< يەرەمىيا 5 >
[پەرۋەردىگار]: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ [شەھەرنى] كەچۈرىمەن! | 1 |
[Perwerdigar]: — Yérusalémning reste-kochilirida uyan-buyan aylinip yügürünglar, obdan körüp biliwélinglar; meydanliridin izdep körünglar; adalet bilen ish köridighan, wediside turushqa intilidighan birla ademni tapsanglar, shunda men bu [sheherni] kechürimen!
گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، [دېدى]. | 2 |
Gerche ular: «Perwerdigarning hayati bilen!» dep qesem ichken bolsimu, ular yalghandin sözleydu, [dédi].
ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» | 3 |
— I Perwerdigar, közüng adalet-bitereplikni izdep yüridu emesmu? Sen bularni urdung, lékin ular azablanmaydu; Sen ularni nabut qilip tügeshtürdüng, lékin ular terbiye qobul qilishni ret qilip keldi; ular yüzlirini tashtin qattiq qildi, ular yolidin yénishni ret qilidu»
ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم. | 4 |
— men: «Shübhisizki, bundaq qilghanlar peqet namratlar, ular nadanlar; chünki ular Perwerdigarning yolini, Xudasining höküm-körsetmilirini bilmeydu» — dédim.
ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. | 5 |
— «Men mötiwerlerning yénigha bérip ulargha sözleymen; chünki ular Perwerdigarning yolini, Xudasining höküm-körsetmilirini bilidu». Biraq ularmu boyunturuqni üzül-késil buzup, rishtilirini üzüp tashlighan.
ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ. | 6 |
— Shunga ormandin chiqqan bir shir ularni öltüridu, bayawandin chiqqan bir böre ularni weyran qilidu; yilpiz sheherlerge qarap paylaydu; sheherlerdin chiqqan herbiri titma-titma qilinidu; chünki ularning asiyliqliri köpiyip, wapasizliqliri awuydu.
مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. | 7 |
Men zadi némige asasen séni kechürimen? Séning baliliring Mendin waz kéchip, Xuda emeslerge qesem ichmekte; Men hemme hajetliridin chiqqan bolsammu, lékin ular zinaxorluq qilip, pahishilerning öyige top-top bolup méngiwatidu.
ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ. | 8 |
Ular semrigen ishqwaz ayghirlar, ular herbiri öz yéqinining ayaligha hewes qilip kishnewatidu.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ | 9 |
Bu ishlar tüpeylidin ularni jazalimay qoyamdim? — deydu Perwerdigar, — Méning jénim mushundaq bir eldin qisas almay qoyamdu?
ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛ | 10 |
Uning üzüm chünekliridin ötüp, tallirini weyran qilinglar; lékin ularni pütünley nabut qilmanglar; shaxlirini qirip tashlanglar, chünki ular Perwerdigargha tewe emestur;
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 11 |
chünki Israil jemeti we Yehuda jemeti Manga mutleq wapasizliq qildi, — deydu Perwerdigar.
ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. | 12 |
Ular: «U héchnéme qilmaydu! Bizge héch apet chüshmeydu; ne qilich ne qehetchilikni körmeymiz!» — dep Perwerdigardin ténip ketti.
پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ [پەرۋەردىگارنىڭ] سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن! | 13 |
Peyghemberler bolsa peqet bir shamaldin ibaret bolidu, xalas; [Perwerdigarning] söz-kalami ularda yoqtur; ularning sözliri öz béshigha yansun!
شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. | 14 |
Shunga Perwerdigar, samawi qoshunlarning Serdari bolghan Xuda manga mundaq deydu: — Bu xelq mushu sözni qilghini üchün, mana, Men aghzinggha salghan sözlirimni ot, bu xelqni otun qilimenki, ot ularni köydürüp tashlaydu.
ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ | 15 |
— Mana, Men yiraqtin bir elni élip kélimen, i Israil jemeti, — deydu Perwerdigar, — U küchlük bir el, qedimiy bir el, tilini sen bilmeydighan we geplirini sen héch chüshenmeydighan bir el bolidu;
ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر. | 16 |
ularning oqdéni yoghan échilghan bir gördur; ularning hemmisi batur palwanlardur.
ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. | 17 |
Ular hosulingni we néningni yep kétidu, oghul-qizliringni yep kétidu, kala-qoy padiliringni yep kétidu, üzüm talliringni we enjur derexliringni yep kétidu; ular sen tayan’ghan mustehkem sheherliringni qilich bilen weyran qilidu.
ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. | 18 |
Halbuki, — deydu Perwerdigar, — shu künlerdimu silerni pütünley tügeshtürmeymen.
شۇ چاغدا [خەلقىڭ]: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن [يەرەمىيا] ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن. | 19 |
Shu chaghda [xelqing]: «Perwerdigar Xudayimiz némishqa mushu ishlarning hemmisini béshimizgha chüshürgen?» — dep sorisa, emdi sen [Yeremiya] ulargha: «Siler Mendin yüz örüp, öz zémininglarda yat ilahlarning qulluqida bolghininglardek, siler öz wetininglar bolmighan bir zéminda yat bolghanlarning qulluqida bolisiler» — dégin.
ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى، | 20 |
— Yaqupning jemetide shuni jakarlighinki we Yehuda arisida shuni élan qilghinki,
«بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ | 21 |
«Buni anglanglar, i nadan we eqli yoq, közi turup körmeydighan, quliqi turup anglimaydighan bir xelq: —
مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. | 22 |
Mendin qorqmamsiler? — deydu Perwerdigar, — Déngiz süyi üchün sahilni menggülük cheklime qilip, «Bu yerdin ötme» dep békitken Méning aldimda tewrimemsiler? Mana, dolqunliri örkeshligini bilen ular sahil üstidin héch ghelibe qilmaydu; shawqunlighini bilen bu chektin hergiz halqip ötelmeydu.
لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى. | 23 |
Lékin bu xelqning jahil we asiyliq köngli bardur; ular yoldin chiqip öz béshimchiliq qilip ketti.
ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ. | 24 |
Ular könglide: «Öz waqtida yamghurlarni, yeni awwalqi hem kéyinki yamghurlarni Bergüchi, bizge hosul peslini békitip aman-ésen Saqlighuchi Perwerdigar Xudayimizdin eymineyli» dégenni héch démeydu.
سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان. | 25 |
Silerning qebihlikliringlar mushu ishlarni silerge nésip qilmighan; silerning gunahliringlar silerdin beriketni mehrum qilghan.
چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ. | 26 |
Chünki xelqim arisida reziller bardur; ular pistirmida yatqan qiltaqchilardek paylap yüridu; ular tuzaq sélip, ademlerni tutuwalidu.
تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى. | 27 |
Tutqan qushlargha tolghan qepestek, ularning öyliri aldamchiliqtin érishken mallar bilen tolghan; ular shu yol bilen büyük hem bay bolup ketti.
ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ. | 28 |
Ular semrip, parqirap ketti; berheq, ular rezil ishlarni qilishqa mahir bolup ketti; ular öz menpeetini közlep xeqlerning dewasini, yétim-yésirlerning dewasini sorimaydu; namratlarning hoquqini qoghdaydighan hökümni ular chiqarmaydu.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ | 29 |
Bu ishlar tüpeylidin ularni jazalimay qoyamdim?! — deydu Perwerdigar, — Méning jénim mushundaq bir eldin qisas almay qoyamdu?
زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ | 30 |
Zéminda intayin qorqunchluq we yirginchliq bir ish sadir qilin’ghanki —
پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟ | 31 |
Peyghemberler yalghan-saxta bésharetlerni bermekte; kahinlar bolsa öz hoquq dairisini kéngeytip hökümranliq qilmaqta; Méning xelqimmu bu ishlarni yaqturidu. Lékin bularning aqiwitide qandaq qilisiler?