< يەرەمىيا 36 >
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى سۆز كەلدى: ــ | 1 |
Yudahene Yosia babarima Yehoiakim afe a ɛtɔ so ɛnan mu, saa asɛm yi firi Awurade nkyɛn baa Yeremia hɔ,
ئۆزۈڭگە ئورام قەغەز ئالغىن؛ ئۇنىڭغا يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە ساڭا سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەن ئىسرائىلنى ئەيىبلىگەن، يەھۇدانى ئەيىبلىگەن ھەم بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن، ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغىن. | 2 |
“Fa nwoma mmobɔeɛ, na twerɛ nsɛm a maka akyerɛ wo fa Israel, Yuda ne aman a aka no ho nyinaa, ɛfiri ɛberɛ a mefirii aseɛ kasa kyerɛɛ wo wɔ Yosia adedie berɛ so bɛsi ɛnnɛ gu so.
يەھۇدانىڭ جەمەتى بەلكىم مەن بېشىغا چۈشۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتنى ئاڭلاپ، ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. | 3 |
Ebia, sɛ Yudafoɔ te amanehunu biara a mayɛ mʼadwene sɛ mede bɛba wɔn so a, wɔn mu biara bɛdane afiri nʼamumuyɛ ho na afei mede wɔn amumuyɛ ne wɔn bɔne bɛkyɛ wɔn.”
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى چاقىردى؛ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئورام قەغەزگە يېزىپ بەردى. | 4 |
Enti, Yeremia frɛɛ Neria babarima Baruk, na ɛberɛ a ɔreka nsɛm a Awurade aka akyerɛ no nyinaa no, Baruk twerɛ guu nwoma mmobɔeɛ no mu.
يەرەمىيا بارۇققا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ ئۆزۈم قاماپ قويۇلغانمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە رۇخسەت يوق؛ لېكىن ئۆزۈڭ بېرىپ كىرگىن؛ | 5 |
Afei, Yeremia ka kyerɛɛ Baruk sɛ, “Meda dua mu; merentumi nkɔ Awurade asɔredan mu.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە روزا تۇتقان بىر كۈنىدە، سەن ئاغزىمدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ يازغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن؛ ھەممە شەھەرلەردىن كەلگەن يەھۇدادىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزگىن. | 6 |
Enti, kɔ Awurade efie mmuadadie da bi na kenkan nsɛm a ɛfiri Awurade nkyɛn a meka ma wotwerɛ guu nwoma mmobɔeɛ no so no kyerɛ nnipa no. Kenkan kyerɛ Yudafoɔ a wɔfiri wɔn nkuro so aba no.
ئۇلار بەلكىم پەرۋەردىگار ئالدىغا دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلققە ئاگاھلاندۇرغان غەزىپى ۋە قەھرى دەھشەتلىكتۇر. | 7 |
Ebia wɔde wɔn nkotosrɛ bɛba Awurade anim na wɔn mu biara adane afiri nʼamumuyɛ akwan ho, ɛfiri sɛ abufuo ne abufuhyeɛ nsɛm a Awurade aka atia saa nnipa yi so.”
نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ جاكارلىدى. | 8 |
Neria babarima Baruk yɛɛ biribiara a odiyifoɔ Yeremia kyerɛɛ no sɛ ɔnyɛ no, ɔkenkanee Awurade nsɛm a ɛwɔ nwoma mmobɔeɛ no mu wɔ Awurade asɔredan no mu.
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان بەشىنچى يىلى توققۇزىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ھەمدە يەھۇدا شەھەرلىرىدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا كەلگەن بارلىق خەلق ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر مەزگىل روزا تۇتۇشىمىز كېرەك دەپ ئېلان قىلىندى. | 9 |
Ɔbosome a ɛtɔ so nkron wɔ Yudahene Yosia babarima Yehoiakim adedie afe a ɛtɔ so enum so no, wɔpaee Awurade anim mmuadadie maa nnipa a wɔwɔ Yerusalem nyinaa ne wɔn a wɔfiri Yuda nkuro so aba no.
شۇ ۋاقىت بارۇق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى؛ بۇ ئۆي پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى ھويلىسىدىكى «يېڭى دەرۋازا»غا جايلاشقانىدى. | 10 |
Baruk kenkanee Yeremia nsɛm a ɛwɔ nwoma mmobɔeɛ no mu kyerɛɛ nnipa a wɔwɔ Awurade asɔredan no mu nyinaa; firii Safan babarima Gemaria a ɔyɛ ɔtwerɛfoɔ no pia a ɛwɔ asɔredan no atifi adihɔ na ɛbɛn Ɔpono Foforɔ no mu.
