< يەرەمىيا 31 >

شۇ ۋاقىتتا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 1
“Saa ɛberɛ no,” Awurade na ɔseɛ, “Mɛyɛ Israel mmusuakuo no nyinaa Onyankopɔn, na wɔbɛyɛ me nkurɔfoɔ.”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان؛ مەن كېلىپ ئۇلارنى ئارام تاپقۇزىمەن. 2
Deɛ Awurade seɛ nie: “Nnipa a wɔntotɔ wɔ akofena ano no bɛnya adom wɔ anweatam so; mede ahomegyeɛ bɛbrɛ Israel.”
پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن. 3
Awurade daa ne ho adi kyerɛɛ yɛn kane no na ɔkaa sɛ, “Mede ɔdɔ a ɛnsa da adɔ mo mede adɔeɛ atwe mo.
مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن. 4
Mede wo bɛsi hɔ bio na wɔbɛsane de wo asi hɔ, Ao Israel babunu. Wobɛfa wʼakasaeɛ bio na wafiri adi ne anigyefoɔ akɔsa.
سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ. 5
Bio, mobɛyɛ bobe nturo wɔ Samaria nkokoɔ so; akuafoɔ no bɛdua na wɔadi so aba.
چۈنكى ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: «تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا زىئونغا چىقايلى!» ــ دەپ نىدا كۆتۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ. 6
Ɛda bi bɛba a, awɛmfoɔ bɛteam wɔ Efraim nkokoɔ so sɛ, ‘Mommra momma yɛnforo nkɔ Sion nkɔ Awurade yɛn Onyankopɔn nkyɛn.’”
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ: «ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى قۇتقۇزغايسەن!» ــ دەڭلار! 7
Deɛ Awurade seɛ nie: “Momfa ahosɛpɛ nto nnwom mma Yakob; Monteam mma amanaman mu dikanfoɔ. Momma wɔnte mo ayɛyie na monka sɛ, ‘Ao Awurade gye wo nkurɔfoɔ, Israel nkaeɛfoɔ no.’
مانا، مەن ئۇلارنى شىمالىي يۇرتلاردىن ئېپكېلىمەن، يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يىغىمەن؛ ئۇلار ئارىسىدا ئەمالار ۋە توكۇرلار بولىدۇ؛ ھامىلىدار ۋە تۇغاي دېگەنلەر بىللە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلۇغ بىر جامائەت بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. 8
Hwɛ, mede wɔn bɛfiri atifi fam asase so aba na maboa wɔn ano afiri nsase ano. Wɔn mu bi bɛyɛ anifirafoɔ, mpakye, apemfoɔ ne mmaa a wɔwɔ awokoɔ mu. Ɛdɔm kɛseɛ bɛsane aba.
ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئۇلارنى يېتەكلەيمەن؛ مەن ئۇلارنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدا، ھېچ پۇتلاشمايدىغان تۈز يول بىلەن يېتەكلەيمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىلغا ئاتا بولىمەن، ئەفرائىم بولسا مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر. 9
Wɔde esu na ɛbɛba; wɔbɛbɔ mpaeɛ ɛberɛ a mede wɔn resane aba. Mede wɔn bɛfa nsuwa ho, ɛkwan tamaa a wɔrensunti wɔ so, ɛfiri sɛ mɛyɛ Israel agya, na Efraim yɛ me babarima piesie.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئەللەر، دېڭىز بويىدىكى يىراق يۇرتلارغا: ــ «ئىسرائىلنى تارقاتقۇچى ئۇنى قايتىدىن يىغىدۇ، پادا باققۇچى پادىسىنى باققاندەك ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ 10
“Montie Awurade asɛm, Ao amanaman; mommɔ no dawuro wɔ mpoano nsase a ɛwɔ akyirikyiri so sɛ, ‘Deɛ ɔbɔɔ Israel peteeɛ no bɛboaboa wɔn ano na wahwɛ ne nnwankuo so sɛ odwanhwɛfoɔ.’
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆزىدىن زور كۈچلۈك بولغۇچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان!» ــ دەپ جاكارلاڭلار. 11
Na Awurade bɛgyina mu ama Yakob na wagye wɔn afiri wɔn a wɔwɔ ahoɔden sene wɔn no nsam.
