< يەرەمىيا 50 >
پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ | 1 |
Det Ord, som Herren talte imod Babel, imod Kaldæernes Land, ved Profeten Jeremias.
ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۈغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار. | 2 |
Kundgører det iblandt Folkene, og lader det høres, og opløfter Banner, lader det høres, dølger det ej! siger: Babel er indtaget, Bel er beskæmmet, Merodak er knust, dens Billeder ere beskæmmede, dens Afguder ere knuste.
چۈنكى شىمالدىن ئۇنىڭغا جەڭ قىلماقچى بولغان بىر ئەل كېلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ؛ ئىنسان ھەم ھايۋانمۇ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار يوق بولىدۇ. | 3 |
Thi et Folk fra Norden er draget op imod den, dette skal gøre dens Lande øde, og der skal ikke være nogen, som bor deri; baade Mennesker og Kvæg ere blevne flygtige, ere dragne bort.
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ. | 4 |
I de Dage og paa den Tid, siger Herren, skulle Israels Børn komme, de og Judas Børn med hverandre; de skulle gaa frem med Graad og søge Herren deres Gud.
ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» ــ دەيدۇ. | 5 |
De skulle spørge efter Zion, ad Vejen did ere deres Ansigter vendte: Kommer og slutter eder til Herren med en evig Pagt, som ikke skal glemmes.
ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر. | 6 |
Mit Folk var fortabte Faar, deres Hyrder havde forført dem, de havde drevet dem bort til Bjergene; de droge fra Bjerge til Høje, de glemte, hvor de havde haft Leje.
ئۇلارنى ئۇچراتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، كۈشەندىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق: «بىزدە [بۇ ئىشلاردا] ھېچ گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ھەققانىيلىقنىڭ يايلاق-تۇرالغۇسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان!» ــ دېگەن. | 7 |
Alle de, som fandt dem, aade dem op, og deres Fjender sagde: Vi have ingen Skyld; fordi de have syndet imod Herren, Retfærdigheds Bolig, ja, imod Herren, deres Fædres Forhaabning.
[ئى خەلقىم]، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ چىقىڭلار، پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار. | 8 |
Flyr midt ud af Babel, og drager ud af Kaldæernes Land, og værer som Bukke foran en Hjord!
ــ چۈنكى مانا، شىمالىي زېمىندىن بابىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان زور بىر توپ ئۇلۇغ ئەللەرنى قوزغايمەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى سەپكە قوشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بابىل شۇ يەردىن چىققانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ. | 9 |
Thi se, jeg opvækker og fører op imod Babel en Samling af store Folkeslag fra Nordenland, og de skulle ruste sig imod den; ved dem skal den indtages; deres Pile ere som en forstandig Helt, der ikke vender tilbage med uforrettet Sag.
كالدىيە بولسا ئولجا بولىدۇ؛ ئولجا ئالغان بارلىق بۇلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 10 |
Og Kaldæa skal blive til Rov; alle, som der tage Rov, skulle mættes, siger Herren.
ــ چۈنكى سىلەر شادلانغانسىلەر، سىلەر يايراپ كەتكەنسىلەر، ئى مىراسىم بولغان [خەلقىمنى] بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلار! چۈنكى سىلەر چېمەندە تۇرغان موزايلاردەك سەكرىگەنسىلەر، ئايغىرلاردەك خۇشاللىقتىن كىشنىگەنسىلەر! | 11 |
Thi I glædede eder; thi I frydede eder, da I plyndrede min Arv; thi I sprang omkring som en Kalv, der tærsker, og vrinskede som de vælige Heste.
