< يەرەمىيا 47 >
پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ | 1 |
La parole de l'Éternel qui fut adressée à Jérémie, le prophète, touchant les Philistins, avant que Pharaon frappât Gaza.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن [دولقۇنلۇق] سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار [ئازابتىن] نالە-زار قىلىدۇ؛ | 2 |
Ainsi a dit l'Éternel: Voici des eaux qui montent de l'Aquilon; elles deviennent un torrent débordé; elles inondent la terre et ce qu'elle contient, les villes et leurs habitants; les hommes poussent des cris, et tous les habitants du pays se lamentent.
تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. | 3 |
A cause du retentissement des sabots de ses puissants chevaux, du fracas de ses chars, du grondement de ses roues, les pères ne se tournent pas vers leurs enfants, tant les mains sont devenues lâches.
چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ. | 4 |
C'est que le jour est venu de détruire tous les Philistins, de retrancher à Tyr et à Sidon quiconque reste encore pour les secourir. Car l'Éternel va détruire les Philistins, les restes de l'île de Caphtor.
گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟ | 5 |
Gaza est devenue chauve. Askélon, avec le reste de leur vallée, se tait. Jusqu'à quand te feras-tu des incisions?
ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن! | 6 |
Ah! épée de l'Éternel, jusqu'à quand ne cesseras-tu pas? Rentre dans ton fourreau, apaise-toi, et te tiens en repos.
لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر! | 7 |
Comment cesserais-tu? L'Éternel lui a donné commandement; c'est contre Askélon et contre le rivage de la mer qu'il l'a assignée.