< يەرەمىيا 49 >
ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟ | 1 |
Ammoniylar toghruluq. Perwerdigar mundaq deydu: — Israilning perzentliri yoqmiken? Uning mirasxorliri yoqmidu? Emdi némishqa Milkom Gadning zéminigha warisliq qildi, Milkomgha tewe bolghan xelq némishqa Gadning sheherliride turidu?
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 2 |
Shunga mana, shu künler kéliduki, — deydu Perwerdigar, — Ammoniylarning Rabbah shehiride jeng sadalirini anglitimen; u xarabilik döng bolidu; tewe sheherliri ot qoyup küydürülidu; Israil qaytidin özlirini igiliwalghanlargha igidarchiliq qilidu, — deydu Perwerdigar.
ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ. | 3 |
— Zarlanglar, i Heshbon! Chünki Ayi shehiri xarabe qilin’ghan! Rabbah qizliri, özünglargha böz rextni baghlap matem tutunglar; sépil ichide uyan-buyan patiparaq yügürünglar; chünki Milkom we uning kahinliri, uninggha tewelik emirliri sürgün bolidu.
نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! | 4 |
Némishqa küch-heywitingni danglaysen? Séning küchüng éqip kétiwatidu, i: «Kim manga yéqinlishishqa pétinalisun?» dep öz bayliqliringgha tayan’ghan, asiyliq qilghuchi qiz!
مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەيبىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. | 5 |
Mana, Men barliq etrapingdikilerdin wehshet chiqirip üstüngge chüshürimen, — deydu samawi qoshunlarning Serdari bolghan Reb Perwerdigar, — shuning bilen siler herbiringlar heydiwétilisiler, aldi-keybingge qarimay qachisiler; qachqanlarni yene yighghuchi héchkim bolmaydu.
لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 6 |
Lékin kéyinki künlerde, Ammoniylarni sürgünlükidin qayturup eslige keltürimen, — deydu Perwerdigar.
ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! | 7 |
Édom toghruluq: Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar — Israilning Xudasi mundaq deydu: — Témanda hazir danaliq tépilmamdu? Danishmenliridin nesihet yoqap kettimu? Ularning danaliqini dat bésip qalghanmu?!
بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن. | 8 |
Burulup qéchinglar, pinhan jaylardin turalghu tépip turunglar, i Dédanda turuwatqanlar! Chünki Men Esawgha tégishlik balayi’apetni, yeni uni jazalaydighan künini béshigha chüshürimen.
ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟ | 9 |
Üzüm üzgüchiler yéninggha kelsimu, ular azraq wasanglarni qalduridu emesmu? Oghrilar kéchilep yéninggha kirsimu, ular özlirige chushluqla buzup, oghrilaydu emesmu?
مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ. | 10 |
Men Esawni yalingachliwétimen, u yoshurun’ghudek jay qalmighuche dalda jaylirini échip tashlaymen; uning nesli, qérindashliri hem qoshniliri yoqaydu; u özi yoq bolidu.
لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنىڭلار ماڭا تايانسۇن. | 11 |
Lékin yétim-yésirliringni qaldur, Men ularning hayatini saqlaymen; tul xotuninglar Manga tayansun.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، [غەزىپىمنىڭ] قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. | 12 |
Chünki Perwerdigar mundaq deydu: — Mana, [ghezipimning] qedehidin ichishke tégishlik bolmighanlar choqum uningdin ichmey qalmaydighan yerde, sen jazalanmay qalamsen? Sen jazalanmay qalmaysen; sen choqum uningdin ichisen.
چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ. | 13 |
Chünki Öz namim bilen qesem ichkenmenki, — deydu Perwerdigar, — Bozrah dehshet basidighan hem reswa qilinidighan bir obyékti, xarabilik we lenet sözi bolidu; uning etrapidiki sheherliri daimliq xarabilik bolidu.
مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ ئۇ: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىڭلار! ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. | 14 |
Men Perwerdigardin shu bir xewerni anglashqa muyesser boldum, — we bir elchi eller arisigha ewetilgenidi — U: «Uninggha hujum qilishqa yighilinglar! Uninggha jeng qilishqa ornunglardin turunglar!» — dep xewer béridu.
مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن. | 15 |
Mana, Men séni eller arisida kichik, Insanlar arisida kemsitilgen qilimen.
سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇقۇڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى؛ ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى، گەرچە سەن چاڭگاڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك يۇقىرى ياسىساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرىۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 16 |
Séning özgilerge dehshet salidighanliqing, Könglüngdiki tekebburluqung özüngni aldap qoydi; Hey tik qiyaning yériqliri ichide turghuchi, Turalghung égizlikning yuqiri teripide bolghuchi, Gerche sen changgangni bürkütningkidek yuqiri yasisangmu, Men shu yerdin séni chüshüriwétimen, — deydu Perwerdigar.
ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛ ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. | 17 |
— We Édom tolimu wehimilik bolidu; Édomdin ötidighanlarning hemmisi uning barliq yara-wabaliri tüpeylidin wehimige chüshüp, ush-ush qilidu.
سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. | 18 |
Sodom, Gomorra we ularning etrapidiki sheherliri bilen birge örüwétilgendek Édommu shundaq bolidu, — deydu Perwerdigar, — héchkim shu yerde turmaydu, insan baliliri shu yerde olturaqlashmaydu.
مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى [قويلارنى] تارقاتقان بىر شىردەك مەن [ئېدومدىكىلەرنى] بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ | 19 |
Mana, Iordan deryasidiki chawar-chatqalliqtin chiqip, daim éqip turidighan shu sular boyidiki yaylaqtiki [qoylarni] tarqatqan bir shirdek Men [Édomdikilerni] beder qachquzimen. Emdi kimni xalisam Men uni Édomning üstige tikleymen; chünki Manga kim teng kéleleydu? Kim Méningdin hésab élishqa Méni chaqiralaydu? Méning aldimda turalaydighan pada baqquchi barmu?
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. | 20 |
Shunga Perwerdigarning Édomni jazalashtiki meqsitini, shuningdek Témandikilerni jazalash niyitini anglanglar: ularning kichiklirimu tartip épkétilidu; berheq, qilmishliri tüpeylidin Perwerdigar uning yayliqini weyrane qilidu.
ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ. | 21 |
Ularning yiqilip ketken sadasini anglap yer yüzidikiler tewrinip kétidu; nale-peryadliri «Qizil déngiz»ghiche anglinidu.
مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. | 22 |
Mana, birsi bürküttek qanat yéyip perwaz qilip, Bozrah üstige shungghup chüshidu. Shu küni Édomdiki palwanlarning yüriki tolghaqqa chüshken ayalning yürikidek bolidu.
دەمەشق توغرۇلۇق: ــ خامات، ئارپاد شەھىرىدىكىلەر خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار شۇم خەۋەر ئاڭلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ. | 23 |
Demeshq toghruluq: — Xamat, Arpad shehiridikiler xijaletke qaldurulidu; chünki ular shum xewer anglaydu; ularning yüriki su bolup kétidu; dawulghup ketken déngizdek ular héch tinchlinalmaydu.
دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. | 24 |
Demeshq zeipleshti, qéchishqa burulidu; uni wehime basidu; azablar tolghaqqa chüshken ayalni tutqandek, azab we derd-qayghu uni tutidu.
نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ! | 25 |
Nam-dangqi chiqqan yurt, Men huzur alghan sheher shu derijide tashliwétilgen bolidu!
شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ | 26 |
Shunga uning yigitliri kochilirida yiqilidu, jenggiwar palwanlar shu küni yoqitilidu, — deydu samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar;
ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. | 27 |
— hem Men Demeshqning sépilige bir ot yaqimen, u Ben-Hadadning ordilirini yutuwalidu.
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛ | 28 |
Babil padishahi Néboqadnesar yenggen Kédar toghruluq hem Hazorning padishahliqliri tughuluq söz: — Perwerdigar mundaq deydu: — «Ornungdin tur, Kédargha hujum qilip, sherqtiki ademlerni bulang-talang qil!» — déyilidu;
ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. | 29 |
Hujum qilghanlar ularning chédirliri hem padilirini élip kétidu; ularning chédir perdiliri, barliq qacha-qucha, tögilirini bulap kétidu; xeq ulargha: «Terep-tereplerni wehime basidu!» dep warqiraydu.
قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان. | 30 |
Qéchip kétinglar, beder tikip pinhan jaylardin turalghu tépip turunglar, i Hazordikiler, — deydu Perwerdigar, — chünki Babil padishahi Néboqadnesar silerge jeng qilishqa qest qilghan, silerge qarap niyiti buzulghan.
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 31 |
— Ornungdin tur, sépil-derwazilargha ige bolmighan aramxuda yashap, tinch-aman turghan elge jeng qilishqa chiq; ular yalghuz turidu — deydu Perwerdigar,
ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 32 |
— ularning tögiliri olja, top-top mal-waranliri gheniymet bolidu; Men chéke chachlirini chüshürgenlerni töt shamalgha tarqitimen, ularning béshigha her etrapidin külpet chüshürimen, — deydu Perwerdigar;
ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. | 33 |
— Hazor bolsa chilbörilerning turalghusi, menggüge weyrane bolidu. Héchkim shu yerde turmaydu, insan baliliri shu yerde olturaqlashmaydu.
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: ــ | 34 |
Yehuda padishahi Zedekiya textke olturghan deslepki waqitlirida, Yeremiya peyghemberge kelgen Perwerdigarning sözi mundaq idi: —
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. | 35 |
Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar mundaq deydu: — Mana, Men Élamning gholluq küchi bolghan oqyasini sundurimen.
ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ. | 36 |
Asmanlarning töt chétidin töt shamalni chiqirip Élamning üstige chüshürimen; Men ularni bu töt shamalgha tarqitimen; shuning bilen Élamdin heydelgenlerning barmaydighan el-memliketler qalmaydu.
مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن. | 37 |
Men Élamni düshmenliri aldida hem jénini izdigüchilerning aldida dekke-dükkige chüshürimen; dehshetlik ghezipimni béshigha töküp, külpetlerni chüshürimen; ularni berbat qilghuche Men qilichni ularning keynidin qoghlashqa ewetimen.
مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 38 |
Men Öz textimni Élamda tikleymen, shu yerdin padishahi we shahzadilirini yoq qilimen, — deydu Perwerdigar.
ــ لېكىن ئاخىرقى زامانلاردا، مەن ئېلامنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 39 |
— Lékin axirqi zamanlarda, Men Élamni sürgünlükidin qayturup eslige keltürimen, — deydu Perwerdigar.