< يەرەمىيا 42 >
بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى، جۈملىدىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلق | 1 |
et accesserunt omnes principes bellatorum et Iohanan filius Caree et Iezonias filius Osaiae et reliquum vulgus a parvo usque ad magnum
يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: «تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا خەلقنىڭ قالدىسى بولغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەنكى (كۆزۈڭ كۆرگىنىدەك بۇرۇن كۆپ بولغان بىزلەر ھازىر ئىنتايىن ئاز قالدۇق)، | 2 |
dixeruntque ad Hieremiam prophetam cadat oratio nostra in conspectu tuo et ora pro nobis ad Dominum Deum tuum pro universis reliquiis istis quia derelicti sumus pauci de pluribus sicut oculi tui nos intuentur
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بىزگە ماڭىدىغان يول، قىلىدىغان ئىشنى كۆرسەتكەي» ــ دەپ ئىلتىجا قىلدى. | 3 |
et adnuntiet nobis Dominus Deus tuus viam per quam pergamus et verbum quod faciamus
يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى. | 4 |
dixit autem ad eos Hieremias propheta audivi ecce ego oro ad Dominum Deum vestrum secundum verba vestra omne verbum quodcumque responderit mihi indicabo vobis nec celabo vos quicquam
ئۇلار يەرەمىياغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئەۋەتىپ بىزگە يەتكۈزىدىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەقىقىي، گېپىدە تۇرۇدىغان گۇۋاھچى بولۇپ ئەيىبلىسۇن!» ــ دېدى. | 5 |
et illi dixerunt ad Hieremiam sit Dominus inter nos testis veritatis et fidei si non iuxta omne verbum in quo miserit te Dominus Deus tuus ad nos sic faciemus
«بىز سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا ئەۋەتىمىز؛ جاۋاب ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن، ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلىمىز؛ بىز خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغاندا، بىزگە ياخشى بولىدۇ». | 6 |
sive bonum est sive malum voci Domini Dei nostri ad quem mittimus te oboediemus ut bene sit nobis cum audierimus vocem Domini Dei nostri
شۇنداق بولدىكى، ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى. | 7 |
cum autem conpleti essent decem dies factum est verbum Domini ad Hieremiam
ئۇ كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلقنى چاقىرىپ | 8 |
vocavitque Iohanan filium Caree et omnes principes bellatorum qui erant cum eo et universum populum a minimo usque ad magnum
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر مېنى تەلىپىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنسىلەر. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ | 9 |
et dixit ad eos haec dicit Dominus Deus Israhel ad quem misistis me ut prosternerem preces vestras in conspectu eius
«سىلەر يەنىلا مۇشۇ زېمىندا تۇرىۋەرسەڭلارلا، مەن سىلەرنى قۇرۇپ چىقىمەن؛ سىلەرنى غۇلاتمايمەن؛ مەن سىلەرنى تىكىپ ئۆستۈرىمەن، سىلەرنى يۇلمايمەن؛ چۈنكى مەن بېشىڭلارغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەتكە ئۆكۈنىمەن. | 10 |
si quiescentes manseritis in terra hac aedificabo vos et non destruam plantabo et non evellam iam enim placatus sum super malo quod feci vobis
سىلەر قورقىدىغان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار؛ ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. | 11 |
nolite timere a facie regis Babylonis quem vos pavidi formidatis nolite eum metuere dicit Dominus quia vobiscum sum ego ut salvos faciam vos et eruam de manu eius
مەن سىلەرگە شۇنداق رەھىمدىللىقنى كۆرسىتىمەنكى، ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىشقا يول قويىدۇ. | 12 |
et dabo vobis misericordiam et miserebor vestri et habitare vos faciam in terra vestra
بىراق سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي «بۇ زېمىندا قەتئىي تۇرمايمىز» ــ دېسەڭلار | 13 |
si autem dixeritis vos non habitabimus in terra ista nec audiemus vocem Domini Dei nostri
