< يەرەمىيا 40 >
قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ چاغدا نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلماقچى ئىدى؛ يەرەمىيامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا ئېلىپ مېڭىلغانىدى. | 1 |
Реч која дође Јеремији од Господа кад га Невузардан заповедник стражарски пусти из Раме узевши га пошто беше окован у вериге међу свим робљем јерусалимским и Јудиним, које се вођаше у Вавилон.
قاراۋۇل بېگى يەرەمىيانى بىر چەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ | 2 |
И узевши заповедник стражарски Јеремију рече му: Господ Бог твој изрече ово зло за ово место;
مانا، پەرۋەردىگار ئۆز دېگىنى بويىچە شۇنداق قىلىپ ئۇنى كەلتۈردى؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۇ ئىش بېشىڭلارغا چۈشتى. | 3 |
И нанесе и учини како рече, јер згрешисте Господу и не слушасте глас Његов, зато вас снађе ово.
لېكىن مەن قولۇڭنى ئىشكەللەنگەن زەنجىرلەردىن يېشىپ سېنى قويۇۋېتىمەن؛ مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىش ساڭا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قېنى كەل، مەن سەندىن خەۋەر ئالىمەن؛ ئەمما مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىساڭ، كېرەك يوق. مانا، پۈتكۈل زېمىن ئالدىڭدا تۇرىدۇ؛ قەيەرگە بېرىش ساڭا لايىق، دۇرۇس كۆرۈنسە شۇ يەرگە بارغىن». | 4 |
Али сада, ево, ја те опраштам данас верига што су ти на рукама; ако ти је воља поћи са мном у Вавилон, ходи, ја ћу се бринути за те; ако ли ти није воља поћи са мном у Вавилон, а ти немој; ево, сва ти је земља отворена, иди куда год хоћеш и куда ти је драго.
يەرەمىيا تېخى يېنىدىن ماڭماي تۇرۇپ، نېبۇزار-ئادان ئۇنىڭغا: «بولدى، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا قايت؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدادىكى شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەن؛ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋەر، ياكى ھەرقانداق باشقا يەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە بارغىن» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇل بېگى ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ھەمدە بىر سوۋغات بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتتى. | 5 |
Или кад се он још не враћа, отиди к њему, Годолији сину Ахикама, сина Сафановог, ког је поставио цар вавилонски над градовима Јудиним, и остани с њим међу народом, или иди куда ти је драго. И даде му заповедник стражарски брашњенице и дар, и отпусти га.
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىگە، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى. | 6 |
И тако дође Јеремија ка Годолији, сину Ахикамовом у Миспу, и оста с њим у народу, који још оста у земљи.
دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا بابىلغا سۈرگۈن بولمىغان زېمىندىكى يوقسۇل ئەر-ئاياللار بالا-چاقىلىرى بىلەن تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى؛ | 7 |
А све војводе што беху у пољу и људи њихови кад чуше да је цар вавилонски поставио Годолију, сина Ахикамовог, над земљом, и да је на њему оставио људе и жене и децу између сиромашног народа у земљи, који не би одведен у Вавилон,
شۇنىڭ بىلەن بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلىرى بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغۇللىرى يوھانان ھەم يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا، نەتوفاتلىق ئەفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا ئىدى. | 8 |
Дођоше у Миспу ка Годолији Исмаило син Нетанијин и Јоанан и Јонатан синови Каријини, и Сераја син Тануметов и синови Јофије Нетофаћанина, и Језанија син неког Махаћанина, они и људи њихови.
شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. | 9 |
И закле се Годолија син Ахикама сина Сафановог њима и људима њиховим говорећи: Не бојте се службе Халдејцима; останите у земљи, и служите цару вавилонском, и добро ће вам бити.
مەن بولسام كالدىيلەر زېمىنغا كەلگەندە [سىلەرگە] ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن مىزپاھ شەھىرىدە تۇرىمەن؛ سىلەر بولساڭلار، شاراب، ئەنجۈر-خورمىلار ۋە زەيتۇن مېيى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كۈپ-ئىدىشىڭلارغا قويۇڭلار، ئۆزۈڭلار تۇتقان شەھەرلەردە تۇرىۋېرىڭلار» ــ دەپ قەسەم ئىچتى. | 10 |
А ја ево ћу стајати у Миспи да дочекујем Халдејце који ће долазити к нама; а ви берите винограде и воће и уље, и остављајте у судове своје, и стојте у градовима својим које држите.
ئوخشاشلا موئابدا، ئاممونىيلار ئارىسىدا، ئېدومدا ھەم باشقا ھەربىر يۇرتلاردا تۇرغان يەھۇدىيلارمۇ بابىل پادىشاھى يەھۇدادا خەلقنىڭ بىر قالدىسىنى قالدۇرغان ۋە ئۇلار ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى بەلگىلىگەن دەپ ئاڭلىدى؛ | 11 |
Тако и сви Јудејци, који беху међу Моавцима и синовима Амоновим и Едомцима и по свим земљама, чувши да је цар вавилонски оставио остатак у Јудеји и поставио над њима Годолију сина Ахикама сина Сафановог,
شۇنىڭ بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار ھەيدەپ تارقىتىۋېتىلگەن ھەممە جاي-يۇرتلاردىن قايتىپ، يەھۇدا زېمىنىغا، مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار شاراب، ئەنجۈر-خورمىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كەڭرىچىلىكتە ئالدى. | 12 |
Вратише се сви Јудејци из свих места куда беху разагнани, и дођоше у земљу Јудину ка Годолији у Миспу, и набраше вина и воћа врло много.
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە دالادا قالغان لەشكەرلەرنىڭ بارلىق باشلىقلىرى مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: | 13 |
А Јоанан, син Каријин и све војводе што беху у пољу дођоше ка Годолији у Миспу,
«سەن ئاممونىيلار پادىشاھى بائالىس نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېيىشتى. لېكىن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. | 14 |
И рекоше му: Знаш ли да је Валис цар синова Амонових послао Исмаила сина Нетанијиног да те убије? Али им не поверова Годолија, син Ахикамов.
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان مىزپاھدا گەدالىياغا ئاستىرتىن سۆز قىلىپ: «ماڭا رۇخسەت قىلغايسەن، باشقىلار ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇچە مەن بېرىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى ئۆلتۈرەي؛ ھېچكىم بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىڭغا يىغىلغان يەھۇدادىكىلەرنىڭ ھەممىسى تارقىتىۋېتىلىپ، يەھۇدانىڭ قالدىسى يوقىتىۋېتىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ ــ دېدى. | 15 |
Тада Јоанан, син Каријин, рече Годолији насамо у Миспи говорећи: Идем да убијем Исмаила сина Нетанијиног, нико неће дознати. Зашто да те убије и да се расеју сви Јудејци који су се скупили око тебе и да пропадне остатак Јудин?
بىراق گەدالىيا كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانانغا: «سەن ئۇنداق قىلما؛ چۈنكى سەن ئىشمائىل توغرۇلۇق يالغان ئېيتىۋاتىسەن» ــ دېدى. | 16 |
Али Годолија, син Ахикамов, рече Јоанану сину Каријином: Немој то чинити, јер није истина шта кажеш за Исмаила.