ئۇلار كېلىپ زىئوندىكى ئېگىزلىكلەردە شاد-خۇراملىقتا توۋلايدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىن، يەنى يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن، مال-ۋاراننىڭ قوزىلىرىدىن بەرق ئۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جېنى خۇددى مول سۇغىرىلغان باغدەك بولىدۇ، ئۇلار ئىككىنچى ھېچ سولاشمايدۇ. 12
Wɔbɛba na wɔde ahurisie ateam wɔ Sion sorɔnsorɔmmea; wɔbɛsɛpɛ wɔn ho wɔ akyɛdeɛ bebrebe a ɛfiri Awurade hɔ mu, atokoɔ, nsã foforɔ ne ngo, nnwammaa ne anantwie. Wɔbɛyɛ sɛ turo a wɔagugu so nsuo yie, na wɔrenni awerɛhoɔ bio.
شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ، يىگىتلەر ۋە مويسىپىتلارمۇ تەڭ شۇنداق بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى شاد-خۇراملىققا ئايلاندۇرىمەن؛ مەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، دەرد-ئەلىمىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرىمەن. 13
Afei, mmabaawa bɛsa na wɔn ani agye, mmeranteɛ ne nkɔkoraa nso. Mɛma wɔn awerɛhoɔ adane anigyeɛ; mɛma wɔn ahotɔ ne ahosɛpɛ asi awerɛhoɔ anan mu.
مەن كاھىنلارنى مولچىلىق بىلەن تويغۇزىمەن، خەلقىم ئىلتىپاتىمغا قانائەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 14
Mɛma asɔfoɔ no deɛ ɛhia wɔn ama abu so, na mama mʼakyɛdeɛ bebrebe amee me nkurɔfoɔ,” Awurade, na ɔseɛ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ، ــ بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ. 15
Yei ne deɛ Awurade seɛ: “Wɔte nne bi wɔ Rama, awerɛhoɔ ne agyaadwotwa bebree, Rahel resu ne mma na ɔmpɛ sɛ wɔkyekyere ne werɛ, ɛfiri sɛ, ne mma nni hɔ bio.”
پەرۋەردىگار [ئۇنىڭغا] مۇنداق دەيدۇ: ــ يىغا-زارىڭنى توختات، كۆزلىرىڭنى ياشلاردىن تارت؛ چۈنكى مۇنۇ تارتقان جاپايىڭدىن مېۋە بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار دۈشمەننىڭ زېمىنىدىن قايتىدۇ؛ 16
Yei ne deɛ Awurade seɛ: “Hyɛ wo ho so na woansu mia wʼani na woante nisuo, ɛfiri sɛ wɔbɛtua wʼadwumayɛ so ka,” Awurade na ɔseɛ. “Wɔbɛsane afiri atamfoɔ no asase so aba.
بەرھەق، كېلەچىكىڭ ئۈمىدلىك بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە سېنىڭ بالىلىرىڭ يەنە ئۆز چېگرىسىدىن كىرىپ كېلىدۇ. 17
Enti anidasoɔ wɔ hɔ ma wo daakye.” Awurade na ɔseɛ. Wo mma bɛsane aba wɔn ankasa asase so.
مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، بىز شۇنىڭ بىلەن توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىمىز، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن؛ 18
“Ampa ara mate sɛ Efraim resu sɛ, ‘Wotenetenee me so sɛ nantwie ba a nʼani yɛ den, na woatwe me mʼaso. Gye me bio, na mɛsane aba, ɛfiri sɛ wo ne Awurade, me Onyankopɔn.
چۈنكى بىز توۋا قىلدۇرۇلۇشىمىز بىلەن ھەقىقەتەن توۋا قىلدۇق؛ بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق؛ بىز ياشلىقىمىزدىكى [قىلمىشنىڭ] شەرم-ھاياسى تۈپەيلىدىن نومۇس قىلىپ، خىجالەتتە قالدۇق!» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 19
Memaneeɛ akyi no, menyaa adwensakyera; na akyire a menyaa nteaseɛ no, mede awerɛhoɔ boroo me koko so. Mʼanim guu ase na mefɛreeɛ ɛfiri sɛ me mmabunu mu animguaseɛ da so so me.’
ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟ چۈنكى مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەردائىم كۆڭلۈمدە سېغىنىمەن؛ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئۇنىڭغا ئاغرىۋاتىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىسام بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 20
Efraim nyɛ me babarima dɔfoɔ anaa? Efraim nyɛ ɔba a ɔsɔ mʼani anaa? Ɛwom sɛ metaa kasa tia no deɛ, nanso meda so kae no. Enti mʼakoma pere hwehwɛ no; mewɔ ayamhyehyeɛ ma no,” sei na Awurade seɛ.
ــ شۇڭا ئۆزۈڭگە يول بەلگىلىرىنى بېكىتىپ قويغىن؛ سەن سۈرگۈنگە ماڭغان يولغا، شۇ كۆتۈرۈلگەن يولغا كۆڭۈل قويۇپ دىققەت قىلغىن؛ ھازىر شۇ يول بىلەن قايتىپ كەل، ئى جان-جىگىرىم ئىسرائىل قىزى، مۇشۇ شەھەرلىرىڭگە قاراپ قايتىپ كەل! 21
“Momfa ahyɛnsodeɛ nsisi ɛkwan ho; monsisi akwankyerɛ afadum. Monhyɛ ɛkwantempɔn no nso ɛkwan a monam so ba. Sane wakyi, Ao ɔbabunu Israel, sane bra wo nkuro so.
سەن قاچانغىچە تېنەپ يۈرىسەن، ئى يولدىن چىققۇچى قىزىم؟ چۈنكى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ! 22
Wobɛkyinkyini akɔsi da bɛn, Ao, ɔbabaa ɔsesafoɔ? Awurade bɛyɛ ade foforɔ wɔ asase so, ɔbaa bɛbɔ ɔbarima ho ban.”
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە [يېرۇسالېم توغرۇلۇق]: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ. 23
Yei ne deɛ Asafo Awurade, Israel Onyankopɔn no seɛ: “Sɛ mesane de wɔn firi nnommumfa mu ba a, nnipa a wɔwɔ Yuda asase ne nkuro so bɛsane aka saa nsɛm yi bio sɛ, ‘Awurade nhyira wo, Ao, tenenee atenaeɛ, Ao, bepɔ kronkron.’
شۇ يەردە يەھۇدا ــ شەھەرلىرىدىكىلەر، دېھقانلار ۋە پادا باققۇچى كۆچمەن چارۋىچىلار ھەممىسى بىللە تۇرىدۇ. 24
Nnipa bɛbom atena ase wɔ Yuda ne ne nkuro nyinaa so, akuafoɔ ne wɔn a wɔde wɔn nnwankuo nenam.
چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن. 25
Mɛma deɛ wabrɛ no anya ahoɔden foforɔ, na deɛ watɔ baha no nso mɛma no amee.”
ــ مەن [يەرەمىيا] بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن. 26
Ɛha na menyaneeɛ, na mehwɛɛ me ho hyiaeɛ. Me nna no kɔɔ me yie.
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىدە ۋە يەھۇدا جەمەتىدە ئىنسان نەسلىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى تېرىپ ئۆستۈرىمەن. 27
“Nna bi reba,” Awurade na ɔseɛ, “a mede nnipa mma ne mmoa mma bɛdua Israel ne Yuda efie.
شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئۇلارنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا نەزىرىمنى سالغاندەك، مەن ئۇلارنى قۇرۇش ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا نەزىرىمنى سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 28
Sɛdeɛ mehwɛ ma wɔtutuiɛ, wɔdwiriiɛ, wɔbubuiɛ, wɔsɛeɛ na wɔde amanehunu baeɛ no, saa ara na mɛhwɛ ama wɔasi na wɔadua,” sɛdeɛ Awurade seɛ nie.
شۇ كۈنلەردە ئۇلار يەنە: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ھېچ ئىشلەتمەيدۇ. 29
Saa nna no mu, nnipa renka bio sɛ, “‘Agyanom adi bobe a ɛkeka, na mma se afem.’
چۈنكى ھەربىرسى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلىدۇ؛ ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ. 30
Ɛno enti, obiara bɛwu wɔ ɔno ara bɔne ho; deɛ ɔbɛdi bobe a ɛkeka no, ɔno na ne se bɛfem.
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ 31
“Ɛberɛ no reba,” Awurade na ɔseɛ, “a me ne Israel efie ne Yuda efie bɛyɛ apam foforɔ.
بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 32
Ɛrenyɛ sɛ apam a me ne wɔn agyanom yɛeɛ no ɛberɛ a mesɔɔ wɔn nsa, dii wɔn anim firii Misraim no. Saa ɛberɛ no deɛ, wɔbuu mʼapam so, wɔ ɛberɛ a na meyɛ okunu ma wɔn,” Awurade na ɔseɛ.
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 33
“Nanso yei ne apam a me ne Israel efie bɛyɛ saa ɛberɛ no akyi,” Awurade na ɔseɛ. “Mede me mmara bɛhyɛ wɔn adwene mu, na matwerɛ wɔ wɔn akoma so. Mɛyɛ wɔn Onyankopɔn, na wɔbɛyɛ me nkurɔfoɔ.
شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 34
Na obiara renkyerɛkyerɛ ne yɔnko bio, anaa ne nua sɛ, ‘Hunu Awurade,’ Ɛfiri sɛ, wɔn nyinaa bɛhunu me, ɛfiri wɔn mu akumaa so, kɔsi ɔkɛseɛ so,” Sɛdeɛ Awurade seɛ nie. “Na mede wɔn amumuyɛ bɛkyɛ wɔn, na merenkae wɔn bɔne bio.”
قۇياشنى كۈندۈزدە نۇر بولسۇن دەپ بەرگەن، ئاي-يۇلتۇزلارنى كېچىدە نۇر بولسۇن دەپ بەلگىلىگەن، دولقۇنلىرىنى شارقىرىتىپ دېڭىزنى قوزغايدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ (ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر): ــ 35
Yei ne deɛ Awurade seɛ, deɛ ɔma owia hyerɛn adekyeeɛ, na ɔhyɛ ɔsrane ne nsoromma sɛ wɔnhyerɛn anadwo; deɛ ɔkanyane ɛpo ma ɛbɔ asorɔkye, Asafo Awurade ne ne din.
ــ مۇشۇ بەلگىلىگەنلىرىم مېنىڭ ئالدىمدىن يوقاپ كەتسە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىن بىر ئەل بولۇشتىن مەڭگۈگە قېلىشى مۇمكىن. 36
“Saa ahyɛdeɛ yi twam mpo a,” Awurade na ɔseɛ, “merennyaa Israel da.”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يۇقىرىدا ئاسمانلار مۆلچەرلەنسە، تۆۋەندە يەر ئۇللىرى تەكشۈرۈلۈپ بىلىنسە، ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ھەممە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ تاشلىغۇچى بولىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 37
Yei ne deɛ Awurade seɛ: “Sɛ wɔbɛtumi asusu ewiem ntrɛmu na wɔatumi ahwehwɛ asase ase fapem mpo a, ɛwom sɛ Israel ayɛ bɔne deɛ, nanso merempa Israel asefoɔ nyinaa da,” Awurade na ɔseɛ.
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شەھەر مەخسۇس ماڭا ئاتىلىپ «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن «دوقمۇش دەرۋازاسى»غىچە قايتىدىن قۇرۇلىدۇ؛ 38
“Nna no reba,” Awurade na ɔseɛ, “a wɔbɛkyekyere kuropɔn yi bio ama me, firi Hananel abantenten kɔsi Twɛtwɛwaso Ɛpono.
ئۆلچەم تانىسى قايتىدىن ئۆلچەش ئۈچۈن شۇ يەردىن «گارەب دۆڭى»گىچە، ئاندىن گوئاتقا بۇرۇلۇپ سوزۇلىدۇ؛ 39
Wɔbɛtwe susuhoma no mu, afiri hɔ de akɔsi Gareb kokoɔ so, na akontono akɔ Goa.
جەسەتلەر ۋە [قۇربانلىق] كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا، شۇنداقلا كىدرون دەرياسىغىچە ھەم شەرقكە قارايدىغان «ئات دەرۋازىسى»نىڭ دوقمۇشىغىچە ياتقان ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ شەھەر قايتىدىن ھېچ يۇلۇپ تاشلانمايدۇ، ھەرگىز قايتىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانمايدۇ. 40
Bɔnhwa a wɔto afunu ne nsõ gu mu no nyinaa ne asase a ɛkɔ Kidron bɔnhwa wɔ apueeɛ fam, kɔsi apɔnkɔ ɛpono no twɛtwɛwaso bɛyɛ kronkron ama Awurade. Wɔrentutu na wɔrensɛe kuropɔn no da.”

< يەرەمىيا 31 >