەللەر ئارىسىدا كاناي چېلىڭلار؛ بابىلغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار؛ ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىناز پادىشاھلىقلىرىنى چاقىرىپ يىغىڭلار؛ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇنلارغا بىر سەردار بېكىتىڭلار؛ ئاتلارنى توپ-توپ چېكەتكە لېچىنكىلىرىدەك زېمىنغا تۈركۈملەپ چىقىرىڭلار؛ | 27 |
שְׂאוּ־נֵס בָּאָרֶץ תִּקְעוּ שׁוֹפָר בַּגּוֹיִם קַדְּשׁוּ עָלֶיהָ גּוֹיִם הַשְׁמִיעוּ עָלֶיהָ מַמְלְכוֹת אֲרָרַט מִנִּי וְאַשְׁכְּנָז פִּקְדוּ עָלֶיהָ טִפְסָר הַעֲלוּ־סוּס כְּיֶלֶק סָמָֽר׃ |
ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار، ــ مېدىئالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنلارنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى تەييارلاڭلار! | 28 |
קַדְּשׁוּ עָלֶיהָ גוֹיִם אֶת־מַלְכֵי מָדַי אֶת־פַּחוֹתֶיהָ וְאֶת־כׇּל־סְגָנֶיהָ וְאֵת כׇּל־אֶרֶץ מֶמְשַׁלְתּֽוֹ׃ |
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى تەۋرىنىپ ئازابلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى باغلىغان نىيەتلىرى، يەنى بابىلنىڭ زېمىنىنى ھېچ ئادەم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋان قىلىۋېتىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. | 29 |
וַתִּרְעַשׁ הָאָרֶץ וַתָּחֹל כִּי קָמָה עַל־בָּבֶל מַחְשְׁבוֹת יְהֹוָה לָשׂוּם אֶת־אֶרֶץ בָּבֶל לְשַׁמָּה מֵאֵין יוֹשֵֽׁב׃ |
بابىلدىكى پالۋانلار ئۇرۇشتىن قول ئۈزىدۇ؛ ئۇلار قورغانلىرىدا ئامالسىز ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دەرمانى قالمايدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ؛ دەرۋازا سالاسۇنلىرى سۇندۇرۇلىدۇ. | 30 |
חָדְלוּ גִבּוֹרֵי בָבֶל לְהִלָּחֵם יָֽשְׁבוּ בַּמְּצָדוֹת נָשְׁתָה גְבוּרָתָם הָיוּ לְנָשִׁים הִצִּיתוּ מִשְׁכְּנֹתֶיהָ נִשְׁבְּרוּ בְרִיחֶֽיהָ׃ |
يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر چاپارمەن يەنە بىر چاپارمەنگە، بىر خەۋەرچى يەنە بىر خەۋەرچىگە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرى ئۇ چەتتىن بۇ چەتكىچە ئىشغال قىلىندى؛ | 31 |
רָץ לִקְרַאת־רָץ יָרוּץ וּמַגִּיד לִקְרַאת מַגִּיד לְהַגִּיד לְמֶלֶךְ בָּבֶל כִּֽי־נִלְכְּדָה עִירוֹ מִקָּצֶֽה׃ |
دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى، قومۇشلۇقلار ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، پالۋانلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشۈشتى!» ــ دەپ جاكارلىشىدۇ. | 32 |
וְהַמַּעְבָּרוֹת נִתְפָּשׂוּ וְאֶת־הָאֲגַמִּים שָׂרְפוּ בָאֵשׁ וְאַנְשֵׁי הַמִּלְחָמָה נִבְהָֽלוּ׃ |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ قىزى تەكشىلىنىپ چىڭدىلىدىغان ۋاقتى بولغان خاماندەك بېسىلىدۇ؛ بىردەمدىلا، ئۇنىڭ ھوسۇلى ئورۇلىدىغان ۋاقتى يېتىپ بولىدۇ! | 33 |
