< يەرەمىيا 32 >

يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئونىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (شۇ يىل نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئىدى؛ 1
Yǝⱨuda padixaⱨi Zǝdǝkiyaning oninqi yili, Yǝrǝmiyaƣa Pǝrwǝrdigardin kǝlgǝn sɵz tɵwǝndǝ hatirilǝngǝn (xu yil Neboⱪadnǝsarning on sǝkkizinqi yili idi;
شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشۇۋالغانىدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغانىدى. 2
Xu qaƣda Babil padixaⱨining ⱪoxuni Yerusalemni ⱪorxuwalƣanidi; Yǝrǝmiya pǝyƣǝmbǝr bolsa Yǝⱨuda padixaⱨining ordisidiki ⱪarawullarning ⱨoylisida ⱪamap ⱪoyulƣanidi.
چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «نېمىشقا سەن: «مانا، مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ؛ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا كالدىيلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىدۇ، ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدۇ. ئۇ زەدەكىيانى بابىلغا ئاپىرىدۇ، ئۇ مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ تولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ سىلەر كالدىيلەر بىلەن قارشىلاشساڭلارمۇ غەلىبە قىلالمايسىلەر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» ــ دەپ بېشارەت بېرىسەن؟» ــ دەپ ئۇنى قاماپ قويغانىدى). 3
Qünki Yǝⱨuda padixaⱨi Zǝdǝkiya uni ǝyiblǝp: «Nemixⱪa sǝn: «Mana, Mǝn bu xǝⱨǝrni Babil padixaⱨining ⱪoliƣa tapxurimǝn; u uni ixƣal ⱪilidu; Yǝⱨuda padixaⱨi Zǝdǝkiya kaldiylǝrning ⱪolidin ⱪeqip ⱪutulalmaydu; qünki u Babil padixaⱨining ⱪoliƣa tapxurulmay ⱪalmaydu; u uning bilǝn yüz turanǝ sɵzlixidu, ɵz kɵzi bilǝn uning kɵzigǝ ⱪaraydu. U Zǝdǝkiyani Babilƣa apiridu, u mǝn uningƣa yeⱪinlixip toluⱪ bir tǝrǝp ⱪilƣuqǝ xu yǝrdǝ turidu, dǝydu Pǝrwǝrdigar; silǝr kaldiylǝr bilǝn ⱪarxilaxsanglarmu ƣǝlibǝ ⱪilalmaysilǝr! — dǝydu Pǝrwǝrdigar» — dǝp bexarǝt berisǝn?» — dǝp uni ⱪamap ⱪoyƣanidi).
4
5
يەرەمىيا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى ــ دېدى: ــ 6
Yǝrǝmiya: — Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi — dedi: —
مانا، تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى ھانامەئەل يېنىڭغا كېلىپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋال؛ چۈنكى ئۇنى سېتىۋېلىشقا سېنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇڭ بار» ــ دەيدىغان بولىدۇ. 7
Mana, taƣang Xallumning oƣli Ⱨanamǝǝl yeningƣa kelip: «Ɵzüng üqün Anatottiki etizimni setiwal; qünki uni setiwelixⱪa sening ⱨǝmjǝmǝtlik ⱨoⱪuⱪung bar» — dǝydiƣan bolidu.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەل، قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «بىنيامىننىڭ زېمىنىدىكى مېنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋالغايسەن؛ چۈنكى ھەمجەمەت ھوقۇقى سېنىڭكىدۇر؛ ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋال» ــ دېدى؛ ئاندىن مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 8
Andin Pǝrwǝrdigarning deginidǝk taƣamning oƣli Ⱨanamǝǝl, ⱪarawullarning ⱨoylisida yenimƣa kelip manga: «Binyaminning zeminidiki mening Anatottiki etizimni setiwalƣaysǝn; qünki ⱨǝmjǝmǝt ⱨoⱪuⱪi seningkidur; ɵzüng üqün setiwal» — dedi; andin mǝn buning ⱨǝⱪiⱪǝtǝn Pǝrwǝrdigarning sɵzi ikǝnlikini bilip yǝttim.