شافاننىڭ نەۋرىسى، گەمارىيانىڭ ئوغلى مىكاھ بولسا يازمىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالدى. | 11 |
Ɛberɛ a Safan babarima Gemaria babarima Mikaia tee Awurade nsɛm a ɛwɔ nwoma mmobɔeɛ no mu no,
ئاندىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ پۈتۈكچىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، مانا، ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئولتۇراتتى؛ پۈتۈكچى ئەلىشاما، شېمايانىڭ ئوغلى دېلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيا ۋە ھانانىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيا قاتارلىق بارلىق ئەمىرلەر شۇ يەردە ئولتۇراتتى. | 12 |
ɔkɔɔ ɔtwerɛfoɔ no dan a ɛwɔ ahemfie hɔ no mu, baabi a na ɔtwerɛfoɔ Elisama, Semaia babarima Delaia, Akbor babarima Elnatan, Safan babarima Gemaria, Hanania babarima Sedekia ne adwumayɛfoɔ a wɔaka no nyinaa teteɛ.
شۇنىڭ بىلەن مىكاھ بارۇقنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغان بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارغا بايان قىلدى. | 13 |
Mikaia kaa nsɛm a Baruk kenkanee firii nwoma mmobɔeɛ no mu nyinaa kyerɛɛ wɔn no akyi,
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمىرلەر كۇشىنىڭ چەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىينى بارۇقنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «سەن خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان ئورام يازمىنى قولۇڭغا ئېلىپ يېنىمىزغا كەل» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. | 14 |
adwumayɛfoɔ no nyinaa somaa Kusi babarima Selemia babarima Netania babarima Yehudi sɛ ɔnkɔka nkyerɛ Baruk sɛ, “Fa nwoma mmobɔeɛ a wokenkane firii mu kyerɛɛ nnipa no bra, na bra.” Enti Neria babarima Baruk kɔɔ wɔn hɔ a nwoma mmobɔeɛ no kura no.
ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئولتۇر، ئۇنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ بەر» ــ دېدى. بارۇق ئۇنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ ئوقۇدى. | 15 |
Wɔka kyerɛɛ no sɛ, “Yɛsrɛ wo tena ase, na kenkan kyerɛ yɛn.” Enti Baruk kenkan kyerɛɛ wɔn.
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ: «بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ» ــ دېدى. | 16 |
Wɔtee saa nsɛm yi nyinaa no, wɔde ehu hwehwɛɛ wɔn ho wɔn ho anim na wɔka kyerɛɛ Baruk sɛ, “Ɛsɛ sɛ yɛka saa nsɛm yi nyinaa kyerɛ ɔhene.”
ئاندىن بارۇقتىن: «بىزگە دېگىن ئەمدى، سەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق يازدىڭ؟ ئۇلارنى يەرەمىيانىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. | 17 |
Afei, wɔbisaa Baruk sɛ, “Ka kyerɛ yɛn, ɛyɛɛ dɛn na wotwerɛɛ yeinom nyinaa? Yeremia na ɔka ma wotwerɛeɛ anaa?”
بارۇق ئۇلارغا: «ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ئېيتتى، مەن ئورام قەغەزگە سىياھ بىلەن يازدىم» ــ دېدى. | 18 |
Baruk buaa sɛ, “Aane, ɔno na ɔkaa saa nsɛm yi nyinaa ma mede adubiri twerɛ guu nwoma mmobɔeɛ no mu.”
ئەمىرلەر بارۇققا: «بارغىن، سەن ۋە يەرەمىيا مۆكۈۋېلىڭلار. قەيەردە بولساڭلار ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار» ــ دېدى. | 19 |
Na adwumayɛfoɔ no ka kyerɛɛ Baruk sɛ, “Wo ne Yeremia, monkɔhinta. Monnkyerɛ obiara mo akyiri ɛkwan.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورام يازمىنى پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. | 20 |
Wɔde nwoma mmobɔeɛ no kɔsiee ɔtwerɛfoɔ Elisama dan mu akyi no, wɔkɔɔ ɔhene no nkyɛn wɔ nʼabannwa no mu kɔkaa biribiara kyerɛɛ no.
پادىشاھ يەھۇدىينى يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئۇ ئۇنى ئەلىشامانىڭ ئۆيىدىن ئېپكەلدى. يەھۇدىي ئۇنى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ۋە پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى. | 21 |
Ɔhene no somaa Yehudi sɛ, ɔnkɔfa nwoma mmobɔeɛ no mmra. Yehudi kɔfa firii ɔtwerɛfoɔ Elisama dan mu, bɛkenkan kyerɛɛ ɔhene ne adwumayɛfoɔ a wɔgyinagyina ne ho no nyinaa.
شۇ چاغ توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، پادىشاھ «قىشلىق ئۆي»ىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت قالاقلىق ئىدى. | 22 |
Na ɛyɛ ɔbosome a ɛtɔ so nkron a na ɔhene no te awɔberɛ dan mu reto ogya a ɛsi nʼanim.
