< يەرەمىيا 32 >
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئونىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (شۇ يىل نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئىدى؛ | 1 |
The word that came to Jeremiah from the Lord in the tenth year of Zedekiah the king of Judah, which is the eighteenth year of Nebuchadrezzar.
شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشۇۋالغانىدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغانىدى. | 2 |
And at that time the king of Babylon's army was besieging Jerusalem; and Jeremiah the prophet was shut up in the court of the prison, which was in the house of the king of Judah;
چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «نېمىشقا سەن: «مانا، مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ؛ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا كالدىيلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىدۇ، ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدۇ. ئۇ زەدەكىيانى بابىلغا ئاپىرىدۇ، ئۇ مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ تولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ سىلەر كالدىيلەر بىلەن قارشىلاشساڭلارمۇ غەلىبە قىلالمايسىلەر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» ــ دەپ بېشارەت بېرىسەن؟» ــ دەپ ئۇنى قاماپ قويغانىدى). | 3 |
Because Zedekiah the king of Judah had shut him up, saying, Wherefore art thou prophesying, saying, Thus hath said the Lord, Behold, I will give up this city into the hand of the king of Babylon, and he shall capture it.
And Zedekiah the king of Judah shall not escape out of the hand of the Chaldeans, because he shall surely be given up into the hand of the king of Babylon, and his mouth shall speak to his mouth, and his eyes shall behold his eyes;
And to Babylon shall he lead Zedekiah, and there shall he remain until I think of him, saith the Lord: though ye fight with the Chaldeans, ye shall not prosper.
يەرەمىيا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى ــ دېدى: ــ | 6 |
And Jeremiah said, The word of the Lord came unto me, saying,
مانا، تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى ھانامەئەل يېنىڭغا كېلىپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋال؛ چۈنكى ئۇنى سېتىۋېلىشقا سېنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇڭ بار» ــ دەيدىغان بولىدۇ. | 7 |
Behold, Chanamel the son of Shallum thy uncle is coming unto thee, saying, Buy for thyself my field that is in 'Anathoth; for unto thee belongeth the right of redemption to buy it.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەل، قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «بىنيامىننىڭ زېمىنىدىكى مېنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋالغايسەن؛ چۈنكى ھەمجەمەت ھوقۇقى سېنىڭكىدۇر؛ ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋال» ــ دېدى؛ ئاندىن مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. | 8 |
And there came to me Chanamel my uncle's son according to the word of the Lord into the court of the prison, and he said unto me, Buy, I pray thee, my field, that is in 'Anathoth, which is in the land of Benjamin; for to thee belongeth the right of inheritance, and to thee belongeth the redemption, buy it for thyself: then did I know that it was the word of the Lord.
شۇڭا مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلدىن ئاناتوتتىكى بۇ ئېتىزنى سېتىۋالدىم؛ پۇلنى، يەنى ئون يەتتە شەكەل كۈمۈشنى گىرگە سېلىپ ئۆلچىدىم. | 9 |
And I bought the field from Chanamel my uncle's son, that is in 'Anathoth; and I weighed out unto him the money, seven shekels, and ten pieces of silver.
مەن توختام خېتىگە ئىمزا قويۇپ، ئۈستىگە مۆھۈرنى بېسىپ پېچەتلىدىم؛ بۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ بەرگۈزدۇم، كۈمۈشنى تارازىغا سالدىم؛ | 10 |
And I wrote it in a deed, and sealed it, and had it certified by witnesses, and weighed the money in balances.
