< يەرەمىيا 47 >

پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ 1
Riječ koju Jahve uputi proroku Jeremiji o Filistejcima prije nego što faraon osvoji Gazu.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن [دولقۇنلۇق] سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار [ئازابتىن] نالە-زار قىلىدۇ؛ 2
Ovako reče Jahve: “Evo, vode se dižu sa Sjevera i kao nabujali brzaci poplavljuju zemlju i sve što je na njoj, gradove i sve njihovo pučanstvo. I ljudi vapiju, i kukaju svi žitelji zemlje,
تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. 3
uz tutanj kopita njegove ždrebadi, uza štropot kola i tresku točkova. Oci više ne mare za djecu svoju jer su im ruke klonule
چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ. 4
zbog dana što osvanu da Filistejce istrijebi, da zatre Tiru i Sidonu sve do posljednjeg pomagača. Jer Jahve istrebljuje Filistejce, i sav ostatak otočja kaftorskog.
گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟ 5
Gazi će biti obrijana glava, razoren Aškelon. A ti, Ašdode, ostače Anakovaca, dokle će te tuga razdirati?
ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن! 6
Jao, maču Jahvin, kad li ćeš se smiriti? Vrati se u korice, stani i počini!”
لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر! 7
Ali kako da se smiri, kad Jahvina ruka njime zapovijeda: na Aškelon i na morski žal on ga isuka.

< يەرەمىيا 47 >