< يەرەمىيا 33 >
يەرەمىيا تېخى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
La vorto de la Eternulo aperis al Jeremia duafoje, kiam li estis ankoraŭ tenata sur la korto de la malliberejo, nome:
ئىشنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار، ئىشنى شەكىللەندۈرگۈچى ھەم ئۇنى بېكىتكۈچى مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نامىمدۇر ــ | 2 |
Tiele diras la Eternulo, kiu ĉion faris, la Eternulo, kiu ĉion kreis, por ĝin fortikigi, kaj kies nomo estas Eternulo:
ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن. | 3 |
Voku al Mi, kaj Mi respondos al vi, kaj Mi sciigos al vi grandajn kaj gravajn aferojn, kiujn vi ne scias.
چۈنكى [دۈشمەننىڭ] دۆڭ-پوتەيلىرىگە ھەم قىلىچىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىستىھكاملار قىلىش ئۈچۈن چېقىلغان بۇ شەھەردىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىلىرى توغرۇلۇق ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ | 4 |
Ĉar tiele diras la Eternulo, Dio de Izrael, pri la domoj de ĉi tiu urbo, kaj pri la domoj de la reĝoj de Judujo, kiuj estas detruitaj por remparoj kaj por glavoj
«كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرىۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن. | 5 |
de tiuj, kiuj venis, por batali kontraŭ la Ĥaldeoj kaj plenigi ilin per kadavroj de homoj, kiujn Mi frapis en Mia kolero kaj en Mia indigno; ĉar Mi kaŝis Mian vizaĝon for de ĉi tiu urbo pro ĉiuj iliaj malbonagoj:
ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ئۇلارغا چەكسىز ئارامبەخش ھەم ھەقىقەتنى يېشىپ ئايان قىلىمەن. | 6 |
Jen Mi redonos al ĝi bonstaton kaj kuracon, kaj Mi resanigos ilin, kaj Mi malkovros por ili abundon da paco kaj vero.
مەن يەھۇدانى ھەم ئىسرائىلنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەك قۇرۇپ چىقىمەن. | 7 |
Kaj Mi revenigos la kaptitojn de Jehuda kaj la kaptitojn de Izrael, kaj Mi aranĝos ilin kiel antaŭe.
مەن ئۇلارنى مەن بىلەن قارشىلىشىپ گۇناھقا پېتىپ سادىر قىلغان بارلىق قەبىھلىكىدىن پاكلاندۇرىمەن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھقا پېتىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرىمەن؛ | 8 |
Kaj Mi purigos ilin de ĉiuj iliaj malbonagoj, per kiuj ili pekis antaŭ Mi; kaj Mi pardonos ĉiujn iliajn krimojn, per kiuj ili pekis antaŭ Mi kaj defalis de Mi.
يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپاتنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ [شەھەر] كىشىنى شادلاندۇرۇپ، ئۆزۈمگە مەدھىيەلەرنى قوزغاپ، شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ نام-شۆھرەت ھاسىل قىلىدۇ؛ ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپات ۋە ئارامبەخشلىكتىن [مەندىن] قورقۇپ تىترەيدىغان بولىدۇ. | 9 |
Kaj tio fariĝos por Mi agrabla nomo, laŭdo kaj gloro antaŭ ĉiuj nacioj de la tero, kiuj aŭdos pri la tuta bono, kiun Mi faras al ili, kaj ili ektimos kaj ektremos pro la tuta bono kaj la tuta bonstato, kiun Mi donos al ĝi.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مۇشۇ يەر توغرۇلۇق: «ئۇ بىر خارابىلىك، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولدى!» دەيسىلەر ــ دۇرۇس. لېكىن خارابە بولغان، ئادەمزاتسىز، ئاھالىسىز، ھايۋاناتسىز بولغان يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا | 10 |
Tiele diras la Eternulo: Sur ĉi tiu loko — pri kiu vi diras, ke ĝi estas dezertigita tiel, ke jam ne ekzistas homoj nek brutoj en la urboj de Judujo kaj sur la stratoj de Jerusalem, kiuj fariĝis malplenaj pro foresto de homoj kaj de loĝantoj kaj de brutoj —
يەنە تاماشىنىڭ ساداسى، شاد-خۇراملىق ساداسى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى»نى ئاپارغانلارنىڭ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەيدىغان ئاۋازلىرى قايتىدىن ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ زېمىندىكى ئاۋاتلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 11 |
ankoraŭ estos aŭdataj sonoj de ĝojo kaj sonoj de gajeco, voĉo de fianĉo kaj voĉo de fianĉino, voĉo de homoj, kiuj parolos: Laŭdu la Eternulon Cebaot, ĉar la Eternulo estas bona, ĉar eterna estas Lia favorkoreco; kaj kiuj alportados dankoferojn en la domon de la Eternulo; ĉar Mi revenigos la forkaptitojn de la lando kiel antaŭe, diras la Eternulo.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ. | 12 |
Tiele diras la Eternulo Cebaot: Sur ĉi tiu loko, kiu dezertiĝis tiel, ke tie ne troviĝas homo nek bruto, kaj en ĉiuj ĝiaj urboj denove troviĝos loĝejoj de paŝtistoj, kiuj ripozigos tie siajn ŝafojn;
[جەنۇبىي] تاغلىقتىكى شەھەرلەردە، [غەربتىكى] يەھۇدانىڭ «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، جەنۇبىي باياۋانلاردىكى شەھەرلەردە، بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدىمۇ قوي پادىلىرى ئۇلارنى سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن قايتىدىن ئۆتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 13 |
en la urboj de la montoj, en la urboj de la valoj, en la urboj de la sudo, en la lando de Benjamen, en la ĉirkaŭaĵo de Jerusalem, kaj en la urboj de Judujo denove pasados ŝafoj sub la mano de kalkulanto, diras la Eternulo.
