< يەرەمىيا 44 >
مىسىردا تۇرغان، يەنى مىگدولدا، تاھپانەستە، نوفتا ۋە [مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپى] پاتروس زېمىنىدا تۇرغان بارلىق يەھۇدىيلار توغرۇلۇق بۇ سۆز يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
मिश्रदेश बसोबास गरेका, मिग्दोल, तहपनेस, नोप र माथिल्लो मिश्रमा बसिरहेका सबै यहूदीको विषयमा यो वचन यर्मियाकहाँ आयोः
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى ھەممە شەھەرلەر ئۈستىگە چۈشۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتنى كۆرگەنسىلەر؛ مانا، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار خارابىلىك بولۇپ، ئادەمزاتسىز قالدى؛ چۈنكى ئۇلار نە ئۆزلىرى، نە سىلەر، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمەيدىغان يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا، خۇشبۇي يېقىشقا بېرىپ، مېنى غەزەپلەندۈرگەن. | 2 |
“सर्वशक्तिमान् परमप्रभु इस्राएलका परमेश्वर यसो भन्नुहुन्छ, ‘यरूशलेम र यहूदाका सबै सहरमाथि मैले ल्याएका विपत्तिहरू तिमीहरू आफैले देखेका छौ । हेर, आज ती भग्नावशेष भएका छन् । तिनमा बस्ने कोही छैन ।
धुप बाल्न र अरू देवताहरूको पुजा गर्न गएर तिनीहरूले मलाई चोट पुर्याउनलाई गरेका तिनीहरूका दुष्ट कुराहरूले गर्दा यसो भएको हो । यी देवताहरूलाई न तिनीहरूले चिन्दथे, न तिमीहरू चिन्छौ, न त तिमीहरूका पुर्खाहरूले चिन्दथे ।'
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن. | 4 |
त्यसैले मैले बारम्बार मेरा दास अगमवक्ताहरूलाई तिनीहरूकहाँ पठाएँ । मैले तिनीहरूलाई यसो भन्न पठाएँ, 'मैले घृणा गर्ने यी घिनलाग्दा कुराहरू गर्न छोड ।’
لېكىن ئۇلار ئىتائەت قىلمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار رەزىللىكىدىن، يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىشتىن قولىنى زادى ئۈزمىگەن. | 5 |
तर तिनीहरूले सुनेनन् । अरू देवताहरूलाई धुप बाल्ने तिनीहरूको दुष्टताबाट ध्यान हटाउने वा फर्कने कुरालाई तिनीहरूले इन्कार गरे ।
شۇنىڭ بىلەن قەھرىم ھەم غەزىپىم [ئۇلارغا] تۆكۈلگەن، يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا يېقىلغان، كۆيگەن؛ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ۋەيرانە ۋە خارابىلىك بولۇپ قالدى. | 6 |
त्यसैले यहूदाका सहरहरू र यरूशलेमका सडकहरूमा मेरो रिस र क्रोध खन्याइयो, र आगो लगाइयो । ती उजाड र सर्वनाश भए, जस्तो आजको दिनसम्म छ ।'
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر نېمىشقا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا زور كۈلپەت كەلتۈرمەكچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق قالدى قالدۇرماي ئۆزۈڭلاردىن، يەنى يەھۇدانىڭ ئىچىدىن ئەر-ئايال، بالا-بوۋاقلارنى ئۈزمەكچىسىلەر!؟ | 7 |
त्यसैले अब परमप्रभु सर्वशक्तिमान् परमेश्वर, इस्राएलका परमेश्वर यसो भन्नुहुन्छ, 'आफ्नै विरुद्धमा तिमीहरू किन ठुला-ठुला दुष्ट काम गर्दैछौ? यहूदाका पुरुषहरू, स्त्रीहरू, बालबालिका तथा दूधे बालकहरूबाट किन आफै बहिष्कृत हुँदैछौ? तिमीहरूका कोही पनि बाँकी छाडिनेछैनौ ।
نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭلارنىڭ ياسىغىنى بىلەن، سىلەر ئولتۇراقلاشقان مىسىر زېمىنىدا يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ مېنى غەزەپلەندۈرىسىلەر؟ شۇنداق قىلىپ سىلەر ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا لەنەت سۆزى ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىسىلەر. | 8 |
तिमीहरूका हातका कामहरूद्वारा, तिमीहरू बस्न गएका मिश्रदेशमा अरू देवताहरूलाई धुप बालेर तिमीहरूका हातले गरेका कामका दुष्टता तिमीहरूले मलाई चोट पुर्याएका छौ । तिमीहरू नष्ट गरिन र पृथ्वीका सबै जातिका बिचमा सराप र निन्दाको पात्र बन्न तिमीहरू त्यहाँ गएका छौ ।
سىلەر يەھۇدا زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا سادىر قىلىنغان رەزىللىكنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى، يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ رەزىللىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەزىللىكىنى، سىلەرنىڭ ئۆز رەزىللىكىڭلارنى ھەم ئاياللىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ | 9 |
तिमीहरूका पुर्खाहरू अनि यहूदाका राजाहरू र तिनीहरूका पत्नीहरूले गरेका दुष्टतालाई के तिमीहरूले बिर्सेका छौ? यहूदा देशमा र यरूशलेमका सडकहरूमा तिमीहरू आफै र तिमीहरूका पत्नीहरूले गरेका दुष्ट कामलाई के तिमीहरूले बिर्सेका छौ?
بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خەلقىڭلار ئۆزىنى ھېچ تۆۋەن تۇتمىدى، مەندىن ھېچ قورقمىدى، ئۇلار مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ياكى بەلگىلىمىلىرىمدە ھېچ ماڭغان ئەمەس. | 10 |
आजको दिनसम्म पनि तिनीहरू नम्र भएका छैनन् । मैले तिनीहरू र तिनीहरूका पुर्खाहरूका सामु राखेको मेरा व्यवस्था वा विधानहरूलाई तिनीहरूले आदर गर्दैनन्, न त तिनीहरू तीअनुसार हिंड्छन् ।'
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بېشىڭلارغا كۈلپەت چۈشۈرۈپ، بارلىق يەھۇدانى ھالاك قىلغۇچە سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىمەن؛ | 11 |
त्यसकारण सर्वशक्तिमान् परमप्रभु इस्राएलका परमेश्वर यसो भन्नुहुन्छ, 'हेर, तिमीहरूमाथि विपत्ति ल्याउन र सारा यहूदालाई नष्ट गर्न मैले आफ्नो अनुहारलाई तिमीहरूबाट हटाउनै लागेको छु ।
مەن مىسىر زېمىنىغا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان يەھۇدانىڭ قالدىسىغا قول سالىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر زېمىنىدا تۈگىشىدۇ؛ مىسىر زېمىنىدا يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ، ئۇلار لەنەت ئوقۇلىدىغان ۋە دەھشەت باسقۇچى ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىدۇ. | 12 |
किनकि मिश्रदेशमा बस्न जाने निधो गरेका यहूदाका बाँकी रहेकाहरूलाई म नष्ट पार्नेछु । तिनीहरू सबै मिश्रदेशमा नष्ट होऊन् भनेर म यसो गर्नेछु । तिनीहरू सबै तरवार र अनिकालले ढल्नेछन् । सानादेखि ठुलासम्म तिनीहरू तरवार र अनिकालले नष्ट हुनेछन् । तिनीहरू मर्नेछन्, अनि कसम, सराप, निन्दा र घृणाका पात्र बन्नेछन् ।
مەن مىسىر زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلارنى يېرۇسالېمنى جازالىغاندەك قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن؛ | 13 |
जसरी मैले यरूशलेमलाई तरवार, अनिकाल र विपत्तिले दण्ड दिएँ, त्यसै गरी मिश्रदेशमा बसेका मानिसहरूलाई दण्ड दिनेछु,
شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلىشايلى دەپ شۇ يەرگە كىرگەن يەھۇدانىڭ قالدىسىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا ھېچقايسىسى قاچالمايدۇ ياكى ھېچكىم قالمايدۇ؛ شۇ يەرگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتىزار بولسىمۇ، قاچالىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىلىرى ھېچقايسىسى قايتمايدۇ». | 14 |
जसको कारणले मिश्रदेशमा बस्न गएका यहूदाका बाँकी रहेकाहरूमध्ये कोही पनि उम्कने वा बाँच्ने वा यहूदामा फर्कनेछैन, जहाँ फर्केर जाने र बस्ने तिनीहरूको इच्छा छ । अनि त्यहाँबाट भागेका थोरैबाहेक अरू कोही फर्कनेछैन' ।”
ئاندىن ئۆز ئاياللىرىنىڭ يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياقىدىغانلىقىنى بىلگەن بارلىق ئەرلەر، ۋە يېنىدا تۇرغان بارلىق ئاياللار، ــ زور بىر توپ ئادەملەر، يەنى مىسىرنىڭ [شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى] پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ | 15 |
तब आफ्ना पत्नीहरूले अरू देवताहरूलाई धुप बाल्दैथिए भनी थाहा पाएका त्यस ठुलो सभाका सबै मानिस र उक्त सभामा भएका सबै स्त्री अनि तल्लो र माथिल्लो मिश्रमा बस्ने सबै यहूदीले यर्मियालाई जवाफ दिए,
«سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز! | 16 |
तिनीहरूले भने, “परमप्रभुको नाउँमा तिमीले हामीलाई भनेका वचनका तिम्रा कुरा हामी सुन्नेछैनौं ।
ئەكسىچە بىز چوقۇم ئۆز ئاغزىمىزدىن چىققان بارلىق سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز؛ ئۆزىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمىرلىرىمىز يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا قىلغىنىدەك بىزلەر «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىۋېرىمىز ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇۋېرىمىز؛ چۈنكى ئەينى چاغدا بىزنىڭ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، توققۇزىمىز تەل، ھېچ كۈلپەتنى كۆرمەي ئۆتكەن. | 17 |
