< يەرەمىيا 41 >
ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا، | 1 |
Əmdi yǝttinqi ayda xundaⱪ boldiki, xaⱨzadǝ, xundaⱪla padixaⱨning bax ǝmǝldarliridin biri bolƣan Əlixamaning nǝwrisi, Nǝtaniyaning oƣli Ixmail on adǝm elip Mizpaⱨƣa, Aⱨikamning oƣli Gǝdaliyaning yeniƣa kǝldi; ular xu yǝrdǝ, yǝni Mizpaⱨda nan oxtup ƣizalanƣanda,
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ھەم ئۇ ئېپكەلگەن ئون ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا قىلىچ چاپتى؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى بابىل پادىشاھى يەھۇدا زېمىنى ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. | 2 |
Nǝtaniyaning oƣli Ixmail ⱨǝm u epkǝlgǝn on adǝm ornidin turup, Aⱨikamning oƣli Gǝdaliyaƣa ⱪiliq qapti; ularning xundaⱪ ⱪilixi Babil padixaⱨi Yǝⱨuda zemini üstigǝ ⱨɵkümranliⱪⱪa bǝlgiligǝnni ɵltürüxtin ibarǝt idi.
ئىشمائىل مىزپاھدا گەدالىياغا ھەمراھ بولغان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق كالدىي جەڭگىۋار لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 3 |
Ixmail Mizpaⱨda Gǝdaliyaƣa ⱨǝmraⱨ bolƣan barliⱪ Yǝⱨudiylar wǝ xu yǝrdǝ turuwatⱪan barliⱪ Kaldiy jǝnggiwar lǝxkǝrlǝrni ɵltürüwǝtti.
شۇنداق بولدىكى، گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىگىچە ھېچكىم تېخى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپمىغانىدى، | 4 |
Xundaⱪ boldiki, Gǝdaliyani ɵltürüwǝtkǝndin keyin, ikkinqi künigiqǝ ⱨeqkim tehi uningdin hǝwǝr tapmiƣanidi,
مانا شەقەم، شىلوھ ھەم سامارىيەدىن سەكسەن ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە سۇنۇشقا قولىدا ھەدىيەلەرنى ھەم خۇشبۇينى تۇتقان ھالدا كەلگەنىدى. | 5 |
mana Xǝⱪǝm, Xiloⱨ ⱨǝm Samariyǝdin sǝksǝn adǝm yetip kǝldi. Ular saⱪilini qüxürgǝn, kiyimlirini yirtⱪan, ǝtlirini tilƣan, Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ sunuxⱪa ⱪolida ⱨǝdiyǝlǝrni ⱨǝm huxbuyni tutⱪan ⱨalda kǝlgǝnidi.
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ماڭغىنىچە يىغلىغانغا سېلىپ مىزپاھدىن چىقتى؛ ئۇلارغا: «مەرھەمەت، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىمەن» ــ دېدى. | 6 |
Nǝtaniyaning oƣli Ixmail ularni ⱪarxi elixⱪa mangƣiniqǝ yiƣliƣanƣa selip Mizpaⱨdin qiⱪti; ularƣa: «Mǝrⱨǝmǝt, Aⱨikamning oƣli Gǝdaliya bilǝn kɵrüxüxkǝ apirimǝn» — dedi.
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىغا يەتكەندە، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى. | 7 |
Xundaⱪ boldiki, ular xǝⱨǝr otturisiƣa yǝtkǝndǝ, Nǝtaniyaning oƣli Ixmail wǝ uning bilǝn billǝ bolƣan adǝmlǝr ularni ɵltürüp jǝsǝtlirini su azgiliƣa taxliwǝtti.
ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. | 8 |
Ⱨalbuki, ular arisidin on adǝm Ixmailƣa: «Bizni ɵltürüwǝtmǝ, qünki dalada bizning yoxurup ⱪoyƣan buƣday, arpa, zǝytun meyi wǝ ⱨǝsǝl ⱪatarliⱪ ozuⱪ-tülükimiz bar» — dedi. Xunga u ⱪolini yiƣip, buradǝrliri arisidin ularni ɵltürmidi.
ئىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى پادىشاھ ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشادىن قورقۇپ كولاپ ياسىغانىدى. نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل بۇ ئازگالنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. | 9 |
Ixmail ɵltürgǝn adǝmlǝrning jǝsǝtlirini taxliwǝtkǝn bu azgal bolsa, intayin qong idi; uni ǝsli padixaⱨ Asa Israil padixaⱨi Baaxadin ⱪorⱪup kolap yasiƣanidi. Nǝtaniyaning oƣli Ixmail bu azgalni jǝsǝtlǝr bilǝn toldurdi.