شۇڭا مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلدىن ئاناتوتتىكى بۇ ئېتىزنى سېتىۋالدىم؛ پۇلنى، يەنى ئون يەتتە شەكەل كۈمۈشنى گىرگە سېلىپ ئۆلچىدىم. 9
Xunga mǝn taƣamning oƣli Ⱨanamǝǝldin Anatottiki bu etizni setiwaldim; pulni, yǝni on yǝttǝ xǝkǝl kümüxni girgǝ selip ɵlqidim.
مەن توختام خېتىگە ئىمزا قويۇپ، ئۈستىگە مۆھۈرنى بېسىپ پېچەتلىدىم؛ بۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ بەرگۈزدۇم، كۈمۈشنى تارازىغا سالدىم؛ 10
Mǝn tohtam hetigǝ imza ⱪoyup, üstigǝ mɵⱨürni besip peqǝtlidim; buningƣa guwaⱨqilarni guwaⱨ bǝrgüzdum, kümüxni taraziƣa saldim;
توختام خېتىنى قولۇمغا ئالدىم، ــ بىرسىدە سودا تۈزۈمى ۋە شەرتلىرى خاتىرىلىنىپ پېچەتلەنگەن، يەنە بىرسى پېچەتلەنمىگەنىدى ــ 11
tohtam hetini ⱪolumƣa aldim, — birsidǝ soda tüzümi wǝ xǝrtliri hatirilinip peqǝtlǝngǝn, yǝnǝ birsi peqǝtlǝnmigǝnidi —
ۋە مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلنىڭ كۆز ئالدىدا، بۇ سودا خېتىگە ئىمزا قويغان گۇۋاھچىلار ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا خەتلەرنى مائاسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇردۇم. 12
wǝ mǝn taƣamning oƣli Ⱨanamǝǝlning kɵz aldida, bu soda hetigǝ imza ⱪoyƣan guwaⱨqilar wǝ ⱪarawullarning ⱨoylisida olturƣan Yǝⱨudiylarning ⱨǝmmisi aldida hǝtlǝrni Maaseyaⱨning nǝwrisi, Neriyaning oƣli bolƣan Baruⱪⱪa tapxurdum.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارۇققا مۇنداق تاپىلاپ دېدىم: ــ 13
Ularning aldida mǝn Baruⱪⱪa mundaⱪ tapilap dedim: —
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەتلەرنى، يەنى پېچەتلەنگەن ۋە پېچەتلەنمىگەن بۇ توختام خەتلىرىنى ئېلىپ، بۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانسۇن دەپ ساپال ئىدىش ئىچىگە سالغىن؛ 14
Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi mundaⱪ dǝydu: — Bu hǝtlǝrni, yǝni peqǝtlǝngǝn wǝ peqǝtlǝnmigǝn bu tohtam hǝtlirini elip, bular uzun waⱪitⱪiqǝ saⱪlansun dǝp sapal idix iqigǝ salƣin;
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ كەلگۈسىدە بۇ زېمىندا ھەم ئۆيلەر، ھەم ئېتىزلار، ھەم ئۈزۈمزارلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ. 15
Qünki samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi mundaⱪ dǝydu: — Kǝlgüsidǝ bu zeminda ⱨǝm ɵylǝr, ⱨǝm etizlar, ⱨǝm üzümzarlar ⱪaytidin setiwelinidu.
مەن توختام خېتىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ 16
Mǝn tohtam hetini Neriyaning oƣli bolƣan Baruⱪⱪa tapxurƣandin keyin, Pǝrwǝrdigarƣa dua ⱪilip mundaⱪ dedim: —
«ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ 17
«Aⱨ, Rǝb Pǝrwǝrdigar! Mana, Sǝn asman-zeminni Ɵzüngning zor ⱪudriting wǝ sozulƣan biliking bilǝn yasiƣansǝn; Sanga ⱨeqⱪandaⱪ ix tǝs ǝmǝstur;
سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛ 18
Sǝn mingliƣan kixilǝrgǝ rǝⱨim-xǝpⱪǝt kɵrsitisǝn ⱨǝmdǝ atilarning ⱪǝbiⱨlikining jazasinimu keyin balilirining ⱪoyniƣa ⱪayturisǝn; aⱨ Sǝn uluƣ, Ⱪudrǝt Igisi Tǝngridursǝn — Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar Sening namingdur;
ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە [ئىنئام ياكى جازا] قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛ 19
oy-nixanliringda uluƣ, ⱪilƣan ixliringda ⱪudrǝtliksǝn; kɵzliring bilǝn insan balilirining ɵz yolliri wǝ ⱪilƣanlirining mewisi boyiqǝ ⱨǝrbirigǝ [inam yaki jaza] ⱪayturux üqün, ularning barliⱪ yollirini kɵzligüqidursǝn;
ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. 20
— Sǝn bügünki küngiqǝ Misir zeminida, Israil iqidǝ ⱨǝm barliⱪ insanlar arisida mɵjizilik alamǝtlǝrni ⱨǝm karamǝtlǝrni ayan ⱪilip kǝlgǝnsǝn; xunglaxⱪa bügüngiqǝ Sening naming eƣizdin-eƣizƣa tarⱪilip kǝlmǝktǝ.
سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛ 21
Sǝn mɵjizilik alamǝtlǝr, karamǝtlǝr ⱪudrǝtlik ⱪolung, sozulƣan biliking wǝ dǝⱨxǝtlik wǝⱨxǝt arⱪiliⱪ Ɵz hǝlⱪing Israilni Misir zeminidin qiⱪarƣansǝn;
سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن. 22
Sǝn ularƣa ata-bowiliriƣa tǝⱪdim ⱪilimǝn dǝp ⱪǝsǝm ⱪilƣan, süt ⱨǝm bal eⱪip turidiƣan bu zeminni tǝⱪdim ⱪilƣansǝn.
ئۇلار دەرۋەقە زېمىنغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغان؛ لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىغان، تەۋرات-قانۇنۇڭدا ماڭمىغان؛ ئۇلارغا ئەمر قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان؛ شۇڭا سەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەنسەن. 23
Ular dǝrwǝⱪǝ zeminƣa kirip uningƣa igǝ bolƣan; lekin ular Sening awazingƣa ⱪulaⱪ salmiƣan, Tǝwrat-ⱪanunungda mangmiƣan; ularƣa ǝmr ⱪilƣanlarning ⱨeqⱪaysisiƣa ǝmǝl ⱪilmiƣan; xunga Sǝn bu külpǝtlǝrning ⱨǝmmisini ularning bexiƣa qüxürgǝnsǝn.
مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن. 24
Mana, xǝⱨǝrni besip kirix üqün sepilƣa selip qiⱪirilƣan dɵnglük-potǝylǝrgǝ ⱪariƣaysǝn! Ⱪiliq, ⱪǝⱨǝtqilik wǝ waba tüpǝylidin xǝⱨǝr ⱨujum ⱪiliwatⱪan kaldiylǝrning ⱪoliƣa tapxurulmay ⱪalmaydu; Sǝn aldin’ala eytⱪining ⱨazir ǝmǝlgǝ axuruldi; mana, Ɵzüng kɵrisǝn.
لېكىن سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ». 25
Lekin Sǝn, i Rǝb Pǝrwǝrdigar, gǝrqǝ xǝⱨǝr kaldiylǝrning ⱪoliƣa tapxurulidiƣan bolsimu, manga: «Ɵzüng üqün etizni kümüxkǝ setiwal wǝ buni guwaⱨqilarƣa kɵrgüzgin!?» — deding».
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 26
Andin Pǝrwǝrdigarning sɵzi Yǝrǝmiyaƣa kelip mundaⱪ deyildi: —
مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟ 27
Mana, Mǝn Pǝrwǝrdigar, barliⱪ ǝt igilirining Hudasidurmǝn; Manga tǝs qüxidiƣan birǝr ix barmidu?
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەرنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا ۋە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ. 28
Xunga Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn bu xǝⱨǝrni kaldiylǝrning ⱪoliƣa wǝ Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsarning ⱪoliƣa tapxurimǝn; ular uni igiliwalidu.
بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەر ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۈستىدە مېنى غەزەپلەندۈرۈپ بائالغا ئىسرىق ياققان، يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغان. 29
Bu xǝⱨǝrgǝ ⱨujum ⱪiliwatⱪan kaldiylǝr uningƣa besip kirip ot ⱪoyup uni kɵydüriwetidu; ular xǝⱨǝrdikilǝrning ɵylirinimu kɵydüriwetidu; ular bu ɵylǝrning ɵgziliri üstidǝ Meni ƣǝzǝplǝndürüp Baalƣa isriⱪ yaⱪⱪan, yat ilaⱨlarƣa «xarab ⱨǝdiyǝ»lǝrni ⱪuyƣan.
چۈنكى ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ياشلىقىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمدا پەقەت رەزىللىكلا قىلىپ كەلمەكتە؛ ئىسرائىللار پەقەتلا ئۆز قوللىرى ياسىغانلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 30
Qünki Israillar wǝ Yǝⱨudalar yaxliⱪidin tartip kɵz aldimda pǝⱪǝt rǝzillikla ⱪilip kǝlmǝktǝ; Israillar pǝⱪǝtla ɵz ⱪolliri yasiƣanlar bilǝn ƣǝzipimni ⱪozƣiƣandin baxⱪa ix ⱪilmiƣan, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
چۈنكى بۇ شەھەر قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىمنى شۇنداق قوزغىغۇچى بولۇپ كەلدىكى، مەن ئۇنى ئۆز يۈزۈم ئالدىدىن يوقاتمىسام بولمايدۇ. 31
Qünki bu xǝⱨǝr ⱪurulƣan künidin tartip bügünki küngiqǝ Mening ƣǝzipim wǝ ⱪǝⱨrimni xundaⱪ ⱪozƣiƣuqi bolup kǝldiki, Mǝn uni Ɵz yüzüm aldidin yoⱪatmisam bolmaydu.
ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن [شەھەرنى يوقىتىمەن]. 32
Israillar wǝ Yǝⱨudalar — ular wǝ ularning padixaⱨliri, ǝmirliri kaⱨinliri, pǝyƣǝmbǝrliri, Yǝⱨuda adǝmliri wǝ Yerusalemda turuwatⱪanlarning meni ƣǝzǝplǝndürgǝn barliⱪ rǝzilliki tüpǝylidin [xǝⱨǝrni yoⱪitimǝn].
ئۇلار ماڭا يۈزىنى قاراتقان ئەمەس، بەلكى ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تەتۈر قارىغان؛ گەرچە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاڭلىماي تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 33
Ular Manga yüzini ⱪaratⱪan ǝmǝs, bǝlki Manga arⱪisini ⱪilip tǝtür ⱪariƣan; gǝrqǝ Mǝn tang sǝⱨǝrdǝ ornumdin turup ularƣa ɵgǝtkǝn bolsammu, ular anglimay tǝlim-tǝrbiyini ⱪobul ⱪilixni rǝt ⱪilƣan.
ئۇلار ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى سېلىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ 34
Ular Ɵz namim bilǝn atalƣan ɵydǝ yirginqlik butlirini selip uni bulƣiƣan;
ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن. 35
ular ɵz oƣul-ⱪizlirini ottin ɵtküzüp «Molǝk»kǝ atap ⱪurbanliⱪ ⱪilix üqün «Ⱨinnomning oƣlining jilƣisi»diki, Baalƣa beƣixlanƣan «yuⱪiri jaylar»ni ⱪurup qiⱪⱪan; Mǝn ularning bundaⱪ ix ⱪilixini zadi buyrup baⱪmiƣanmǝn; ularning Yǝⱨudani gunaⱨⱪa patⱪuzup, muxundaⱪ lǝnǝtlik ix ⱪilsun degǝn oy-niyǝttǝ ⱨeqⱪaqan bolup baⱪmiƣanmǝn.
سىلەر مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق: «دەرھەقىقەت، ئۇ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئارقىلىق بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ!» ــ دەۋاتىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق ھازىر مۇنداق دەيدۇ: ــ 36
Silǝr muxu xǝⱨǝr toƣruluⱪ: «Dǝrⱨǝⱪiⱪǝt, u ⱪiliq, ⱪǝⱨǝtqilik wǝ waba arⱪiliⱪ Babil padixaⱨining ⱪoliƣa tapxurulidu!» — dǝwatisilǝr; lekin Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi muxu xǝⱨǝr toƣruluⱪ ⱨazir mundaⱪ dǝydu: —
مانا مەن، مەن ئۇلارنى غەزىپىم، قەھرىم ۋە زور ئاچچىقىم بىلەن ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى ئامان-تىنچلىقتا تۇرغۇزىمەن. 37
Mana Mǝn, Mǝn ularni ƣǝzipim, ⱪǝⱨrim wǝ zor aqqiⱪim bilǝn ⱨǝydiwǝtkǝn barliⱪ padixaⱨliⱪlardin yiƣimǝn; Mǝn ularni ⱪaytidin muxu yǝrgǝ epkelimǝn, ularni aman-tinqliⱪta turƣuzimǝn.