ئەمدى ئانا [يۇرتۇڭ] زور خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ رەسۋاچىلىق سېنى تۇغغۇچىنى قاپلايدۇ؛ مانا، ئۇ ئەللەرنىڭ داشقىلى، ــ بىر جاڭگال، قاغجىراق يەر ۋە چۆل-باياۋان بولۇپ قالىدۇ. | 12 |
Eders Møder er saare beskæmmet, hun, som fødte eder, er bleven til Skamme; se, hun er bleven det sidste af Folkene, en Ørk, et tørt Sted og en øde Mark.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ھېچ ئاھالىسى بولمايدۇ، بەلكى تولۇق تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ؛ بابىلدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. | 13 |
For Herrens Vredes Skyld skal den ikke være beboet, men helt vorde øde; alle, som gaa forbi Babel, skulle forskrækkes og spotte over alle dens Plager.
بابىلغا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەپكە تىزىلىڭلار، بارلىق ئوقياچىلار؛ ئۇنىڭغا ئېتىڭلار، ئوقلارنى ھېچ ئايىماڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان. | 14 |
Ruster eder imod Babel trindt omkring den, skyder imod den, alle I, som spænde Bue! sparer ikke paa Pile; thi den har syndet imod Herren.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇ تەسلىم بولۇپ قول كۆتۈرىدۇ؛ مۇنارلىرى ئۆرۈلىدۇ، سېپىللىرى غۇلىتىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالغان قىساسىدۇر. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار؛ ئۇ باشقىلارغا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار. | 15 |
Raaber med Glæde over den trindt omkring, den har overgivet sig, dens Grundpiller ere faldne, dens Mure ere nedbrudte; thi dette er Herrens Hævn, hævner eder paa den; som den har gjort, saa gører ved den!
بابىلدىن ئۇرۇق تېرىغۇچى ھەم ھوسۇل ۋاقتىدىكى ئورغاق سالغۇچىلارنى يوق قىلىڭلار؛ زۇلۇمكارنىڭ قىلىچىنىڭ قورقۇنچى تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن! | 16 |
Udrydder Sædemanden af Babel og den, som fører Seglen i Høstens Tid! de skulle vende sig om, hver til sit Folk, for Ødelæggelsens Sværd, og fly hver til sit Land.
ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان. | 17 |
Israel er som adspredte Lam, Løver have fordrevet ham; først aad Kongen af Assyrien ham, og til sidst har Nebukadnezar, Kongen af Babel, afgnavet hans Ben.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى جازالىغىنىمدەك، مەن بابىل پادىشاھىنى ھەم زېمىنىنى جازالايمەن. | 18 |
Derfor, saa siger den Herre Zebaoth, Israels Gud: Se, jeg hjemsøger Kongen af Babel og hans Land, ligesom jeg har hjemsøgt Kongen af Assyrien.
مەن ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتۇرىمەن، ئۇ كارمەل تېغىدا، باشان زېمىنىدا ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ئەفرائىم تېغى ئۈستىدە ھەم گىلېئاد زېمىنىدا قانائەتلىنىدۇ. | 19 |
Og jeg vil føre Israel tilbage til hans Græsgang, og han skal græsse paa Karmel og Basan; og hans Sjæl skal mættes paa Efraims Bjerg og i Gilead.
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. | 20 |
I de Dage og paa den Tid, siger Herren, skal Israels Misgerning søges, men ikke være mere, og Judas Synder, men de skulle ikke findes; thi jeg vil tilgive den, som jeg lader blive tilbage.
ــ مېراتائىمنىڭ زېمىنىغا زەرب بىلەن جەڭ قىلىشقا، پېكودتا تۇرۇۋاتقانلارغىمۇ جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ ئۇلارنى ۋەيران قىلىڭلار، قالدۇقىنىمۇ ھالاك قىلىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن نېمىنى ساڭا بۇيرۇغان بولسام شۇنى ئادا قىلىڭلار. | 21 |
Drag op imod Landet „Dobbelgenstridighed”, og imod Indbyggerne i „Hjemsøgelsens” Stad; ødelæg og lys i Band efter dem, siger Herren, og gør efter alt det, som jeg har budt dig!