ۋە: «ياق، بىز مىسىر زېمىنىغا بارايلى؛ شۇ يەردە نە ئۇرۇشنى كۆرمەيمىز، نە كاناي-ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىمايمىز، نە نانغا زار بولمايمىز؛ شۇ يەردە ياشايمىز» ــ دېسەڭلار، | 14 |
dicentes nequaquam sed ad terram Aegypti pergemus ubi non videbimus bellum et clangorem tubae non audiemus et famem non sustinebimus et ibi habitabimus
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ بۇ قالدىسى بولغان سىلەر: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مىسىرغا كىرىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولساڭلار، | 15 |
propter hoc nunc audite verbum Domini reliquiae Iuda haec dicit Dominus exercituum Deus Israhel si posueritis faciem vestram ut ingrediamini Aegyptum et intraveritis ut ibi habitetis
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر قورقىدىغان قىلىچ مىسىردا سىلەرگە يېتىشىۋالىدۇ، سىلەر قورقىدىغان قەھەتچىلىك مىسىردا سىلەرگە ئەگىشىپ قوغلاپ بارىدۇ؛ شۇ يەردە سىلەر ئۆلىسىلەر. | 16 |
gladium quem vos formidatis ibi conprehendet vos in terra Aegypti et fames pro qua estis solliciti adherebit vobis in Aegypto et ibi moriemini
شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرغا كىرىپ شۇ يەردە تۇرايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تىرىك قالمايدۇ ۋە ياكى مەن بېشىغا چۈشۈرىدىغان بالايىئاپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. | 17 |
omnesque viri qui posuerint faciem suam ut ingrediantur Aegyptum et habitent ibi morientur gladio et fame et peste nullus de eis remanebit nec effugient a facie mali quod ego adferam super eos
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ غەزىپىم ۋە قەھرىم يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلگەندەك، سىلەر مىسىرغا كىرگىنىڭلاردا، قەھرىم بېشىڭلارغا چۈشۈرۈلىدۇ؛ سىلەر لەنەتكە قالىدىغان ۋە دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولىسىلەر ۋە سىلەر بۇ زېمىننى قايتىدىن ھېچ كۆرمەيسىلەر. | 18 |
quia haec dicit Dominus exercituum Deus Israhel sicut conflatus est furor meus et indignatio mea super habitatores Hierusalem sic conflabitur indignatio mea super vos cum ingressi fueritis Aegyptum et eritis in iusiurandum et in stuporem et in maledictum et in obprobrium et nequaquam ultra videbitis locum istum
پەرۋەردىگار سىلەر، يەنى يەھۇدانىڭ قالدىسى توغرۇلۇق: «مىسىرغا بارماڭلار!» ــ دېگەن. ــ ئەمدى شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بۈگۈنكى كۈنىدە سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم!». | 19 |
verbum Domini super vos reliquiae Iuda nolite intrare Aegyptum scientes scietis quia obtestatus sum vobis hodie
ــ سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتكىنىڭلار «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە نېمە دېسە، بىزگە يەتكۈزۈپ بەرسەڭ بىز شۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز» دېگۈزگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالداپ جېنىڭلارغا زامىن بولۇشتىن ئىبارەت بولدى، خالاس. | 20 |
quia decepistis animas vestras vos enim misistis me ad Dominum Deum nostrum dicentes ora pro nobis ad Dominum Deum nostrum et iuxta omnia quaecumque dixerit tibi Dominus Deus noster sic adnuntia nobis et faciemus
مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە ئۇنىڭ دېگىنىنى ئېيتىپ بەردىم؛ لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە ياكى ئۇنىڭ مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتكەن ھېچقايسى ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. | 21 |
et adnuntiavi vobis hodie et non audistis vocem Domini Dei vestri super universis pro quibus misit me ad vos
ئەمدى ھازىر شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئولتۇراقلىشايلى دەپ بارىدىغان جايدا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىسىلەر». | 22 |
nunc ergo scientes scietis quia gladio et fame et peste moriemini in loco ad quem voluistis intrare ut habitaretis ibi