شۇنداق بولدىكى، يەھۇدىي ئۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت سەھىپىنى ئوقۇغاندا، پادىشاھ قەلەمتىراشى بىلەن بۇ قىسمىنى كېسىپ، يازمىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئوتتا كۆيۈپ يوقىغۇچە ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىدى. | 23 |
Ɛberɛ biara a Yehudi bɛkenkan nwoma mmobɔeɛ no afaafa bɛyɛ mmiɛnsa anaa ɛnan no, ɔhene no de ɔtwerɛfoɔ sekan, twitwa de gu ogya no mu, kɔsii sɛ nwoma mmobɔeɛ no nyinaa hyeeɛ.
لېكىن بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياكى خىزمەتكارلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قورقمىدى، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقانلار يوق ئىدى. | 24 |
Ɔhene no ne nʼasomfoɔ a wɔtee saa nsɛm yi nyinaa no ammɔ hu, na wɔansunsuane wɔn ntadeɛ mu nso.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلناتان، دېلايا ۋە گەمارىيالار پادىشاھتىن ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكىنى ئۆتۈنگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. | 25 |
Ɛwom sɛ Elnatan, Delaia ne Gemaria srɛɛ ɔhene no sɛ ɔnnhye nwoma mmobɔeɛ no, nanso wantie wɔn.
پادىشاھ بولسا شاھزادە يېراھمەئەل، ئازرىئەلنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە ئابدەئەلنىڭ ئوغلى شەلەمىيانى پۈتۈكچى بارۇقنى ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قولغا ئېلىشقا ئەۋەتتى؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ ساقلىدى. | 26 |
Mmom ɔhene no hyɛɛ ne babarima Yerahmeel, Asriel babarima Seraia ne Abdeel babarima Selemia sɛ, wɔnkɔkye ɔtwerɛfoɔ Baruk ne odiyifoɔ Yeremia mmra. Nanso, na Awurade de wɔn asie.
پادىشاھ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يازغان سۆزلەرنى خاتىرىلىگەن ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 27 |
Ɔhene no hyee nwoma mmobɔeɛ a na nsɛm a Baruk twerɛ firii Yeremia anom wɔ mu no akyi no, Awurade asɛm baa Yeremia nkyɛn sɛ,
يەنە بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم كۆيدۈرۈۋەتكەن بىرىنچى ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن بارلىق سۆزلەرنى يازغىن. | 28 |
“Fa nwoma mmobɔeɛ foforɔ, na twerɛ nsɛm a ɛwɔ kane mmobɔeɛ a Yudahene Yehoiakim hyeeɛ no gu mu.
ۋە يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن بۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ ۋە مېنىڭ توغرۇلۇق: سەن بۇنىڭغا: «بابىل پادىشاھى چوقۇم كېلىپ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىنساننى ھەم ھايۋاننى يوقىتىدۇ» ــ دەپ يېزىشقا قانداقمۇ پېتىندىڭ؟» ــ دېدىڭ. | 29 |
Afei, ka kyerɛ Yudahene Yehoiakim sɛ, ‘Yei ne deɛ Awurade seɛ: Wohyee nwoma mmobɔeɛ no kaa sɛ: “Adɛn enti na wotwerɛɛ wɔ mu sɛ ɛkwan biara so, Babiloniahene bɛba abɛsɛe asase yi na watɔre ɛso nnipa ne mmoa nyinaa ase?”
شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ھېچ ئادەم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ جەسىتى سىرتقا تاشلىۋېتىلىپ كۈندۈزدە ئىسسىقتا، كېچىدە قىراۋدا ئوچۇق ياتىدۇ. | 30 |
Ɛno enti, yei ne deɛ Awurade ka fa Yudahene Yehoiakim ho: Ɔrennya obi ntena Dawid ahennwa so. Wɔbɛto ne funu atwene a, wɔrensie no, na wada owia hyeɛ ne anadwo awɔ mu.
مەن ئۇنىڭ ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ بېشىغا قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ھەم يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۈستىگە مەن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغان بارلىق كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان. | 31 |
Mɛtwe ɔno ne ne mma ne nʼasomfoɔ aso wɔ wɔn amumuyɛ nti; mede amanehunu biara a mahyɛ atia wɔn bɛba wɔn ne wɔn a wɔte Yerusalem ne Yudafoɔ so, ɛfiri sɛ wɔnntieɛ.’”
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا باشقا بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇققا بەردى؛ ئۇ يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى؛ ئۇلار بۇ سۆزلەرگە ئوخشايدىغان باشقا كۆپ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ يازدى. | 32 |
Na Yeremia faa nwoma mmobɔeɛ foforɔ, na ɔka maa ne twerɛfoɔ Baruk twerɛeɛ. Ɔkaa biribiara a na ɛwɔ nwoma mmobɔeɛ no a Yudahene Yehoiakim hyee no no so. Na ɔde nsɛm pii kaa ho.