جەڭ سادالىرى [بابىل] زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ زور ھالاكەتنىڭ ساداسىدۇر! | 22 |
Der er Krigslyd i Landet og stor Forstyrrelse.
ئەسلىدە پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئۇرغان بازغان شۇ دەرىجىدە سۇندۇرۇپ چېقىۋېتىلدىغۇ! بابىل ئەللەر ئارىسىدا شۇنچە بىر دەھشەت باسقۇچى بولۇپ چىققانتىغۇ! | 23 |
Hvorledes er hele Jordens Hammer afhugget og sønderbrudt? hvorledes er Babel bleven til en Forfærdelse iblandt Folkene?
مەن ساڭا تۇزاق قۇردۇم؛ سەن، ئى بابىل، ھېچ بىلمەيلا ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇڭ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىشىڭ تۈپەيلىدىن سەن تېپىلىپ تۇتۇلدۇڭ. | 24 |
Jeg stillede Snare for dig, og du er ogsaa fanget, Babel! og du vidste det ikke; du er funden, ja greben, thi imod Herren har du indladt dig i Strid.
پەرۋەردىگار قورال ئامبىرىنى ئېچىپ، غەزىپىدىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقاردى؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا قىلىدىغان ئىشى باردۇر. | 25 |
Herren har opladt sit Rustkammer og udtaget sin Vredes Vaaben; thi en Gerning i Kaldæernes Land er der for Herren, den Herre Zebaoth.
ئۇنىڭ ھەر چەت-چەتلىرىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار! | 26 |
Kommer imod den, alle til Hobe, oplader dens Kornhuse, kaster, hvad der er, op i Dynger, og lyser det i Band; intet blive tilovers for den!
ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئۇلار سويۇلۇشقا چۈشسۇن! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنى، يەنى جازالىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. | 27 |
Myrder alle dens Okser; de stige ned til Slagtning! ve dem! thi deres Dag er kommen, deres Hjemsøgelses Tid.
ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! | 28 |
Man hører Røsten af dem, som fly og ere undkomne fra Babels Land for at kundgøre udi Zion Herrens, vor Guds, Hævn, Hævnen for hans Tempel.
بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. | 29 |
Kalder de vældige, alle dem, som spænde Bue, frem imod Babel, slaar Lejr om den trindt omkring, lader ingen undkomme, betaler den efter dens Gerning, gører imod den efter alt det, som den gjorde; thi den har handlet hovmodigt imod Herren, imod Israels Hellige.
شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ؛ شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچى پالۋانلىرى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 30 |
Derfor skulle dens unge Karle falde paa dens Gader, og alle dens Krigsmænd skulle udryddes paa den Dag, siger Herren.
مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۇچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ | 31 |
Se, jeg vil imod dig, „dit Hovmod!” siger Herren, den Herre Zebaoth; thi din Dag er kommen, den Tid, paa hvilken jeg vil hjemsøge dig.
كۆرەڭلەپ كەتكۇچى پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ؛ بەرھەق، مەن ئۇنىڭ شەھەرلىرىگە ئوت ياقىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدۇ. | 32 |
Og „Hovmod” skal snuble og falde, og ingen skal oprejse det; og jeg vil antænde en Ild i dets Stæder, og den skal fortære alt, hvad der er trindt omkring det.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىللار يەھۇدالار بىلەن بىللە ئېزىلىپ خورلۇقنى كۆرگەن؛ ئۇلارنى ئەسىر قىلغانلار ئۇلارنى قاتتىق قاماپ تۇتقانىدى؛ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلغان. | 33 |
Saa siger den Herre Zebaoth: Fortrykte ere Israels Børn og Judas Børn tilsammen; og alle de, som toge dem fangne, holde paa dem, de vægre sig ved at lade dem fare.
لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ. | 34 |
Men deres Genløser er stærk, Herre Zebaoth er hans Navn; han skal visselig udføre deres Sag, paa det han kan bringe Jorden Ro, men Indbyggerne i Babel Uro.