כִּי כֹה אָמַר יְהֹוָה צְבָאוֹת אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל בַּת־בָּבֶל כְּגֹרֶן עֵת הִדְרִיכָהּ עוֹד מְעַט וּבָאָה עֵֽת־הַקָּצִיר לָֽהּ׃ |
زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ. | 34 |
(אכלנו) [אֲכָלַנִי] (הממנו) [הֲמָמַנִי] נְבוּכַדְרֶאצַּר מֶלֶךְ בָּבֶל (הציגנו) [הִצִּיגַנִי] כְּלִי רִיק (בלענו) [בְּלָעַנִי] כַּתַּנִּין מִלָּא כְרֵשׂוֹ מֵעֲדָנָי (הדיחנו) [הֱדִיחָֽנִי]׃ |
35 |
חֲמָסִי וּשְׁאֵרִי עַל־בָּבֶל תֹּאמַר יֹשֶׁבֶת צִיּוֹן וְדָמִי אֶל־יֹשְׁבֵי כַשְׂדִּים תֹּאמַר יְרוּשָׁלָֽ͏ִם׃ |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن. | 36 |
לָכֵן כֹּה אָמַר יְהֹוָה הִנְנִי־רָב אֶת־רִיבֵךְ וְנִקַּמְתִּי אֶת־נִקְמָתֵךְ וְהַֽחֲרַבְתִּי אֶת־יַמָּהּ וְהֹֽבַשְׁתִּי אֶת־מְקוֹרָֽהּ׃ |
بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولىدۇ؛ زېمىنى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ، ھېچ ئادەم شۇ يەردە تۇرمايدۇ. | 37 |
וְהָיְתָה בָבֶל ׀ לְגַלִּים ׀ מְעוֹן־תַּנִּים שַׁמָּה וּשְׁרֵקָה מֵאֵין יוֹשֵֽׁב׃ |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ؛ | 38 |
יַחְדָּו כַּכְּפִרִים יִשְׁאָגוּ נָעֲרוּ כְּגוֹרֵי אֲרָיֽוֹת׃ |
ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 39 |
בְּחֻמָּם אָשִׁית אֶת־מִשְׁתֵּיהֶם וְהִשְׁכַּרְתִּים לְמַעַן יַעֲלֹזוּ וְיָשְׁנוּ שְׁנַת־עוֹלָם וְלֹא יָקִיצוּ נְאֻם יְהֹוָֽה׃ |
بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن. | 40 |
אוֹרִידֵם כְּכָרִים לִטְבוֹחַ כְּאֵילִים עִם־עַתּוּדִֽים׃ |
شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا! پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پەخرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارا! بابىلنىڭ ئەللەر ئارىسىدا ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكتى بولغانلىقىغا قارا! | 41 |
אֵיךְ נִלְכְּדָה שֵׁשַׁךְ וַתִּתָּפֵשׂ תְּהִלַּת כׇּל־הָאָרֶץ אֵיךְ הָיְתָה לְשַׁמָּה בָּבֶל בַּגּוֹיִֽם׃ |
دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى. | 42 |
עָלָה עַל־בָּבֶל הַיָּם בַּהֲמוֹן גַּלָּיו נִכְסָֽתָה׃ |
ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، قاغجىراق يەر، بىر چۆل، ھېچكىم تۇرمايدىغان زېمىن بولدى؛ ھېچقانداق ئىنسان بالىسى قايتىدىن شۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. | 43 |
הָיוּ עָרֶיהָ לְשַׁמָּה אֶרֶץ צִיָּה וַעֲרָבָה אֶרֶץ לֹֽא־יֵשֵׁב בָּהֵן כׇּל־אִישׁ וְלֹֽא־יַעֲבֹר בָּהֵן בֶּן־אָדָֽם׃ |
مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ. | 44 |
וּפָקַדְתִּי עַל־בֵּל בְּבָבֶל וְהֹצֵאתִי אֶת־בִּלְעוֹ מִפִּיו וְלֹא־יִנְהֲרוּ אֵלָיו עוֹד גּוֹיִם גַּם־חוֹמַת בָּבֶל נָפָֽלָה׃ |