ئىشمائىل مىزپاھتا تۇرغان خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە مىزپاھدا قالغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى؛ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ ئاممونىيلارنىڭ قېشىغا ئۆتۈشكە يول ئالدى. | 10 |
Ixmail Mizpaⱨta turƣan hǝlⱪning ⱪaldisining ⱨǝmmisini, jümlidin ⱪarawul begi Nebuzar-Adan Aⱨikamning oƣli Gǝdaliyaƣa tapxurƣan padixaⱨning ⱪizliri wǝ Mizpaⱨda ⱪalƣan barliⱪ kixilǝrni ǝsirgǝ elip kǝtti; Nǝtaniyaning oƣli Ixmail ularni ǝsirgǝ elip Ammoniylarning ⱪexiƣa ɵtüxkǝ yol aldi.
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى ھەممە لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سادىر قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن خەۋەر تاپتى؛ | 11 |
Kareaⱨning oƣli Yoⱨanan wǝ uning ⱪexidiki ⱨǝmmǝ lǝxkǝr baxliⱪliri Nǝtaniyaning oƣli Ixmail sadir ⱪilƣan barliⱪ rǝzilliktin hǝwǝr tapti;
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلغا جەڭ قىلىشقا چىقتى؛ ئۇلار گىبېئوندىكى چوڭ كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. | 12 |
xuning bilǝn ular barliⱪ adǝmlirini elip Nǝtaniyaning oƣli Ixmailƣa jǝng ⱪilixⱪa qiⱪti; ular Gibeondiki qong kɵl boyida uning bilǝn uqraxti.
ئىشمائىلنىڭ قولىدا تۇرغان بارلىق خەلق كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولدى. | 13 |
Ixmailning ⱪolida turƣan barliⱪ hǝlⱪ Kareaⱨning oƣli Yoⱨanan ⱨǝm uning ⱨǝmraⱨliri bolƣan barliⱪ lǝxkǝr baxliⱪlirini kɵrgǝndǝ huxal boldi.
ئىشمائىل مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلق يولدىن يېنىپ، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھاناننىڭ يېنىغا كەلدى. | 14 |
Ixmail Mizpaⱨdin elip kǝtkǝn barliⱪ hǝlⱪ yoldin yenip, Kareaⱨning oƣli Yoⱨananning yeniƣa kǝldi.
لېكىن نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن يوھاناندىن قېچىپ، ئاممونىيلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. | 15 |
Lekin Nǝtaniyaning oƣli Ixmail sǝkkiz adimi bilǝn Yoⱨanandin ⱪeqip, Ammoniylar tǝripigǝ ɵtüp kǝtti.
ئاندىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېشىغا ئالدى؛ ئۇ ئۇلارنى، يەنى جەڭگىۋار لەشكەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى گىبېئوندىن ئېلىپ كەتتى. | 16 |
Andin Kareaⱨning oƣli Yoⱨanan ⱨǝm uning ⱨǝmraⱨliri bolƣan barliⱪ lǝxkǝr baxliⱪliri Nǝtaniyaning oƣli Ixmail Aⱨikamning oƣli Gǝdaliyani ɵltürgǝndin keyin Mizpaⱨdin elip kǝtkǝn hǝlⱪning ⱪaldisining ⱨǝmmisini ɵz ⱪexiƣa aldi; u ularni, yǝni jǝnggiwar lǝxkǝrlǝr, ⱪiz-ayallar, balilar wǝ orda ǝmǝldarlirini Gibeondin elip kǝtti.
ئۇلار كالدىيىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا قاراپ يول ئېلىپ بەيت-لەھەمگە يېقىن بولغان گېرۇت-قىمخامدا توختاپ تۇردى. | 17 |
Ular Kaldiyilǝrdin ɵzlirini ⱪaqurux üqün Misirƣa ⱪarap yol elip Bǝyt-Lǝⱨǝmgǝ yeⱪin bolƣan Gerut-Ⱪimhamda tohtap turdi.
سەۋەبى بولسا، ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. | 18 |
Sǝwǝbi bolsa, ular Kaldiylǝrdin ⱪorⱪatti; qünki Babil padixaⱨi zemin üstigǝ ⱨɵkümranliⱪⱪa bǝlgiligǝn Aⱨikamning oƣli Gǝdaliyani Nǝtaniyaning oƣli Ixmail ɵltürüwǝtkǝnidi.