किनकि हामीले गर्नेछौं भनेका सबै कुरा हामी निश्चय नै गर्नेछौं, अर्थात् स्वर्गकी रानीलाई धुप बाल्नेछौं, अनि यहूदाका सहरहरू र यरूशलेमका सडकहरूमा हामी, हाम्रा पुर्खाहरू, हाम्रा राजाहरू र हाम्रा अगुवाहरूले गरेझैं हामी तिनको निम्ति अर्घबलिहरू खन्याउनेछौं । तब हामी भोजनले भिपूर्ण हुनेछौं, र कुनै विपत्तिविना हाम्रो उन्नति हुनेछ ।
ئەمما «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىشنى ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشنى توختاتقىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز كەم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ھەم قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولۇپ كەلدۇق. | 18 |
हामीले स्वर्गकी रानीलाई धुप बाल्न र उनलाई अर्घबलिहरू खन्याउन छोड्दा हामी सबै जनाले गरिबी भोग्दै थियौँ अनि हामी तरवार र अनिकालले मर्दै थियौँ ।”
بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟». | 19 |
स्त्रीहरूले भने, “हामीले स्वर्गकी रानीको सामु धुप बाल्दा र उनलाई अर्घबलिहरू खन्याउँदा, उनको प्रतिरूपका फुरौलाहरू बनाउँदा र उनलाई अर्घबलिहरू चढाउँदा के हामीले आफ्ना पतिहरूले भनेको नमानेर यी कुराहरू गर्यौँ र?”
يەرەمىيا بارلىق خەلققە، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارغا، مۇشۇنداق جاۋابنى بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ | 20 |
तब यर्मियाले सबै मानिस अर्थात् पुरुषहरू र स्त्रीहरू अनि तिनलाई जवाफ दिने सबै मानिसहरूलाई तिनले घोषणा गरे र भने,
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئېسىدە قېلىپ كۆڭلىگە تەگكەن ئىش دەل سىلەر، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار، ئەمىرلىرىڭلار شۇنداقلا زېمىندىكى خەلقنىڭ يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا ياققان خۇشبۇيى ئەمەسمۇ؟ | 21 |
“के तिमीहरू, तिमीहरूका पुर्खाहरू, तिमीहरूका राजाहरू, अगुवाहरू र देशका मानिसहरूले यहूदाका सहरहरू र यरूशलेमका सडकहरूमा चढाएका धुपलाई परमप्रभुले सम्झनुभएन र? किनकि परमप्रभुले यो सम्झनुहुन्छ । यो उहाँको विचारमा आउँछ ।
ئاخىرىدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ رەزىللىكىگە ھەم سادىر قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىغان؛ شۇڭا زېمىنىڭلار بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خارابىلىك، ئادەمنى دەھشەت باسقۇچى، لەنەت ئوبيېكتى ۋە ئادەمزاتسىز بولغان. | 22 |
तब तिमीहरूका दुष्ट अभ्यासहरूका कारणले र तिमीहरूले गरेका घिनलाग्दा कुराहरूको कारणले उहाँले यसलाई सहन सक्नुभएन । तब तिमीहरूको देश उजाड, त्रास र सराप बन्यो, यसैले आजको दिनसम्म त्यहाँ एक जना बासिन्दा छैन ।
سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى». | 23 |
तिमीहरूले धुप बालेका र परमप्रभुको विरुद्धमा पाप गरेको कारणले अनि तिमीहरूले उहाँको स्वोर, उहाँको व्यवस्था, उहाँका विधानहरू वा उहाँका करारका आदेशहरू पालन नगरेको कारणले तिमीहरूको विरुद्धमा यो विपत्ति आएको हो, जस्तो आजको दिनसम्म छ ।”
يەرەمىيا بارلىق خەلققە، بولۇپمۇ بارلىق ئاياللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! | 24 |
तब यर्मियाले सबै मानिस र सबै स्त्रीलाई भने, “हे मिश्रदेशमा भएका यहूदाका सबै मानिस हो, परमप्रभुको वचन सुन ।
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ئاياللار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن: «بىز «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىش، ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەملىرىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز» دېگەنسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئەمەل قىلغانسىلەر. ئەمدى قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېرىڭلار! قەسىمىڭلارغا تولۇق ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! | 25 |
