< يەرەمىيا 41 >

ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا، 1
لە مانگی حەوت ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆی کوڕی ئەلیشاماع کە لە ڕەچەڵەکی شاهانە بوو، یەکێک بوو لە گەورە پیاوانی پاشا، لەگەڵ دە پیاو هاتنە میچپا بۆ لای گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقام. کاتێک پێکەوە نانیان دەخوارد،
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ھەم ئۇ ئېپكەلگەن ئون ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا قىلىچ چاپتى؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى بابىل پادىشاھى يەھۇدا زېمىنى ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 2
ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ لەگەڵ ئەو دە پیاوەی لەگەڵی بوون، هەستان و بە شمشێر لە گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقامی کوڕی شافانیان دا و کوشتیان، ئەوەی پاشای بابل کردبووی بە فەرمانڕەوای خاکەکە.
ئىشمائىل مىزپاھدا گەدالىياغا ھەمراھ بولغان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق كالدىي جەڭگىۋار لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 3
هەروەها ئیسماعیل هەموو ئەو جولەکانەشی کوشت کە لە میچپا لەگەڵ گەدەلیاهو بوون، هەروەها ئەو سەربازە بابلییانەشی کوشت کە لەو ناوە بوون.
شۇنداق بولدىكى، گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىگىچە ھېچكىم تېخى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپمىغانىدى، 4
لە ڕۆژی پاش کوشتنی گەدەلیاهو، بەر لەوەی کەس پێی بزانێت،
مانا شەقەم، شىلوھ ھەم سامارىيەدىن سەكسەن ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە سۇنۇشقا قولىدا ھەدىيەلەرنى ھەم خۇشبۇينى تۇتقان ھالدا كەلگەنىدى. 5
هەندێک پیاو لە شەخەم و شیلۆ و سامیرەوە هاتن، هەشتا پیاوی ڕیش تاشراو و جل دادڕاو، لەشی خۆیان بریندار کردبوو، هاتن و پێشکەشکراوی دانەوێڵە و بخووری سادەیان بەدەستەوە بوو بۆ ئەوەی بیبەنە ناو ماڵی یەزدان.
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ماڭغىنىچە يىغلىغانغا سېلىپ مىزپاھدىن چىقتى؛ ئۇلارغا: «مەرھەمەت، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىمەن» ــ دېدى. 6
ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆش لە میچپا هاتە دەرەوە تاکو پێشوازییان لێ بکات، دەڕۆیشت و دەگریا. کە پێیان گەیشت پێی گوتن: «وەرن بۆ لای گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقام.»
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىغا يەتكەندە، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى. 7
کاتێک گەیشتنە ناوەڕاستی شارەکە، ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ لەگەڵ ئەو پیاوانەی کە لەگەڵی بوون، ئەوانیان کوشت و فڕێیان دانە ناو ئەمباراوێک.
ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. 8
بەڵام دە پیاویان تێدابوو گوتیان: «مەمانکوژە، گەنم و جۆ و زەیت و هەنگوینمان هەیە و لە کێڵگەدا شاردراوەتەوە.» جا ئیسماعیل دەستی گێڕایەوە و لەگەڵ براکانیان نەیکوشتن.
ئىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى پادىشاھ ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشادىن قورقۇپ كولاپ ياسىغانىدى. نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل بۇ ئازگالنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. 9
ئەو ئەمباراوەی ئیسماعیل لاشەی هەموو ئەو پیاوانەی فڕێدا ناوی کە بەهۆی گەدەلیاهوەوە کوشتبوونی، ئەو ئەمباراوە بوو کە ئاسا پاشا بۆ بەرگری لە دژی بەعشای پاشای ئیسرائیل دروستی کردبوو، جا ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ بە کوژراوان پڕی کردەوە.
ئىشمائىل مىزپاھتا تۇرغان خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە مىزپاھدا قالغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى؛ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ ئاممونىيلارنىڭ قېشىغا ئۆتۈشكە يول ئالدى. 10
پاشان ئیسماعیل، هەموو پاشماوەی گەل کە لە میچپا بوون ڕاپێچی کردن، کچەکانی پاشا و هەموو ئەو خەڵکەی لەوێ مانەوە، ئەوانەی نەبوزەرەدانی فەرماندەی پاسەوانانی پاشا، گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقامی بە سەرپەرشتیار بەسەریانەوە دانابوو. ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ ڕاپێچی کردن و ڕۆیشت، هەتا بۆ لای عەمۆنییەکان بپەڕێتەوە.
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى ھەممە لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سادىر قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن خەۋەر تاپتى؛ 11
کاتێک یۆحانانی کوڕی قارێیەح و هەموو ئەو سەرلەشکرانەی لەگەڵی بوون، ئەو خراپانەیان بیستەوە کە ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ کردبووی،
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلغا جەڭ قىلىشقا چىقتى؛ ئۇلار گىبېئوندىكى چوڭ كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 12
هەموو پیاوەکانیان برد و چوون بۆ شەڕکردن لەگەڵ ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ، لەلای گۆمەکەی گبعۆن تووشی بوون.
ئىشمائىلنىڭ قولىدا تۇرغان بارلىق خەلق كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولدى. 13
ئەو ڕاپێچکراوانەی لەگەڵ ئیسماعیل بوون دڵشاد بوون کاتێک یۆحانانی کوڕی قارێیەحیان لەگەڵ هەموو سەرلەشکرەکان بینی کە لەگەڵی بوون،
ئىشمائىل مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلق يولدىن يېنىپ، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھاناننىڭ يېنىغا كەلدى. 14
جا هەموو ئەو گەلەی ئیسماعیل لە میچپاوە ڕاپێچی کردبوون گەڕانەوە و چوون بۆ لای یۆحانانی کوڕی قارێیەح.
لېكىن نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن يوھاناندىن قېچىپ، ئاممونىيلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. 15
بەڵام ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ، بە هەشت پیاوەوە لە یۆحانان دەرباز بوون و چوونە لای عەمۆنییەکان.
ئاندىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېشىغا ئالدى؛ ئۇ ئۇلارنى، يەنى جەڭگىۋار لەشكەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى گىبېئوندىن ئېلىپ كەتتى. 16
ئینجا یۆحانانی کوڕی قارێیەح و هەموو سەرلەشکرەکان کە لەگەڵی بوون، هەموو پاشماوەی گەلیان لە میچپا بردەوە، ئەوانەی لە ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ وەریانگرتنەوە، دوای ئەوەی ئیسماعیل گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقامی کوشتبوو، جەنگاوەرە بەتواناکان و ژن و منداڵ و کاربەدەستان بوون کە لەلای گبعۆن وەریانگرتبوونەوە.
ئۇلار كالدىيىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا قاراپ يول ئېلىپ بەيت-لەھەمگە يېقىن بولغان گېرۇت-قىمخامدا توختاپ تۇردى. 17
جا چوون و لە گێروت کیمهام، ئەوەی لەتەنیشت بێت‌لەحمە، نیشتەجێ بوون، بۆ ئەوەی بڕۆن و بچنە ناو میسرەوە،
سەۋەبى بولسا، ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. 18
دوور لە بابلییەکان. لێیان دەترسان لەبەر ئەوەی ئیسماعیلی کوڕی نەتەنیاهۆ، گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقامی کوشتبوو، ئەوەی پاشای بابل کردبووی بە فەرمانڕەوای خاکەکە.

< يەرەمىيا 41 >