توختام خېتىنى قولۇمغا ئالدىم، ــ بىرسىدە سودا تۈزۈمى ۋە شەرتلىرى خاتىرىلىنىپ پېچەتلەنگەن، يەنە بىرسى پېچەتلەنمىگەنىدى ــ | 11 |
And I took the deed of the purchase, both that which was sealed, according to the law and custom, and that which was open;
ۋە مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلنىڭ كۆز ئالدىدا، بۇ سودا خېتىگە ئىمزا قويغان گۇۋاھچىلار ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا خەتلەرنى مائاسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇردۇم. | 12 |
And I gave the deed of the purchase unto Baruch the son of Neriyah, the son of Machseyah, before the eyes of Chanamel my kinsman, and before the eyes of the witnesses that had signed the deed of the purchase, before the eyes of all the Jews that were sitting in the court of the prison.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارۇققا مۇنداق تاپىلاپ دېدىم: ــ | 13 |
And I charged Baruch before their eyes, saying,
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەتلەرنى، يەنى پېچەتلەنگەن ۋە پېچەتلەنمىگەن بۇ توختام خەتلىرىنى ئېلىپ، بۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانسۇن دەپ ساپال ئىدىش ئىچىگە سالغىن؛ | 14 |
Thus hath said the Lord of hosts, the God of Israel, Take these deeds, this deed of the purchase, both the sealed, and this open deed, and place them in an earthen vessel, in order that they may last many days.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ كەلگۈسىدە بۇ زېمىندا ھەم ئۆيلەر، ھەم ئېتىزلار، ھەم ئۈزۈمزارلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ. | 15 |
For thus hath said the Lord of hosts, the God of Israel, Yet again shall there be bought houses and fields and vineyards in this land.
مەن توختام خېتىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ | 16 |
And I prayed to the Lord after I had delivered the deed of the purchase unto Baruch the son of Neriyah, saying,
«ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ | 17 |
Ah Lord Eternal! behold, it is thou that hast made the heavens and the earth by thy great power and by thy outstretched arm; nothing is too wonderful for thee;
سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛ | 18 |
Thou exercisest kindness unto the thousandth [generation], and recompensest the iniquity of the fathers unto the bosom of their children after them; [thou art] the Great, the Mighty God, the Lord of hosts is his name;
ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە [ئىنئام ياكى جازا] قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛ | 19 |
Great in counsel, and mighty in execution: [thou] whose eyes are open over all the ways of the sons of man, to give unto every one according to his ways, and according to the fruit of his doings;
ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. | 20 |
Who hast displayed signs and wonders in the land of Egypt, up to this day, and in Israel, and among other men; and thou hast made thyself a name, as it is at this day;
سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛ | 21 |
And thou didst bring forth thy people Israel out of the land of Egypt with signs, and with wonders, and with a strong hand, and with an outstretched arm, and with great terror;
سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن. | 22 |
And thou gavest them this land, which thou hadst sworn to their fathers to give unto them, a land flowing with milk and honey;
ئۇلار دەرۋەقە زېمىنغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغان؛ لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىغان، تەۋرات-قانۇنۇڭدا ماڭمىغان؛ ئۇلارغا ئەمر قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان؛ شۇڭا سەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەنسەن. | 23 |
And they came in, and took possession of it; but they hearkened not to thy voice, and in thy law they did not walk; all that thou hadst commanded them to do they did not do: and thou hast therefore caused all this evil to befall them.
مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن. | 24 |
Behold the mounds reach unto the city to capture it; and the city is given up into the hand of the Chaldeans, who fight against it, because of the sword, and of the famine, and of the pestilence: and what thou hast spoken is come to pass; and, behold, thou seest it.
لېكىن سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ». | 25 |
And yet thou hast said unto me, O Lord Eternal, Buy for thyself the field for money, and have it certified by witnesses: while the city is given up into the hand of the Chaldeans.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 26 |
Then came the word of the Lord unto Jeremiah, saying,
مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟ | 27 |
Behold, I am the Lord, the God of all flesh: shall any thing be too wonderful for me?
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەرنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا ۋە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ. | 28 |
Therefore thus hath said the Lord, Behold, I will give up this city into the hand of the Chaldeans, and into the hand of Nebuchadrezzar the king of Babylon, and he shall capture it:
بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەر ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۈستىدە مېنى غەزەپلەندۈرۈپ بائالغا ئىسرىق ياققان، يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغان. | 29 |
And the Chaldeans, that fight against this city, shall come and set this city on fire, and burn it, with the houses upon the roofs of which they have offered incense unto Ba'al, and have poured out drink-offerings unto other gods, in order to provoke me to anger;
چۈنكى ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ياشلىقىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمدا پەقەت رەزىللىكلا قىلىپ كەلمەكتە؛ ئىسرائىللار پەقەتلا ئۆز قوللىرى ياسىغانلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 30 |
For the children of Israel and the children of Judah have been doing only what is evil in my eyes from their youth; for the children of Israel have been only provoking me to anger with the work of their hands, saith the Lord.