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ھەم يەھۇدا جەمەتىگە ئېيتقان شەپقەتلىك ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن. | 14 |
Jen venos tempo, diras la Eternulo, kiam Mi plenumos la bonan vorton, kiun Mi diris pri la domo de Izrael kaj pri la domo de Jehuda.
شۇ كۈنلەر ۋە ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن؛ ئۇ زېمىندا توغرا ھۆكۈم ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. | 15 |
En tiuj tagoj kaj en tiu tempo Mi elkreskigos al David markoton virtan, kiu faros juĝon kaj justecon sur la tero.
شۇ كۈنلەردە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، يېرۇسالېم ئارامبەخشتە تۇرىدۇ؛ [شۇ چاغدا] يېرۇسالېم: «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. | 16 |
En tiu tempo Judujo estos savita, kaj Jerusalem ekvivos sendanĝere, kaj oni nomos ĝin jene: La Eternulo estas nia justeco.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ داۋۇتنىڭ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا لايىق نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، | 17 |
Ĉar tiele diras la Eternulo: Ne mankos ĉe David viro, sidanta sur la trono de la domo de Izrael.
ياكى لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلاردىن، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئاشلىق ھەدىيە» ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى مېنىڭ ئالدىمدا دائىم سۇنىدىغان ئادەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. | 18 |
Kaj ĉe la pastroj Levidoj neniam mankos antaŭ Mi viro, alportanta bruloferon kaj fumiganta farunoferon kaj faranta buĉoferon.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 19 |
Kaj aperis vorto de la Eternulo al Jeremia, dirante:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مېنىڭ كۈندۈز بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە كېچە بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنى ئۆز ۋاقتىدا كەلمەيدىغان قىلىپ قويساڭلار، | 20 |
Tiele diras la Eternulo: Se oni povos ĉesigi Mian interligon pri la tago kaj Mian interligon pri la nokto, kaj la tago kaj nokto ne estu en sia tempo:
شۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز تەختىڭگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر ئوغلۇڭ دائىم بولىدۇ» دېگىنىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ ۋە خىزمەتكارلىرىم، كاھىنلار بولغان لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلغان بولىدۇ. | 21 |
tiam povos esti ĉesigita Mia interligo kun Mia servanto David, ke ne estu ĉe li filo, reĝanta sur lia trono, kaj kun la Levidoj pastroj, Miaj servistoj.
ئاسمانلاردىكى قوشۇنلار بولغان يۇلتۇزلارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، دېڭىزدىكى قۇملارنى ئۆلچەپ بولغىلى بولمىغاندەك، مەن قۇلۇم داۋۇتنىڭ نەسلىنى ۋە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنى كۆپەيتىمەن. | 22 |
Kiel nekalkulebla estas la armeo de la ĉielo kaj nemezurebla la sablo de la maro, tiel Mi multigos la idaron de Mia servanto David, kaj la Levidojn, kiuj faras servadon al Mi.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 23 |
Kaj aperis vorto de la Eternulo al Jeremia, dirante:
بۇ خەلقنىڭ: «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى» دېگىنىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ شۇڭا ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى: «كەلگۈسىدە ھېچ بىر ئەل-دۆلەت بولمايدۇ» دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ. | 24 |
Ĉu vi ne vidas, kiel ĉi tiu popolo parolas kaj diras: La du gentojn, kiujn la Eternulo elektis, Li forpuŝis? Kaj ili malestimas Mian popolon, kvazaŭ ĝi jam ne estus popolo antaŭ ili.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىنى بېكىتكەن ئەھدەم ئۆزگىرىپ كەتسە، ياكى ئاسمان-زېمىندىكى قانۇنىيەتلەرنى بېكىتمىگەن بولسام، | 25 |
Tiele diras la Eternulo: Se Mi ne farus interligon pri tago kaj nokto kaj Miajn leĝojn pri la ĉielo kaj la tero,
مەن ياقۇپنىڭ نەسلىدىن ۋە داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى تاشلايدىغان بولىمەن، شۇنىڭدەك ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ نەسلى ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن [داۋۇتنىڭ] نەسلىدىن ئادەم تاللىمايدىغان بولىمەن! چۈنكى بەرھەق، مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىمەن. | 26 |
tiam Mi forpuŝus la idaron de Jakob kaj de Mia servanto David, ne prenante el lia idaro regantojn super la idaro de Abraham, Isaak, kaj Jakob; ĉar Mi revenigos iliajn forkaptitojn kaj kompatos ilin.