يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا سۆز كېلىپ: ــ | 1 |
زمانی که یهویاقیم (پسر یوشیا) پادشاه یهودا بود، خداوند به من فرمود: |
«رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇنىڭ كىچىك ئۆيلىرىنىڭ بىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا شاراب تۇتقىن» ــ دېيىلدى. | 2 |
«نزد طایفهٔ رکابیها برو و ایشان را به خانهٔ خداوند دعوت کن و آنها را به یکی از اتاقهای درونی ببر و به ایشان شراب تعارف کن.» |
شۇنىڭ بىلەن مەن خاباززىنىيانىڭ نەۋرىسى، يەرەمىيانىڭ ئوغلى جائازانىيانى، ئۇنىڭ ئۇكىلىرىنى ۋە بارلىق بالا-چاقىلىرىنى، شۇنىڭدەك رەكابنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئېلىپ كېلىشكە چىقتىم؛ | 3 |
پس پیش یازنیا، که نام پدرش ارمیا و نام پدر بزرگش حبصنیا بود، رفتم و او را با همۀ برادران و پسرانش که نمایندهٔ طایفهٔ رکابیها بودند، |
مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، ئىگدالىيانىڭ ئوغلى، خۇدانىڭ ئادىمى بولغان ھاناننىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەلىك ئۆيگە ئاپاردىم؛ بۇ ئۆي ئەمىرلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، ئىشىكباقار مائاسېياھنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ | 4 |
به خانهٔ خداوند آوردم و به اتاق پسران حانان نبی (پسر یجدلیا) بردم. این اتاق کنار اتاق مخصوص درباریان و بالای اتاق معسیا (پسر شلوم) نگهبان خانهٔ خدا قرار داشت. |
مەن رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا شارابقا لىق تولغان پىيالىلەر ۋە قەدەھلەرنى قويۇپ ئۇلارغا: «شارابقا ئېغىز تېگىڭلار!» ــ دېدىم. | 5 |
آنگاه جام و کوزههای شراب مقابل ایشان گذاشتم و تعارف کردم تا بنوشند. |
ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: «بىز شارابنى ئىچمەيمىز؛ چۈنكى ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يوناداب بىزگە: «سىلەر ۋە ئوغۇل-ئەۋلادلىرىڭلار زادى شاراب ئىچمەڭلار؛ | 6 |
اما ایشان گفتند: «نه، ما شراب نمینوشیم، چون پدرمان یوناداب (پسر رکاب) وصیت نموده است که نه ما و نه فرزندانمان، هرگز لب به شراب نزنیم. |
يەنە كېلىپ ئۆيلەرنى قۇرماڭلار، نە ئۇرۇق تېرىماڭلار، نە ئۈزۈمزارلارنى تىكمەڭلار، نە بۇلاردىن ھېچقايسىسىغا زادى ئىگە بولماڭلار؛ بارلىق كۈنلىرىڭلاردا چېدىرلاردا تۇرۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر» ــ دەپ ئەمر قالدۇرغان. | 7 |
همچنین به ما سفارش کرده است که نه خانه بسازیم، نه زراعت کنیم؛ نه تاکستان داشته باشیم و نه مزرعه؛ بلکه همیشه چادرنشین باشیم؛ و گفته است اگر اطاعت کنیم، در این سرزمین عمر طولانی و زندگی خوبی خواهیم داشت. |
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ: «بارلىق كۈنۈڭلەردە زادى شاراب ئىچمەڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ھەم ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۇنىڭ ئەمرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ كەلگەنمىز؛ | 8 |
ما هم تمام دستورهای او را اطاعت کردهایم. از آن زمان تا به حال نه خودمان لب به شراب زدهایم، نه زنان و پسران و دخترانمان! |
بىز يەنە تۇرغۇدەك ئۆيلەرنى سالمىغان؛ بىزدە ھېچ ئۈزۈمزار، ئېتىز، ئۇرۇق دېگەنلەر يوق؛ | 9 |
ما نه خانه ساختهایم، نه صاحب مزرعه هستیم و نه کشاورزی میکنیم. |
بەلكى بىز چېدىرلاردا تۇرۇپ كەلدۇق، ئەجدادىمىز يونادابنىڭ بىزگە بارلىق ئەمر قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلدۇق. | 10 |
ما در چادرها ساکنیم و دستور پدرمان یوناداب را اطاعت کردهایم. |
لېكىن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زېمىنغا بېسىپ كىرگەندە، شۇنداق ئىش بولدىكى، بىز: «بارايلى، كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ھەم سۇرىيەنىڭ قوشۇنىدىن قېچىپ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرەيلى» ــ دېدۇق. مانا شۇ سەۋەبتىن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز». | 11 |
