< يەرەمىيا 39 >
يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغاندا تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئايدا، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ۋە بارلىق قوشۇنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كېلىپ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ | 1 |
शाह — ए — यहूदाह सिदक़ियाह के नवें बरस के दसवें महीने में, शाह — ए — बाबुल नबूकदनज़र अपनी तमाम फ़ौज लेकर येरूशलेम पर चढ़ आया और उसका घिराव किया।
زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە، ئۇلار شەھەر سېپىلىدىن بۆسۈپ كىردى. | 2 |
सिदक़ियाह के ग्यारहवें बरस के चौथे महीने की नवीं तारीख़ को शहर — की — फ़सील में रख़ना हो गया;
شۇنىڭ بىلەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى، يەنى سامگارلىق نەرگال-شارەزەر، باش خەزىنىچى نېبۇ-سارسېقىم، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھلىقىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى كىرىپ «ئوتتۇرا دەرۋازا»دا ئولتۇردى. | 3 |
और शाह — ए — बाबुल के सब सरदार या'नी नेयिरीगल सराज़र, समगर नबू, सरसकीम, ख़्वाजासराओ का सरदार नेयिरीगल सराज़र मजूसियों का सरदार और शाह — ए — बाबुल के बाक़ी सरदार दाख़िल हुए और बीच के फाटक पर बैठे।
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ باغچىسى ئارقىلىق، «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن چىقىپ [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»گە قاراپ قېچىشتى. | 4 |
और शाह — ए — यहूदाह सिदक़ियाह और सब जंगी मर्द उनको देख कर भागे, और दोनों दीवारों के बीच जो फाटक शाही बाग़ के बराबर था, उससे वह रात ही रात भाग निकले और वीराने की राह ली।
كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشىپ ئۇنى قولغا ئېلىپ خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. | 5 |
लेकिन कसदियों की फ़ौज ने उनका पीछा किया और यरीहू के मैदान में सिदक़ियाह को जा लिया, और उसको पकड़ कर रिब्ला में शाह — ए — बाबुल नबूकदनज़र के पास हमात के 'इलाक़े में ले गए; और उसने उस पर फ़तवा दिया।
بابىل پادىشاھى رىبلاھ شەھىرىدە زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى يەھۇدادىكى بارلىق مۆتىۋەرلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 6 |
और शाह — ए — बाबुल ने सिदक़ियाह के बेटों को रिब्ला में उसकी ऑखों के सामने ज़बह किया, और यहूदाह के सब शुरफ़ा को भी क़त्ल किया।
ئۇ زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ، ئۇنى بابىلغا ئاپىرىش ئۈچۈن مىس كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قويدى. | 7 |
और उसने सिदक़ियाह की आँखें निकाल डालीं और बाबुल को ले जाने के लिए उसे ज़ंजीरों से जकड़ा।
كالدىيلەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى كۆمۈرۈپ تاشلىدى. | 8 |
और कसदियों ने शाही महल को और लोगों के घरों को आग से जला दिया, और येरूशलेम की फ़सील को गिरा दिया।
شاھانە قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان شەھەردە قېلىپ قالغان باشقا خەلقنى، ئۆزىگە تەسلىم بولۇپ چىققانلارنى، يەنى قالغان خەلقنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. | 9 |
इसके बाद जिलौदारों का सरदार नबूज़रादान बाक़ी लोगों को, जो शहर में रह गए थे और उनको जो उसकी तरफ़ होकर उसके पास भाग आए थे, या'नी क़ौम के सब बाक़ी लोगों को ग़ुलाम करके बाबुल को ले गया।
ھالبۇكى، قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدا زېمىنىدا ھېچ تەۋەلىكى بولمىغان بەزى نامراتلارنى قالدۇردى؛ شۇ چاغدا ئۇ ئۇلارغا ئۈزۈمزارلار ۋە ئېتىزلارنى تەقسىملەپ بەردى. | 10 |
लेकिन क़ौम के ग़रीबों को जिनके पास कुछ न था, जिलौदारों के सरदार नबूज़रादान ने यहूदाह के मुल्क में रहने दिया और उसी वक़्त उनको ताकिस्तान और खेत बख़्शे।
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەرەمىيا توغرۇلۇق قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق: «ئۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئال؛ ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزمە؛ ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى ئۇنىڭغا قىلىپ بەر» ــ دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى. | 11 |
और शाह — ए — बाबुल नबूकदनज़र ने यरमियाह के बारे में जिलौदारों के सरदार नबूज़रादान को ताकीद करके यूँ कहा,
कि “उसे लेकर उस पर ख़ूब निगाह रख, और उसे कुछ दुख न दे, बल्कि तू उससे वही कर जो वह तुझे कहे।”
شۇڭا قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان، شۇنداقلا باش خەزىنىچى نېبۇشازبان، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا باش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋەتىپ | 13 |
तब जिलौदारों के सरदार नबूज़रादान, नाबूशज़बान ख़्वाजासराओं के सरदार, और नेयिरिगल सराज़र, मजूसियों के सरदार, और बाबुल के सब सरदारों ने आदमी भेजकर
يەرەمىيانى «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دىن ئېلىپ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغۇزدى. لېكىن يەرەمىيا پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى. | 14 |
यरमियाह को क़ैदख़ाने के सहन से निकलवा लिया, और जिदलियाह — बिन — अख़ीक़ाम — बिन — साफ़न के सुपुर्द किया कि उसे घर ले जाए। इसलिए वह लोगों के साथ रहने लगा।
يەرەمىيا «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: ــ | 15 |
और जब यरमियाह क़ैदख़ाने के सहन में बन्द था, ख़ुदावन्द का यह कलाम उस पर नाज़िल हुआ:
بارغىن، ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دېگىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى مۇشۇ شەھەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن؛ شۇ كۈنى بۇ ئىشلار ئۆز كۆزۈڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ. | 16 |
कि “जा, 'अब्द मलिक कूशी से कह, 'रब्ब — उल — अफ़वाज, इस्राईल का ख़ुदा, यूँ फ़रमाता है कि: देख, मैं अपनी बातें इस शहर की भलाई कि लिए नहीं, बल्कि ख़राबी के लिए पूरी करूँगा; और वह उस रोज़ तेरे सामने पूरी होंगी।
لېكىن شۇ كۈنى مەن سېنى قۇتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ سەن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايسەن؛ | 17 |
लेकिन उस दिन मैं तुझे रिहाई दुँगा, ख़ुदावन्द फ़रमाता है, और तू उन लोगों के हवाले न किया जाएगा जिनसे तू डरता है।
چۈنكى مەن چوقۇم سېنى قۇتقۇزىمەن؛ سەن قىلىچلانمايسەن، بەلكى ئۆز جېنىڭ ئۆزۈڭگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا تايىنىپ كەلگەنسەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». | 18 |
क्यूँकि मैं तुझे ज़रूर बचाऊँगा और तू तलवार से मारा न जाएगा, बल्कि तेरी जान तेरे लिए ग़नीमत होगी; इसलिए कि तूने मुझ पर भरोसा किया, ख़ुदावन्द फ़रमाता है।”