< يەرەمىيا 45 >
يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ | 1 |
La Palabra que habló el profeta Jeremías a Baruc, hijo de Nerías, cuando éste escribió en el rollo aquellas Palabras de la boca de Jeremías, el año cuarto de Joacim, hijo de Josías, rey de Judá:
«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ | 2 |
Yavé, el ʼElohim de Israel, te dice, oh Baruc:
سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ. | 3 |
Tú dijiste: ¡Ay de mí, porque Yavé añadió tristeza a mi dolor! ¡Estoy cansado de gemir y no hallo descanso!
ــ [يەرەمىيا]، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قۇرۇپ چىققانلىرىمنى ھازىر غۇلىتىمەن، مەن تىككەنلىرىمنى، يەنى بۇ پۈتكۈل جاھاننى ھازىر يۇلۇپ تاشلايمەن. | 4 |
Le dirás: Yavé dice: Mira, Yo estoy a punto de destruir lo que edifiqué y de arrancar lo que planté, es decir, toda la tierra.
مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن». | 5 |
¿Y tú buscas grandes cosas para ti? ¡No las busques! Porque mira, Yo traigo mal sobre todo ser vivo, dice Yavé. Pero tu vida te será dada como un botín en todos los lugares adonde tú vayas.