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 38
Ular Mening hǝlⱪim bolidu, Mǝn ularning Hudasi bolimǝn.
مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن. 39
Mǝn ular wǝ ulardin keyin bolƣan balilirini barliⱪ künliridǝ Mǝndin ǝyminip yahxiliⱪ kɵrsun dǝp, ularƣa bir ⱪǝlb, bir yolni ata ⱪilimǝn.
مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن. 40
Mǝn ularƣa iltipat ⱪilixtin ⱪolumni ikkinqi üzmǝslikim üqün ular bilǝn mǝnggülük bir ǝⱨdǝ tüzimǝn; ularning ⱪaytidin yenimdin qǝtlimǝsliki üqün Mǝn ⱪǝlbigǝ ⱪorⱪunqumni salimǝn.
مەن ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ شادلىنىمەن ۋە پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇلارنى مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرغۇزىمەن! 41
Mǝn ularƣa yahxiliⱪ ata ⱪilixtin ⱨuzur elip xadlinimǝn wǝ pütün ⱪǝlbim, pütün jenim bilǝn ularni muxu zeminƣa tikip turƣuzimǝn!
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن خۇددى بۇ خەلقنىڭ بېشىغا بۇ دەھشەتلىك كۈلپەتنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرگىنىمدەك، مەن ئۇلار توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بارلىق بەخت-بەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ 42
Qünki Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mǝn huddi bu hǝlⱪning bexiƣa bu dǝⱨxǝtlik külpǝtning ⱨǝmmisini qüxürginimdǝk, Mǝn ular toƣruluⱪ wǝdǝ ⱪilƣan barliⱪ bǝht-bǝrikǝtlǝrni ularning üstigǝ qüxürimǝn;
سىلەر مۇشۇ زېمىن توغرۇلۇق: «ئۇ ۋەيرانە، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىزدۇر؛ كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان!» دەيسىلەر. لېكىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭدا ئېتىزلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ! 43
Silǝr muxu zemin toƣruluⱪ: «U wǝyranǝ, adǝmzatsiz wǝ ⱨaywanatsizdur; kaldiylǝrning ⱪoliƣa tapxurulƣan!» dǝysilǝr. Lekin kǝlgüsidǝ uningda etizlar ⱪaytidin setiwelinidu!
بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، [جەنۇبتىكى] تاغلىق شەھەرلىرىدە، غەربتىكى «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، [يەھۇدانىڭ] جەنۇبىي باياۋانلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ كىشىلەر قايتىدىن كۈمۈشكە ئېتىزلارنى سېتىۋالىدۇ، توختام خەتلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، مۆھۈرلەپ، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھقا ھازىر قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 44
Binyaminning yurtida, Yerusalemning ǝtrapidiki yezilirida, Yǝⱨudaning xǝⱨǝrliridǝ, [jǝnubtiki] taƣliⱪ xǝⱨǝrliridǝ, ƣǝrbtiki «Xǝfǝlaⱨ» egizlikidiki xǝⱨǝrlǝrdǝ, [Yǝⱨudaning] jǝnubiy bayawanliridiki xǝⱨǝrlǝrdimu kixilǝr ⱪaytidin kümüxkǝ etizlarni setiwalidu, tohtam hǝtlirigǝ imza ⱪoyidu, mɵⱨürlǝp, guwaⱨqilarni guwaⱨⱪa ⱨazir ⱪilidu; qünki Mǝn ularni sürgünlüktin ⱪayturup ǝsligǝ kǝltürimǝn — dǝydu Pǝrwǝrdigar.

< يەرەمىيا 32 >