چۈنكى بۇ شەھەر قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىمنى شۇنداق قوزغىغۇچى بولۇپ كەلدىكى، مەن ئۇنى ئۆز يۈزۈم ئالدىدىن يوقاتمىسام بولمايدۇ. | 31 |
For to excite my anger and my fury hath been unto me this city from the day that they built it, even until this day; so that I will remove it from before my presence:
ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن [شەھەرنى يوقىتىمەن]. | 32 |
Because of all the wickedness of the children of Israel and of the children of Judah, which they have done to provoke me to anger, they, their kings, their princes, their priests, and their prophets, and the men of Judah, and the inhabitants of Jerusalem;
ئۇلار ماڭا يۈزىنى قاراتقان ئەمەس، بەلكى ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تەتۈر قارىغان؛ گەرچە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاڭلىماي تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. | 33 |
And they turned unto me the back, and not the face: though [my prophets] taught them, rising up early and teaching; yet they hearkened not to receive instruction.
ئۇلار ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى سېلىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ | 34 |
But they placed their abominations in the house, which is called by my name, to defile it.
ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن. | 35 |
And they built the high-places of Ba'al, which are in the valley of the son of Hinnom, to cause their sons and their daughters to pass through [the fire] unto Molech; which I had not commanded them, and which had not come into my mind, to practise this abomination, in order to mislead Judah to sin.
سىلەر مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق: «دەرھەقىقەت، ئۇ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئارقىلىق بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ!» ــ دەۋاتىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق ھازىر مۇنداق دەيدۇ: ــ | 36 |
But now, therefore, thus hath said the Lord, the God of Israel, concerning this city, whereof ye say, it is given up into the hand of the king of Babylon through the sword, and through the famine, and through the pestilence:
مانا مەن، مەن ئۇلارنى غەزىپىم، قەھرىم ۋە زور ئاچچىقىم بىلەن ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى ئامان-تىنچلىقتا تۇرغۇزىمەن. | 37 |
Behold, I will gather them out of all the countries, whither I have driven them in my anger, and in my fury, and in great wrath; and I will bring them back again unto this place, and I will cause them to dwell in safety;
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. | 38 |
And they shall be unto me for a people, and I will be unto them for a God:
مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن. | 39 |
And I will give them one heart, and one manner, to fear me at all times, that it may be well with them, and with their children after them;
مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن. | 40 |
And I will make with them an everlasting covenant, that I will not turn away from them, to do them good on my part; and my fear will I place in their heart, so that they may not depart from me.
مەن ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ شادلىنىمەن ۋە پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇلارنى مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرغۇزىمەن! | 41 |
And I will be glad over them to do them good; and I will plant them in this land in truth, with all my heart and with all my soul.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن خۇددى بۇ خەلقنىڭ بېشىغا بۇ دەھشەتلىك كۈلپەتنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرگىنىمدەك، مەن ئۇلار توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بارلىق بەخت-بەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ | 42 |
For thus hath said the Lord, Just as I have brought upon this people all this great evil, so will I bring upon them all the good that I speak concerning them.
سىلەر مۇشۇ زېمىن توغرۇلۇق: «ئۇ ۋەيرانە، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىزدۇر؛ كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان!» دەيسىلەر. لېكىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭدا ئېتىزلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ! | 43 |
And the field shall yet be bought in this land, whereof ye say, It is desolate without man or beast, it is given up into the hand of the Chaldeans.
بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، [جەنۇبتىكى] تاغلىق شەھەرلىرىدە، غەربتىكى «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، [يەھۇدانىڭ] جەنۇبىي باياۋانلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ كىشىلەر قايتىدىن كۈمۈشكە ئېتىزلارنى سېتىۋالىدۇ، توختام خەتلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، مۆھۈرلەپ، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھقا ھازىر قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 44 |
Men shall buy fields for money, and write it in deeds, and seal it, and certify it by witnesses, in the land of Benjamin, and in the environs of Jerusalem, and in the cities of Judah, and in the cities of the mountain, and in the cities of the lowlands, and in the cities of the south; for I will cause their captivity to return, saith the Lord.