كالدىيلەر ئۈستىگە، بابىلدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە ھەمدە بابىلنىڭ ئەمىرلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ئۈستىگە قىلىچ چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 35 |
Sværd! frem imod Kaldæerne, siger Herren, og imod Indbyggerne i Babel og imod dens Fyrster og imod dens vise!
قىلىچ پالچىلار ئۈستىگە چۈشكەندە، ئۇلار ھاماقەت-ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ؛ قىلىچ ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ؛ | 36 |
Sværd! frem imod Løgnerne, og de maa blive til Daarer! Sværd! frem imod dens vældige, at de maa knuses!
قىلىچ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ئۈستىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە تۇرغان بارلىق يات لەشكەرلەر ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولىدۇ؛ قىلىچ خەزىنىلىرى ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. | 37 |
Sværd! frem ifnod dens Heste og imod dens Vogne og imod hele den Hob af alle Haande Folk, som er midt udi den, at de maa blive til Kvinder! Sværd! frem imod dens Skatte, at de maa røves!
قۇرغاقچىلىق ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ؛ بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن. | 38 |
Tørke I kom imod dens Vande, at de maa borttørres! thi det er de udskaarne Billeders Land, og de rose sig som afsindige af deres Skræmmebilleder.
شۇڭا چۆلدىكى جانىۋارلار ۋە چىلبۆرىلەر بىرلىكتە شۇ يەردە تۇرىدۇ؛ شۇ يەردە ھۇۋقۇشلار ماكانلىشىدۇ؛ ئۇ مەڭگۈگە ئادەمزاتسىز بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ ئاھالىلىك بولمايدۇ. | 39 |
Derfor skulle Ørkenens Vildt og Ulve bo der og Strudser bo derudi; og den skal ikke ydermere bebos evindelig, og ingen skal bo i den fra Slægt til Slægt.
خۇدا سودوم ۋە گوموررانى ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىللە ئۆرۈۋەتكىنىدەك، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 40 |
Ligesom Gud har omstyrtet Sodoma og Gomorra og dens Naboer, siger Herren, saa skal ingen bo der og intet Menneskebarn opholde sig der.
ــ مانا، شىمالدىن بىر خەلق، ئۇلۇغ بىر ئەل چىقىپ كېلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن نۇرغۇن پادىشاھلار قوزغىلىدۇ. | 41 |
Se, et Folk kommer fra Norden, ja et stort Folk, og mange Konger skulle rejse sig fra det yderste af Jorden.
ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى! | 42 |
De skulle føre Bue og Glavind, de ere grumme og skulle ikke forbarme sig, deres Røst skal bruse som Havet, og de skulle komme ridende paa Heste, rustede som en Mand til Krig, imod dig, Babels Datter!
بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ. | 43 |
Kongen af Babel har hørt Rygtet om dem, og hans Hænder ere blevne slappe; Angest har betaget ham, en Smerte som hendes, der føder.
مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ | 44 |
Se, han drager op som en Løve fra Jordans Stolthed imod den stedse friske Græsgang; thi i et Øjeblik vil jeg jage dem bort derfra; og hvo er den udvalgte, som jeg vil beskikke over den? thi hvo er som jeg? og hvo kan kræve mig til Regnskab? og hvo er den Hyrde, som kan bestaa for mit Ansigt?
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ بابىلنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. | 45 |
Derfor, hører Herrens Raad, som han har besluttet imod Babel, og hans Tanker, som han har tænkt imod Kaldæernes Land: Man skal visselig bortslæbe de smaa Lam af Jorden, og Græsgangen skal forfærdes over dem.
بابىلنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ يەر يۈزى تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ نالە-پەريادى بارلىق ئەللەرگىچە ئاڭلىنىدۇ. | 46 |
Ved Rygtet, at Babel er indtaget, bæver Jorden, og et Skrig høres iblandt Folkene.