< يەرەمىيا 4 >
ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ، | 1 |
Ако ћеш се вратити, Израиљу, вели Господ, к мени се врати, и ако уклониш гадове своје испред мене, нећеш се скитати.
ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ. | 2 |
И клећеш се истинито, верно и право: Тако да је жив Господ. И народи ће се благосиљати Њим, и Њим ће се хвалити.
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار! | 3 |
Јер овако вели Господ Јудејцима и Јерусалимљанима: орите себи крчевину, и не сејте у трње.
ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. | 4 |
Обрежите се Господу, и скините окрајак са срца свог, Јудејци и Јерусалимљани, да не изиђе јарост моја као огањ и разгори се да не буде никога ко би угасио за зла дела ваша.
ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار! | 5 |
Објавите у Јудеји и огласите у Јерусалиму и реците: трубите у трубу по земљи; вичите, сазовите народ и реците: Скупите се, и уђимо у тврде градове.
زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن. | 6 |
Подигните заставу према Сиону, бежите и не стајте, јер ћу довести зло од севера и погибао велику.
شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ. | 7 |
Излази лав из честе своје и који затире народе кренувши се иде с места свог да обрати земљу твоју у пустош, градови твоји да се раскопају да не буде никога у њима.
بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى! | 8 |
За то припашите кострет, плачите и ридајте, јер се жестоки гнев Господњи није одвратио од нас.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ. | 9 |
И тада ће, вели Господ, нестати срца цару и срца кнезовима, и свештеници ће се удивити и пророци ће се зачудити.
ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم. | 10 |
И рекох: Ах Господе Господе! Баш си преварио овај народ и Јерусалим говорећи: Имаћете мир, а мач дође до душе.
ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! | 11 |
У то ће се време казати овом народу и Јерусалиму: Ветар врућ с високих места у пустињи дува ка кћери народа мог, не да провеје ни прочисти.
ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن. | 12 |
Ветар јачи од тих доћи ће ми; и ја ћу им сада изрећи суд.
مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!» | 13 |
Гле, као облак подиже се, и кола су му као вихор, коњи су му бржи од орлова. Тешко нама! Пропадосмо.
ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟ | 14 |
Умиј срце своје од зла, Јерусалиме, да би се избавио; докле ће стајати у теби мисли твоје ништаве?
چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ | 15 |
Јер глас јавља од Дана, и оглашује зло од горе Јефремове.
ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ. | 16 |
Казујте народима; ево оглашујте за Јерусалим да иду стражари из далеке земље, и пуштају глас свој на градове Јудине.
ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
Као чувари пољски стаће око њега, јер се одметну од мене, вели Господ.
سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!». | 18 |
Пут твој и дела твоја то ти учинише; то је од зла твог да је горко и да ти допире до срца.
ــ [مەن]: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى. | 19 |
Јаох утроба, јаох утроба! Боли ме у срцу; срце ми бије; не могу ћутати; јер глас трубни чујеш, душо моја, вику убојну.
ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى! | 20 |
Погибао на погибао оглашује се; јер се пустоши сва земља, наједанпут ће се опустошити моји шатори, завеси моји за час.
قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ [دېدىم]. | 21 |
Докле ћу гледати заставу? Слушати глас трубни?
ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر». | 22 |
Јер је народ мој безуман, не познаје ме, луди су синови и без разума, мудри су да зло чине, а добро чинити не умију.
ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛ | 23 |
Погледах на земљу, а гле, без обличја је и пуста; и на небо, а светлости његове нема.
تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى. | 24 |
Погледах на горе, а гле, тресу се и сви хумови дрмају се.
قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. | 25 |
Погледах, а гле, нема човека, и све птице небеске одлетеле.
مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى. | 26 |
Погледах, а гле, Кармил је пустиња и сви градови његови оборени од Господа, од жестоког гнева Његовог.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن. | 27 |
Јер овако говори Господ: Сва ће земља опустети; али нећу сасвим затрти.
بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛ | 28 |
Зато ће тужити земља, и небо ће горе потамнети, јер рекох, намислих, и нећу се раскајати, нити ћу ударити натраг.
ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. | 29 |
Од вике коњика и стрелаца побећи ће сви градови, отићи ће у густе шуме и на стене ће се попети; сви ће градови бити остављени и нико неће у њима живети.
ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ. | 30 |
А ти, опустошена, шта ћеш чинити? Ако се и облачиш у скерлет, ако се и китиш накитом златним, и мажеш лице своје, залуду се красиш, презиру те милосници, траже душу твоју.
چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا. | 31 |
Јер чујем глас као породиљин, цвиљење као жене која се први пут порађа, глас кћери сионске, која рида, пружа руке своје говорећи: Тешко мени! Јер ми нестаје душа од убилаца.