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم! ھەربىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! | 45 |
צְאוּ מִתּוֹכָהּ עַמִּי וּמַלְּטוּ אִישׁ אֶת־נַפְשׁוֹ מֵחֲרוֹן אַף־יְהֹוָֽה׃ |
سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ. | 46 |
וּפֶן־יֵרַךְ לְבַבְכֶם וְתִֽירְאוּ בַּשְּׁמוּעָה הַנִּשְׁמַעַת בָּאָרֶץ וּבָא בַשָּׁנָה הַשְּׁמוּעָה וְאַחֲרָיו בַּשָּׁנָה הַשְּׁמוּעָה וְחָמָס בָּאָרֶץ וּמֹשֵׁל עַל־מֹשֵֽׁל׃ |
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛ | 47 |
לָכֵן הִנֵּה יָמִים בָּאִים וּפָֽקַדְתִּי עַל־פְּסִילֵי בָבֶל וְכׇל־אַרְצָהּ תֵּבוֹשׁ וְכׇל־חֲלָלֶיהָ יִפְּלוּ בְתוֹכָֽהּ׃ |
شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛ چۈنكى شىمالدىن ھالاك قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 48 |
וְרִנְּנוּ עַל־בָּבֶל שָׁמַיִם וָאָרֶץ וְכֹל אֲשֶׁר בָּהֶם כִּי מִצָּפוֹן יָבוֹא־לָהּ הַשּׁוֹדְדִים נְאֻם־יְהֹוָֽה׃ |
بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ. | 49 |
גַּם־בָּבֶל לִנְפֹּל חַֽלְלֵי יִשְׂרָאֵל גַּם־לְבָבֶל נָפְלוּ חַֽלְלֵי כׇל־הָאָֽרֶץ׃ |
قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. | 50 |
פְּלֵטִים מֵחֶרֶב הִלְכוּ אַֽל־תַּעֲמֹדוּ זִכְרוּ מֵרָחוֹק אֶת־יְהֹוָה וִירוּשָׁלַ͏ִם תַּעֲלֶה עַל־לְבַבְכֶֽם׃ |
«بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!». | 51 |
בֹּשְׁנוּ כִּֽי־שָׁמַעְנוּ חֶרְפָּה כִּסְּתָה כְלִמָּה פָּנֵינוּ כִּי בָּאוּ זָרִים עַֽל־מִקְדְּשֵׁי בֵּית יְהֹוָֽה׃ |
شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى بويىدا يارىلىنىپ جان ھەلقۇمىدا ئىڭرىشىدۇ. | 52 |
לָכֵן הִנֵּֽה־יָמִים בָּאִים נְאֻם־יְהֹוָה וּפָקַדְתִּי עַל־פְּסִילֶיהָ וּבְכׇל־אַרְצָהּ יֶאֱנֹק חָלָֽל׃ |
بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 53 |
כִּֽי־תַעֲלֶה בָבֶל הַשָּׁמַיִם וְכִי תְבַצֵּר מְרוֹם עֻזָּהּ מֵאִתִּי יָבֹאוּ שֹׁדְדִים לָהּ נְאֻם־יְהֹוָֽה׃ |
بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدىن زور ھالاكەتنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلىدۇ. | 54 |
קוֹל זְעָקָה מִבָּבֶל וְשֶׁבֶר גָּדוֹל מֵאֶרֶץ כַּשְׂדִּֽים׃ |
چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى يوقىتىدۇ؛ سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ. | 55 |
כִּֽי־שֹׁדֵד יְהֹוָה אֶת־בָּבֶל וְאִבַּד מִמֶּנָּה קוֹל גָּדוֹל וְהָמוּ גַלֵּיהֶם כְּמַיִם רַבִּים נִתַּן שְׁאוֹן קוֹלָֽם׃ |
چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پالۋانلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ــ قىساسلار ئالغۇچى تەڭرىدۇر؛ ئۇ يامانلىقنى ياندۇرماي قالمايدۇ. | 56 |
כִּי בָא עָלֶיהָ עַל־בָּבֶל שׁוֹדֵד וְנִלְכְּדוּ גִּבּוֹרֶיהָ חִתְּתָה קַשְּׁתוֹתָם כִּי אֵל גְּמֻלוֹת יְהֹוָה שַׁלֵּם יְשַׁלֵּֽם׃ |
ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛ ئۇلار مەڭگۈگە ئۇخلايدۇ ۋە قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ ــ دەيدۇ پادىشاھ، ــ نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 57 |
וְהִשְׁכַּרְתִּי שָׂרֶיהָ וַחֲכָמֶיהָ פַּחוֹתֶיהָ וּסְגָנֶיהָ וְגִבּוֹרֶיהָ וְיָשְׁנוּ שְׁנַת־עוֹלָם וְלֹא יָקִיצוּ נְאֻם־הַמֶּלֶךְ יְהֹוָה צְבָאוֹת שְׁמֽוֹ׃ |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ كەڭ سېپىللىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىرى پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ. | 58 |
כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה צְבָאוֹת חֹמוֹת בָּבֶל הָרְחָבָה עַרְעֵר תִּתְעַרְעָר וּשְׁעָרֶיהָ הַגְּבֹהִים בָּאֵשׁ יִצַּתּוּ וְיִֽגְעוּ עַמִּים בְּדֵי־רִיק וּלְאֻמִּים בְּדֵי־אֵשׁ וְיָעֵֽפוּ׃ |
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان. | 59 |
הַדָּבָר אֲשֶׁר־צִוָּה ׀ יִרְמְיָהוּ הַנָּבִיא אֶת־שְׂרָיָה בֶן־נֵרִיָּה בֶּן־מַחְסֵיָה בְּלֶכְתּוֹ אֶת־צִדְקִיָּהוּ מֶֽלֶךְ־יְהוּדָה בָּבֶל בִּשְׁנַת הָרְבִעִית לְמׇלְכוֹ וּשְׂרָיָה שַׂר מְנוּחָֽה׃ |
يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛ | 60 |
וַיִּכְתֹּב יִרְמְיָהוּ אֵת כׇּל־הָרָעָה אֲשֶׁר־תָּבוֹא אֶל־בָּבֶל אֶל־סֵפֶר אֶחָד אֵת כׇּל־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה הַכְּתֻבִים אֶל־בָּבֶֽל׃ |
ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ | 61 |
וַיֹּאמֶר יִרְמְיָהוּ אֶל־שְׂרָיָה כְּבֹאֲךָ בָבֶל וְֽרָאִיתָ וְֽקָרָאתָ אֵת כׇּל־הַדְּבָרִים הָאֵֽלֶּה׃ |
«پەرۋەردىگار، سەن بۇ جاي توغرۇلۇق: ــ مەن ئۇنى يەكسان قىلىمەنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم، نە ئىنسان نە ھايۋان تۇرمايدىغان، مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىدۇ ــ دېگەنسەن» ــ دەيسەن؛ | 62 |
וְאָמַרְתָּ יְהֹוָה אַתָּה דִבַּרְתָּ אֶל־הַמָּקוֹם הַזֶּה לְהַכְרִיתוֹ לְבִלְתִּי הֱיֽוֹת־בּוֹ יוֹשֵׁב לְמֵאָדָם וְעַד־בְּהֵמָה כִּֽי־שִׁמְמוֹת עוֹלָם תִּהְיֶֽה׃ |
شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تاش تېڭىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆرۈۋەت، | 63 |
וְהָיָה כְּכַלֹּתְךָ לִקְרֹא אֶת־הַסֵּפֶר הַזֶּה תִּקְשֹׁר עָלָיו אֶבֶן וְהִשְׁלַכְתּוֹ אֶל־תּוֹךְ פְּרָֽת׃ |
ۋە: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن، بابىل [شۇ تاشقا] ئوخشاشلا غەرق بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىمەيدۇ؛ ئۇلار ھالىدىن كېتىدۇ» ــ دەيسەن. يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى. | 64 |
וְאָמַרְתָּ כָּכָה תִּשְׁקַע בָּבֶל וְלֹֽא־תָקוּם מִפְּנֵי הָרָעָה אֲשֶׁר אָנֹכִי מֵבִיא עָלֶיהָ וְיָעֵפוּ עַד־הֵנָּה דִּבְרֵי יִרְמְיָֽהוּ׃ |