< يەرەمىيا 37 >
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى يەھۇدانىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيانىڭ ئورنىغا ھۆكۈم سۈرىدى. | 1 |
雅的兒子漆德克雅繼約雅金的兒子耶苛尼雅為王,巴比倫王拿步高立他為王統治猶大地。
ئۇ، ياكى خىزمەتكارلىرى، ياكى زېمىندىكى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىگە ھېچ قۇلاق سالمىدى. | 2 |
他和他的臣僕及本地人民,都沒有聽從上主藉耶肋米亞先知所說的話。
پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى | 3 |
漆德克雅王派舍肋米亞的兒子猶加耳,和司祭瑪阿雅的兒子責法尼雅到耶肋米亞先知那裏說:「請你為我們轉求上主,我們的天主! 」
(شۇ چاغدا يەرەمىيا زىنداندا قاماقلىق ئەمەس ئىدى؛ ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ-كىرىشكە ئەركىن ئىدى. | 4 |
那時,耶肋米亞尚出入於民間,人還沒有將他放在監獄裏。
پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى). | 5 |
法郎軍隊忽由埃及出發,圍攻耶路撒冷的加色丁人一聽見他們出動的消息,就由耶路撒冷撤退了。
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ | 6 |
此時上主有話傳給耶肋米亞先知說:
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى ماڭا ئىلتىجا قىلدۇرۇپ ئىزدەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدا پادىشاھىغا مۇنداق دەڭلار: ــ مانا، سىلەرگە ياردەم بېرىمىز دەپ چىقىپ كەلگەن پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولسا، ئۆز زېمىنىغا، يەنى مىسىرغا قايتىپ كېتىدۇ. | 7 |
「上主,以色列的天主這樣說:你們應這樣回答派你們前來求間我的猶大君王說:看,出發前來援助你們的法郎軍隊,仍要回到自己的本地埃及去。
ئاندىن كالدىيلەر بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ، ئۇنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. | 8 |
至於加色丁人仍要捲土重來,進攻這座城市;且要攻下,放火燒城。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ: «كالدىيلەر بىزدىن چېكىنىپ كەتكەن» ــ دېمەڭلار؛ ئۇلار كەتكەن ئەمەس! | 9 |
上主這樣說:你們不要自欺說:加色丁人已離我們遠去! 真實,他們並沒有遠去。
چۈنكى گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلارغا جەڭ قىلىدىغان كالدىيلەرنىڭ تولۇق قوشۇنىنى ئۇرۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ ۋە ئۇلارنىڭكىدىن پەقەت يارىلانغانلارلا قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنىلا ئۆز چېدىرىدىن تۇرۇپ بۇ شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى. | 10 |
縱使你們能擊敗與你們交戰的加色丁人所有的軍隊,使他們中只剩下一些受傷的人,他們仍要由帳中奮起,放火燒盡這座城市。
پىرەۋننىڭ قوشۇنى تۈپەيلىدىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا، شۇ ۋەقە يۈز بەردى: ــ | 11 |
加色丁人的軍隊受法郎軍隊的威脅,由耶路撒冷撤退時,
يەرەمىيا بىنيامىندىكى زېمىنغا يول ئېلىپ، شۇ يەردىكى يۇرتداشلىرى ئارىسىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىن چىققاندا، | 12 |
耶肋米亞離開耶路撒冷,到本篤地去,要在那裏由自己的親族間分得一份產業。
ئۇ «بىنيامىن دەرۋازىسى»غا يەتكەندە، ھانانىيانىڭ نەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئوغلى كۆزەت بېگى ئىرىيا شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇ: «سەن كالدىيلەرگە چېكىنىپ تەسلىم بولماقچىسەن!» دەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. | 13 |
當他到了本雅明門時,那裏有一個站崗的人,名叫依黎雅,是舍肋米亞的兒子,哈納尼雅的孫子,捉住耶肋米亞先知說:「你想去投降加色丁人! 」
يەرەمىيا: «يالغان! مەن كالدىيلەر تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولماقچى ئەمەسمەن!» ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئىرىيا يەرەمىيانى قولغا ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەر ئالدىغا ئاپاردى. | 14 |
耶肋米亞答說:「冤枉! 我不是去投降加色人丁」。依黎雅不聽他說,就捉住耶肋米亞,帶他去見首長。
ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى قاماقخانىغا سولىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ ئۆينى زىندانغا ئايلاندۇرغانىدى. | 15 |
首長們遂發怒,將耶肋米亞鞭打了,幽禁在書記家的監牢裏,因為他們早已把他的家改成了監獄。
يەرەمىيا زىنداندىكى بىر گۇندىخانىغا قامىلىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر ياتقاندىن كېيىن، | 16 |
於是耶肋米亞走一穹形的地窖內,在那裏住了多日。
زەدەكىيا پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شۇ يەردىن ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاستىرتىن ئۇنىڭدىن: «پەرۋەردىگاردىن سۆز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. يەرەمىيا: «بار؛ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن» ــ دېدى. | 17 |
此後,漆德克雅王派人提他出來,在自己的宮殿私下問他說:「上主有什麼話沒有﹖」耶肋米亞答說:「有」。接著說:「你必被交在巴比倫王手中」。
يەرەمىيا زەدەكىيا پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ «مەن ساڭا ياكى خىزمەتكارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە گۇناھ قىلغىنىمغا، بۇ زىندانغا قاماپ قويدۇڭلار؟ | 18 |
此外,耶肋米亞還問漆德克雅王說:「我在什麼事上得罪了你和你的臣僕,以及這些人民,你們竟將我放在監裏﹖
سىلەرگە بېشارەت بېرىپ: «بابىل پادىشاھى ساڭا ياكى بۇ زېمىنغا جەڭ قىلىشقا چىقمايدۇ!» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار قېنى؟» ــ دېدى | 19 |
你們那些曾向你們預言說:巴比倫王不會來攻打你們和這地方的先知,現在在哪裏!
ــ «ئەمدى ئى پادىشاھ تەقسىر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن؛ ئىلتىجايىم ئالدىڭدا ئىجابەت بولسۇن، دەپ ئۆتۈنىمەن؛ دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىگە مېنى قايتقۇزمىغايسەن؛ سەن ئۇنداق قىلساڭ، شۇ يەردە ئۆلىمەن». | 20 |
如今,我主君王,請聽!願你開恩允許我的祈求,不要叫我再回到書記約納堂家裡去,免得我死在那裡!」
زەدەكىيا پادىشاھ پەرمان چۈشۈرۈپ، يەرەمىيانى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇرغۇزۇشنى، شۇنىڭدەك شەھەردىكى ھەممە نان تۈگەپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭغا ھەركۈنى «ناۋاي كوچىسى»دىن بىر نان بېرىلىشنى تاپىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. | 21 |
於是漆德克雅王下令,將耶肋米亞囚禁在監獄的庭院裏,每日由麵包房取一份食物給他,直到城中糧食用盡。從此耶肋米亞o主在拘留所內的庭院裏。