सर्वशक्तिमान् परमप्रभु, इस्राएलका परमेश्वर यसो भन्नुहुन्छः 'स्वर्गकी रानीलाई पुजा गर्न र उनलाई अर्घबलिहरू चढाउन हामीले खाएका भाकलहरूलाई हामी निश्चय नै पुरा गर्नेछौं' भनी तिमीहरू र तिमीहरूका पत्नीहरू दुवैले तिमीहरूका मुखले भनेका थियौ र तिमीहरूले आफ्ना हातले पुरा गरेका छौ । अब तिमीहरूका भाकलहरू पुरा गर । तिनलाई निरन्तर गर ।’
لېكىن شۇنداق بولغاندا، ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! مانا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغ نامىم بىلەن قەسەم قىلغانمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مىسىرنىڭ بارلىق زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالىق ھېچقايسى كىشى مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ: «رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قايتىدىن قەسەم ئىچمەيدۇ. | 26 |
त्यसैले मिश्रदेशमा बस्ने सारा यहूदा हो, परमप्रभुको यो वचन सुन ‘हेर, मेरो महान् नाउँद्वारा मैले शपथ खाएको छु, परमप्रभु भन्नुहुन्छ । सारा मिश्र देशमा भएका यहूदाका मानिसको मुखले अहिले, 'जीवित परमप्रभुको नाउँमा' भनेरझैं फेरि मेरो नाउँ कहिलै पनि पुकार्नेछैनन् ।”
مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزلەۋاتىمەن؛ شۇڭا مىسىردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگۈچە قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولىدۇ. | 27 |
हेर, मैले तिनीहरूलाई भलाइको निम्ति होइन, विपत्तिको निम्ति हेर्दैछु । मिश्रदेशमा भएको यहूदाको हरेक व्यक्ति सखाप नभएसम्म तिनीहरू तरवार र अनिकालले नष्ट हुनेछ ।
قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قاچقانلار بولسا ئىنتايىن ئاز بىر توپ ئادەملەر بولۇپ، مىسىر زېمىنىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىغا ئولتۇراقلىشايلى دەپ كەلگەن يەھۇدانىڭ قالدىسى كىمنىڭ سۆزىنىڭ، مېنىڭكى ياكى ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىلىپ يېتىدۇ. | 28 |
तब तरवारबाट बाँचेकामध्येका थोरै सङ्ख्या मात्र तिनीहरू मिश्रदेशबाट यहूदाको देशमा फर्कनेछन् । तब तिनीहरूको कि मेरो कसको वचन सत्य ठहर्दोरहेछ भनी मिश्रदेशमा बस्न गएका यहूदाका बाँकी भएकाहरूले जान्नेछन् ।
مېنىڭ سىلەرنى بۇ يەردە جازالايدىغانلىقىمغا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم سىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرمەي قويمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە شۇ ئالدىنئالا بېشارەت بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 29 |
यो परमप्रभुको घोषणा हो, तिमीहरूका विरुद्धमा मैले तिमीहरूलाई यो ठाउँमा दिने चिन्हचाहिं यो हुनेछ, यसैले कि मेरो वचनले निश्चय पनि तिमीहरूलाई विपत्तिले आक्रमण गर्नेछ भनी तिमीहरूलाई थाहा होस् ।
ــ مانا، مېنىڭ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى ئۇنىڭ دۈشمىنى، جېنىنى قوغلاپ ئىزدىگەن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمدەك مەن ئوخشاشلا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن خوفرانى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ھەمدە جېنىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». | 30 |
परमप्रभु यसो भन्नुहुन्छ, 'हेर, मिश्रको राजा फारो होप्रालाई त्यसका शत्रुहरू र त्यसको ज्यान लिन खोज्नेहरूको हातमा मैले सुम्पिदिनै लागेको छु । यहूदाका राजा सिदकियालाई मैले त्यसको ज्यान लिन खोज्ने शत्रु बेबिलोनको राजा नबूकदनेसरको हातमा सुम्पेको जस्तै त्यो हुनेछ ।’”