اما وقتی نِبوکَدنِصَّر پادشاه بابِل به این سرزمین حمله کرد، از ترس سپاه بابلیها و سپاه سوریها تصمیم گرفتیم به اورشلیم بیاییم و در شهر زندگی کنیم. برای همین است که اینک در اینجا هستیم.» |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 12 |
پس از این ماجرا، خداوند لشکرهای آسمان، خدای اسرائیل، به ارمیا فرمود که کلام او را به اهالی یهودا و ساکنین اورشلیم اعلام داشته، از جانب او چنین بگوید: «آیا شما نمیخواهید از رکابیها درس عبرت بگیرید؟ |
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ بۇنىڭدىن تەربىيە ئالمامسىلەر، شۇنىڭدەك مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 13 |
ــ مانا، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئوغۇل-پەرزەنتلىرىگە «شاراب ئىچمەڭلار» دەپ تاپىلىغان سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن؛ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار ھېچ شاراب ئىچىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان. لېكىن مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىلەرگە سۆز قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، سىلەر ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر. | 14 |
آنها دستور جدشان را اطاعت کردهاند و تا به امروز لب به شراب نزدهاند، ولی شما از دستورهای من هرگز اطاعت نکردهاید. با اینکه همواره شما را نصیحت نمودم، |
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىرىڭلار ھازىر ئۆز رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىپ، قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ چوقۇنماڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر» دەپ كەلگەنمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىغانسىلەر. | 15 |
و انبیای خود را نزد شما فرستادم تا بگویند که از راههای بد بازگردید و از بتپرستی دست بکشید تا اجازه دهم در این سرزمینی که به شما و پدرانتان بخشیدهام، در صلح و آرامش زندگی کنید، اما شما گوش ندادید و اطاعت نکردید. |
بەرھەق، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تاپىلىغان ئەمرىگە ئەمەل قىلغان؛ لېكىن بۇ خەلق ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغاندۇر. | 16 |
رکابیها دستور جدشان یوناداب را به طور کامل اجرا میکنند، ولی شما دستورهای مرا اطاعت نمیکنید. |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھەم يېرۇسالېمنىڭ ئۈستىگە مەن ئالدىنئالا ئېيتقان بارلىق بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا سۆز قىلغان، لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىغان؛ مەن ئۇلارنى چاقىرغان، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىگەن». | 17 |
پس خداوند لشکرهای آسمان، خدای اسرائیل میفرماید: هر بار با شما سخن گفتم، توجه نکردید و هر بار شما را خواندم، جواب ندادید! بنابراین ای اهالی یهودا و ساکنین اورشلیم، من تمام بلاهایی را که گفتهام، بر شما نازل خواهم نمود!» |
ئاندىن يەرەمىيا رەكاب جەمەتىگە مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئاتاڭلار يونادابنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، بارلىق يوليورۇقلىرىنى تۇتۇپ، سىلەرگە تاپىلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنسىلەر، ــ | 18 |
سپس رو به رکابیها کرده، گفتم: «خداوند لشکرهای آسمان، خدای اسرائیل میفرماید که چون شما دستور جدتان یوناداب را از هر حیث اطاعت کردهاید، بنابراین از دودمان او همیشه مردانی باقی خواهند بود تا مرا عبادت و خدمت نمایند.» |
ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ نەسلىدىن ئالدىمدا خىزمەت قىلغۇچى ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. | 19 |